ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى، فۇتۇسى : قەشقەر پىداگوگىكا ئىىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان «1-ماي»ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ،گۈزەل يۇرت، ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېجاد قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، گۈزەل يۇرتىنىڭ تاغ-دەريالىرىنى مەدھىيەلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ ئېجاد قىلىغان « يۇرتۇم»، « گۈزەل تاشقورغان»، «ۋەتىنىمنىڭ تاغ دەريالىرى» قاتارلىق تېمىلاردىكى 75 پارچە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلۇپ، كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ ( قەشقەر شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى )
2012-04-21 08:44:16 گىلەم
ئاۋۇ بەلباغنى مەن باغلىغان.. قارىغاندا مەن سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا تارتىلغان سۈرەتلەر ئوخشايدا ئاۋۇ
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئاپرېل 21st, 2012 at 15:42
ئاللا، ئاللا، ئۆزلىرىنىڭ جامالىنى بىر كۆرسەك بولىتى.
[Reply]
2012-04-23 10:43:09 كىگىز
25- چىسلا باتۇرجان(تۇغلان) نىڭ ھۆسنخەت كۆرگەزمىسى بولماقچى، بولسا بىر دىدار كۆرۈشسەك( ۋاقىتلىرى چىقسا) قېنى ئەمىسە يوللىرىغا قارايمەن جۇما!
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئاپرېل 25th, 2012 at 15:02
مەنغۇ باردىم، سىلىنى ھىچ كۆرمىدىم.
[Reply]