ئىلاۋە: مەن ئىمىنجان مۇئەللىمنىڭ بىرەر سائەتلىك بىۋاستە دەرسىگە قاتنىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالمىغان بولساممۇ ،بىراق ئىمىنجان مۇئەللىمنىڭ گۈزەل سەنئەت ئاساسىي بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك چىقارغان نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن كىتابلىرى ئارقىلىق كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولغان،جۈملىدىن بلوگىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ئاساسىي بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرى ئۇستازنىڭ تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان كىتابلىرىدىن تاللاپ رەتلەنگەن. (بۇنىڭدىن كېيىنكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن)
شۇڭابلوگىمىزنىڭ بۇھەپتىلىك «ئۇستازلىرىمىز» سەھىپىسىدە ئۇيغۇر پورترېت رەسسامىلىقدىكى نامايەندە- ئىمىنجان ئابدۇرېھىم توغرىسىدا تورداشلارغا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
ئىمىنجان ئابدۇرېھىم 1953-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1976-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى(سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى) نىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1976-يىلدىن بۇيان مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بىر مۇنچە ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ ئاپتۇنۇم رايۇن،مەملىكەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇردى ۋە بىر نەچچە ئەسىرى ماكاپاتلاندى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن مەمۇرىي خىزمەت ۋە دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ياراتتى.
ئىمىنجان ئابدۇرېھىم 1997-يىلى 11-ئايدا ياپۇنىيىنىڭ ناگويا سەنئەت ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-سەنئىتى» توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشكە بارغان ھەم شۇ ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە زالىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىي ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان. 2000-يىلى9-ئايدا ياپۇنىيىنىڭ ئوكاياما شەھرىدە يەنە بىر قېتىم ئىجادىي ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ تىرىشىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق «گۈزەل سەنئەتتە قوللىنىدىغان ئادەم ئاناتومىيەسى»، «سىدام سىزما»، «ئىمىنجان ئابدۇرېھىمنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى توپلىمى»، «چەتئەل گۈزەل سەنئىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»(بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان) ۋە «ماي بوياق رەسىم سىزىشنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى.
ئىمىنجان ئابدۇرېھىم ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنتى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالى ئاپتۇرنىڭ «ماي بوياق رەسىم سىزىشنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى،ئەگەر ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكەۈزۈلدى دەپ قارالسا 24 سائەت ئىچىدە مەزكۇر يازمىنى ئۆچۈرۋىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
تورداشلار ئىمىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىنى،شارائىت يار بەرسە يۇقارقى كىتابلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى سىتىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش