[كۆچۈرۈلمە] «دانتى بىلەن سۆھبەت»- بىر پارچە رەسىمدە 103 ئوبراز

2012-04-10 14:04 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 104 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

مەزكۇر ماي بوياق رەسىمنى بەلكىم كەسىپداشلىرىمىز ئىلگىرى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بىراق تەپسىلي چۈشەنچىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز . مەنمۇ ھەم ئىلگىرى بۇ رەسىمنى كۆرگەن بولساممۇ بۇ رەسىمنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا بىر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن. ۋەتەن بلوگىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى يازمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رەسىم توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇ رەسىمنىڭ تەپسىلاتى  توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ كەسىپداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈش مەقسىتىدە ۋەتەن بلوگىدىن  كۆچۈرۈپ كېلىندى. يازمىنىڭ يازما ھوقۇقى ۋەتەن بلوگىدا.

يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: http://weten.me/?p=49

تۆۋەندىكسى ۋەتەن بلوگىنىڭ مەزكۇر رەسىمگە بەرگەن چۈشەنچىسى:

مەزكۇر ماي بوياق رەسىمنىڭ ئەسلى نامى « دانتې بىلەن ئىلاھ كۈيى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش» بولۇپ ،بۇ رەسىمنى دەي دۇدۇ ، لى تېيزى ۋە جاڭ ئەنجۈن ئىسىملىك ئۈچ نەپەر ھازىرقى زامان جۇڭگو رەسسامى بىرلىكتە توپتۇغرا بىريىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقارغان .
مەن ئىلگىرى توردا بۇ رەسىمنى كۆرگەن بولساممۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك ماتېرىيال كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن ،بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ھەجىملىك ئەسەر ئىكەن .رەسىمنىڭ ئومۇمىي چوڭلۇقى  : كەڭلىكى 6متېر ئىگىزلىكى 2.6مېتر بولۇپ  رەسىمدە جەمئىي 103نەپەر كىشىنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەنگەن .
ئەلۋەتتە بۇ رەسىمنى كۆرگەن چېغىمىزدا دۇنيا تارىخىنى ئۆگەنگەنلىرىمىز بولسا دۇنياغا مەشھۇر ئەسەررافىللونىڭ «ئافىنادىكى ئېقىملار» ناملىق ماي بوياق رەسىمى كۆزئالدىمىزغا كېلىدۇ . قارىغاندا بۇ ئۈچ نەپەر رەسساممۇ شۇ رەسىمدىن ئىلھام ئالغان بولىشى مۇمكىن .، ئەمما «ئافىنادىكى ئېقىملار» دا گەۋدىلەنگىنى قەدىمكى زاماندىكى مەشھۇر پەيلاسوپلار بولسا بۇنىڭدا تەسۋېرلەنگىنى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى سىياسىي ، مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ..قاتارلىق ساھەلەردىكى مەشھۇر كىشلەردۇر .
بۇ رەسىمدە زادى كىملەر بار ؟
رەسىمگە سىنچىلاپ قاراپ باقساق خىلى كۆپ كىشلەرنى تۇنىيالىىشمىز ياكى پەرەز قىلىشىمىز تەبىئىي .ئەمەلىيەتتە رەسساملار بۇ رەسىم قۇرۇلمىسى ھەققىدە خىلى كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ باھاسىغائاساسەن بۇ ئوبرازلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان .پۈتكۈل رەسىمنىڭ مەركىزى نۇقتىسى دەل ماۋزىدۇڭدۇر .
ئۇندىن باشقا بۇنىڭدا غەيرىي رەسىمى «مەشھۇر كىشى»لەردىن گەندىنىڭ يېنىدا تۇرغان ،دۇنيادىكى تۇنجى كلۇن قوي «دوللىي» ۋە رەسىمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بالكۇندا دانتى بىلەن سۆھبەتلەشكەچ تۆۋەندىكى مەشھۇرلارنى كۈزىتىپ تۇرغان ئۈچ نەپەر كىشى -يەنى دەل مۇشۇ رەسىمنىڭ ئىجادكارلىرى دەي دۇدۇ ، لى تېيزى ۋە جاڭ ئەنجۈنلەردۇر .
قالغان 99نەپەر كىشى رەسساملارنىڭ نەزەرىدىكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر كىشلەردۇر  ئۇلار بولسا :
1.ئارخىمىد  2.گەيتىس 3. سۈيجىيەن  4. لېنىن 5.بەيلىي 6. گۈەنيۈ 7. تۇتىنخامۇن فېرئەۋن 8. ھېتلىر 9. مۇسسىلىن 10. سادام 11.چوپىن 12.ھىبۇرىن 13.فىرام 14.لېي فىڭ 15.فورد 16.چاپلىن 17.بېتيۇن 18.گورگىي 19.سۇن جوڭشەن 20.دېڭ شىياۋپىڭ 21.پۇشكىن 22.دېگۇل23.پائۇل 24.كېلنتۇن 25. ئۇلۇغ پېتر 26.لىيۇشاۋلۇڭ 27.ماتس 28.ساچىرخانىم 29.چىرچىل 30.روزۋىلت 31.ھېمىڭۋاي 32.ئېلۋس 33.سىتالىن 34.داۋىنچ 35.ماركس 36.نىتزى37.شېكىسپر 38.مۇزارد 39.چىڭگىزخان 40.ناپولىئۇن 41.گۇۋدىۋاارا 42.كاستىرۇ 43.مارلۇن بىراندۇ 44. ياسىرئەرافات 45.مۇنرۇ 46.جۇئىنلەي 47.ۋاشىڭتۇن 48.لاۋزى 49.ماۋزىدۇڭ50.لىنكۇلىن 51.مارىيە كيۇرى 52. رودىن 53.پىكاسسۇ 54.كايسار 55.بىن لادىن 56.بۇش 57.پاۋاروتتى 58.سالۋادۇر 59.سى شىتەيخۇ 60.جوردان 61.شارۇن 62.چىنالۇت 63.چارلس 64. كوفىي ئاننان 65.لىيۇشىياڭ 66.چى بەيشى 67.چىن شىخۇاڭ 68.گورباچىيۇف 69.دوڭتياۋيىڭجى 70.ترىسسا 71.يۇفىي  72. مىگىلانجىلۇ 73.شاۋ 74.بېسمارك75.تاگۇر 76.رۇسسۇ 77.سۇڭ چىڭلىڭ 78.كوڭزى 79.ۋانگوخ 80.ئىيزىنخۇۋېر 81.لائۇرىك 82.كىر نى ستەي 83.گەندى 84.لى بەي 85.نوھ86.ئىينىشتين 87.تولىستۇي 88.ئاندىرسۇن 89.شېرلىي .تېمپىل 90.تەيسىن 91.پۇتىن 92.جىياڭ جىيشى 93.سامارانچ 94.فىرۇئىد 95.ئىلزابت ئىككىنچى96. لۇشۈن 97.كىم ئىرسىن

رەسىمدە يەنە سەددىچىن ، ئەلئىھرام ۋە ئەنگلىيىدىكى گىگانت تاش تۈۋرۈكلەر قاتارلىق مەدەنىيەت سىمۇۋۇللىرى ئارقا كۆرىنىش قىلىنغان ئۇندىن باشقا رەسىمدىكى شىرە ئۈستىدە سىمۇۋۇ چوڭ داڭقىنى ،ئۈنئالغۇ ،ئاتوم بومبىسى قاتارلىق ئىنسانىيەت ئىختىرالىرى قويۇلغان .
بۇ رەسىم 2006-يىلى تاماملانغان بولۇپ ،دەسلەپتە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قىتىم تەشۋىق قىلىنغان ۋە جوڭگۇ سەنئەت تارىخىدىكى بىر نامايەندىلىك ئەسەر دەپ تەرپلەنگەن .ئۇندىن باشقا بۇ يەنە توردۇنياسىدىمۇ كەڭ تارقىلىپ بىر مەزگىل تورداشلارنىڭ قىزىق نۇقتسىغا ئايلانغان .بەزىلەر بۇ  رەسىمدىن پايدىلىنىپ ئەقىل سىناش ئويۇنلىرىنى ياساپ چىققان .
——–
تەسىرات ۋە ئىنكاس :
مەن رەسسام ئەمەس ياكى بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايمەن شۇڭا سەنئەتلىك تەرىپىدىن بۇ رەسىمگە باھا بىرەلمەيمەن ، ئەمما بۇ رەسىم مېنىڭچە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشڭ مەھسۇلى .بۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر كىشلەرگە كەلسەك بۇ رەسساملارنىڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى خالاس .
بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىر خىيال تۇغۇلدى ،مەيلى تەقلىد قىلغانلىق بولۇپ قالسۇن ، ئارىمىزدىن بىرەر رەسسامىمىز چىقىپ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى 100مەشھۇر شەخىس» دېگەندەك تېمىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە رەسىم سىزىپ چىققان بولسا ئەجەب بىر ئەھمىيەتلىك ئىش بولارئىكەن !؟
_____
مەزكۇر ئەسەرنىڭ چوڭ ،سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇيەردىن كۆرۆڭ:
http://www.my7475.com/wp-content/uploads/2007/11/my747507112827.jpg

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.