ئاپتورى:مىكلانگىلو
مىكلانگىلو (1475-1564) ئىتاليەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئۇلۇغ رەسسام،ھەيكەلتاراچ،ئارخىتېكتور
«داۋىد»مەرمەرتاشتىن ياسالغان ھەيكەل بولۇپ ئېگىزلىكى 2.5مېتىر،ئۇلى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە 5.5مېتىر،1501-يىلدىن 1504-يىلغىچە ياسالغان،ھازىر فلورېنسا گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ساقلانماقتا.
بۇ ھەيكەلنى كىشىلەر«غەرب گۈزەل سەنئەت تارىخىدىكى ئەڭ ئوبرازلىق ئەرلەرنىڭ بىرى» دەپ قارايدۇ. بۇ ھەيكەل ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزىم ئىددىيىسىنىڭ كونكىرىتنى ئىپادىلىنىشى بولۇپ ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاساس قىلغان.ھەيكەلنىڭ سىرتىقى كۆرىنىشىدىن قارىغاندا گىرىتسىيە سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىپادىلىسە،ماھىيەت جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئاللىقاچان قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى غايەت زور كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ.مىكلانگىلو بۇ ھەيكەلنى ئويۇشقا تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن بولۇپ ئۇنىڭ ياسىغىنى بىر ھەيكەل بولۇپلا قالماستىن ئىددىيىنى ئازات قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى سىمۋوللۇق ئىپادىلىنىشىدۇر. «داۋىد»گۈزەل سەنئەت تارىخىدا مەڭگۈ پارلاق نۇر چىچىپ تۇرىدۇ.
2011-09-03 12:50:57 گىلەم
Geez, that’s unebliebvale. Kudos and such.
[Reply]