قاپاق ھۈنەر-سەنئىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم(1)

2009-06-19 01:25 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 228 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

قاپاق ھۈنەر سەنئىتى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن ئىلىگىرى ھۈنەر سەنئەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋىلىش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.

ھۈنەر سەنئەت – ئەمىلىي ئىشلىتىش ۋە تىزىپ قويۇش مەخسىتىدە بەلگىلىك ماددى ماتېرىيال ۋە ھۈنەر سەنئەت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ،گۈزەللىك پىرىنسىپى بويىچە لايىھىلەنگەن،ياسالغان بويۇملارنىڭ ھەممىسى ھۈنەر-سەنئەت ھېساپلىندىغان بولۇپ،ھۈنەر-سەنئەت ئەملىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت ۋە كۆرۈپ زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بىزنىڭ بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغان قاپاق ھۈنەر سەنئىتى دەل كۆرۈپ زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە ھۈنەر سەنئەت تۈرىگە تەۋە بولۇپ،قاپاقنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ،سىزىش، ئويۇش،چاپلاش،بىرىكتۈرۈش… قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىشلەنگەن ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىلگىرى ئاتا بوۋىلىرىمىز قاپاقنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۇرمۇشىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بويۇمى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بولسا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن ئۇ تۇرمۇش بويۇمىلا ئەمەس بەلكى بىر خىل ئەنئەنىۋىلىكنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ ،كىشلەر خىلى چوڭ بىلىدىغان بويۇمغا ئايلاندى ۋە بۇخىل ھالەت مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بولغان ھۈنەر-سەنئەتتىمۇ تىزلا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ ،«قاپاق»تىن پايدىلنىپ مىللىي خۇسۇسىيەتنى ،مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەيدىغان ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرىنى ئىشلەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.

قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ،ھازىر ئىشلىنۋاتقان قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ،ئۇيغۇر مىمارچىلىق(بىناكارلىق)سەنئىتى،ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ،كىيىم-كىچەك ،زىبۇ-زىننەت ئۆرنەكلىرى ئاساس قلىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىرتقا يۈزلەندۈرۈشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان كۆپ خىل يېزىق ،كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ بار.

مېنىڭچە قانداق مەزمۇن تاللىنىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئىشلىگۈچىدە ئۆزى تاللىغان تېما(مەزمۇن)غا قارىتا بەلگىلىك تونۇش،چۈشەنچەھەمدە قىزغىنلىق بولىشى كېرەك ،شۇندىلا باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئىرىشكىدەك ئىسىل قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ چىققىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مېنىڭ يېقىنىقى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەمىلىيتى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئىشلىگەن قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئىشلەتكەن ماتېرىيال ،ئىشلەش ئۇسۇلى ،ئىشلەش جەريانىغا ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن سىزىلغان ،ئويۇلغان ۋە چاپلاپ بىرىكتۈرۈلگەن،سىزىش بىلەن ئويۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئويۇش بىلەن چاپلاپ بىرىكتۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن دەپ بەش  تۈرگە بۆلىندىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.

تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ يۇقارقى تۈرلەرگە بولغان چۈشەنچەمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.

1.   سىزىلغان قاپاق ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى:

 بۇ ھەرخىل بوياق ماتېرىياللىرى ۋە داغمال ئىشلىتىپ،سىزىش،كۆيدۈرۈش ۋاستىسى بىلەن ئىشلەنگەن قاپاق ھۈنەر سەنئەت بويۇملىرىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ ،ماي بوياق ،بېنشى،دۇغ بوياق،كېگىزچىلىك بويىقى… قاتارلىق بوياق ماتېرىياللىرى ۋە داغمال ئىشلىتىلىپ سىزىلىدۇ ،تېما-مەزمۇن جەھەتتەسىر سىزما بىزەكچىلىك نەقىشلىرى ،مەنزىرە ،ئۆرپ-ئادەت رەسىملىرى ،كىيىم-كىچەك ،زىبۇ-زىننەت ئۆرنەكلىرى..قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ.

ئوچۇق-يورۇق ،يارقىن رەڭلەرنى ئىشلىتىش ،قاپاقنىڭ سىرتقى قىسمىنىڭ سىلىق ،پارقىراق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2.   ئويۇپ ئىشلەنگەن قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرى:

 

مەخسۇس ئىشلەنگەن ئويمىچىلىق پىچاقلىرى بىلەن ئويۇش،قىرىش،يۇنۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىشلەنگەن قاپاق ھۈنەر سەنئەت بويۇملىرى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ،مىمارچىلىق(بىناكارلىق)نەقىشلىرى،ئۇيغۇر خەتتاتلىقى،قاپارتما ھەيكەل ..قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئىشلەشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ .

بۇخىل تۈرنى ئىشلىگۈچىدە قاپاققا نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇش ،پىچاق ئىشلىتىش ماھارىتى بولۇش بىلەن بىرگە ئىنچىكىلىك ،ئەستايىدىل بولۇش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ ،بۇنداق بولمىغاندا ئازراق ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى نازۇك جايلار بۇزۇلۇش ،تشىلىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى پۈتۈن بىر ئەسەرنىڭ ئومىي قۇرۇلمىسىغا،گۈزەللىكىگە نۇخسان يېتىپ قىلىشى مۇمكىن . بەت يۈزىنى لايىھىلىگەندە چوڭ سۈپەت ،ئەركىن-ئازادە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

3.   چاپلاپ،بىرىكتۈرۈپ ياسالغان قاپاق ھۈنەر سەنئەت ئەسەرلىرى:

 

بۇخىل قاپاق ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرىدا قاپاقنىڭ تەبئىي شەكلىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە،ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان مەلۇم شەكىللەرنى چاپلاش،بىرىكتۈرۈش ۋاستىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

مەسلەن:شەكلى ئۆزگىچە بولغان قاپاقلار ،ھەرخىل قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنىڭ شاكىلى…دېگەندەك.

بۇخىل ئۇسۇلداھەرخىل تۇرمۇش بويۇملىرى،ئادەم ئوبرازلىرىنى ئىپادىلەشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ،بۇخىل ئۇسۇلدىن پايدىلنىپ قاپاق ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرىنى ئىشلىگەندە شەكىللەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۈرۈشكە ،تەبئىي شەكىللەرنى ئىمكانقەدەر ئۆزگەرتىۋەتمەسلىككە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە شەكىللەرنىڭ چىڭ،پۇختا بىرىكىشىگە يەنى چاپلاش ،بىرىكتۈرۈشنىڭ مۇقۇملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ماتېرىيال ئىشلىتىش تەننەرخىنى جەھەتتەبۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىگە باشقا خىل تۈرلەرگە نىسبەتەن كۆپرەك ماتېرىيال ۋە كۈچ سەرپ قىلنىشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا دەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىرمەسلە-ماتېرىيال تاللاش ،يەنى«قاپاق» تاللاش مەسلىسىدۇر.

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق قاپاق ھۈنەر-سەنئىتىدىكى ئاساسلىق«پىرسوناژ»-دەل« قاپاق»

قاپاق ھۈنەر سەنئىتىدەگۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە تېخنىكا مۇھىم بولغاندىن باشقا شۇ خىل گۈزەللىك تۇيغۇسىنى ۋە تېخنىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان نەرسە دەل قاپاقنىڭ سىرتقى شەكلى،ئەگەر قاپاقنىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم،كىشىگە يىقىشلىق بولمايدىكەن يۇقىرى تېخنىكا ۋە مول تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەنگەن قاپاق ھۈنەر-سەنئەت ئەسىرىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولالمايدۇ .شۇڭا «قاپاق»تاللىغاندا قاپاق بولسىلا سىتۋالماي شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىش ،بوينى يوق،ئاستى بىلەن ئۈستىنىڭ نىسبىتى پەرقلەنمەيدىغان قاپاقلارنى ئامال بار تاللىماسلىق لازىم.

ئەسكەرتىش:سىزىلغان، ئويۇلغان،چاپلاپ ،بىرىكتۈرۈلگەن قاپاقلار توغرىسىدا ئايرىم توختالغاچقا شۇ نىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى ئىككى تۈر توغرىسىدا ئايرىم توختالمىدىم.

يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ئەمىليىتىم ۋە كۆرگەنلىرىم ئاساسىدا ھىس قىلغانلىرىم بولۇپ، بەلكىم بەزى تەرەپلەردە بەلگىلىك بىر تەرەپلىمىلىكلەر ۋە توغرا بولمىغان جايلار بولىشى مۇمكىن ،شۇڭا كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ «شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ ،مىغىزىنى قوبۇل قىلىش»پىرىنسىپى بويىچە قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.

 

 

 

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.