Photoshop تىكى بىر نەچچە كىچىك ھۈنەرلەر

2010-07-21 22:59 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 502 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(1پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

ھەممىمىزگە مەلۇمكى تەكشىىكتە لايىھەلەش ساھەسىدە ئەلۋەتتە بىز Adobeشىركىتىنىڭ Photoshop تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قورالىدىن ئايرىلالمايمىز، لايىھەشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال Photoshop تىن ئىش باشلايدۇ مەنمۇ ھەم شۇنداق،  نەچچە يىل بۇرۇن بۇ قورالغا قىزىقىپ قېلىپ ھازىرغىچە ئۆگىنىپ، مەشىق قىلىپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن،  ھازىرمۇ بىر ئۆگەنگۈچى خالاس، بۇ جەرياندىكى بەزى تەجىربىلەرنى كۆپچىللىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساممىكىن  دەيمەن …  

ھەممىسى كۆپ ئۇچرايدىغان كىچىك ھۈنەرلەر، بىلىدىغانلار خاتاسىنى توغىرلاپ قويساڭلار، بىلمەيدىغانلارغا ياخشى. 

( بەزى ئاتالغۇلار چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن خەنزۇچە ئېلىندى، توغرا چۈشىنەرسىزلەر) 

.1 تېز سۈرئەتتە يېڭى ھۈججەت ئېچىش: 

Photoshop تىكى قۇرۇق جايغا (ئادەتتە ھۈججەت ئەتراپىدىكى كۈل رەڭ رايون ) قوش چەكسەك، ھۈججەت ئېچىش كۆزنىكى چىقىدۇ؛

.2ھۈججەت ئەتراپىدىكى كۈلرەڭ رايوننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش:

سىرتۇڭى قورالىنى تاللاپ، Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۈل رەڭ رايوننى چەكسەك، بۇ تەگلىك رايوننىڭ رەڭگى سىز تاللاپ قويغان رەڭ (前景色) گە ئۆزگىرىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز 前景色 نى 25٪ لىك كۈل رەڭ  (R192G192B192) قىلىپ تەڭشەپ بايقىدەك Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ھۈججەت ئەتراپىدىكى تەگلىك رايونىنى چەكسىڭىز بولىدۇ.

.3تېز كۇنۇپكىلار ئارقىلىق قورال تاللاش:

مەشخۇلات قىلىۋېتىپ قورال ئالماشتۇرماقچى بولىسڭىز، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كۇنۇپكىلار ئارقىلىقلا قورالنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.  ھەرقايسى كۆپ قوللىنىلىدىغان قوراللارنىڭ ماس كېلىدىغان كۇنۇپكىللىرى:

  选框-M 移动-V 套索-L 魔棒-W

  喷枪-J 画笔-B 铅笔-N 橡皮图章-S

  历史记录画笔-Y 橡皮擦-E 模糊-R 减淡-O

  钢笔-P 文字-T 度量-U 渐变-G

  油漆桶-K 吸管-I 抓手-H 缩放-Z

  默认前景和背景色-D 切换前景和背景色-X

  编辑模式切换-Q 显示模式切换-F

4. نۇر بەلگىنى ئېنىقلاشتۇرۇش

Caps Lock كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز 画笔ۋە 磁性工具  قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىۋاتقاندا نۇر بەلگە قوشۇش بەلگىسى كۆرۈنىشىگە كېلىدۇ، تاللىماق تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ،  بۇ كۇنۇپكىنى يەنە بىر باسسىڭىز ئەسلىگە قايتىدۇ.

5.  باشقۇرۇش تاختىلىرىنى يوشۇرۇش:

Tab كونۇپكىسىنى باسسڭىز، Photoshop كۆرۈنمە يۈزىدىكى قورال سىتونى، رەڭ، رەسىم قەۋىتى سىتونى قاتارلىق ستون تاختىلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتىدۇ، يەنە بىرنى باسسىڭىز ئەسلىگە كېلىدۇ.

Shift  كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Tab  نى باسسىڭىز، قورال سىتونى يوقىمايدۇ، باشقا سىتونلار يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتىدۇ.

 . 6 تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتۇرۇش:

بەزىدە قوراللارنى ئىشلىتىۋېتىپ، بەزى يەرلىرىنى تەڭشەپ قويۇپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قىلساق بولىدۇ

 

7  .  لومپائەينەك قورالى: 

ھۈججەتنى چوڭلىتىشى ياكى كىچىكلىتىشتە بۇ قورال كۆپ ئىشلەيدۇ، Z كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بۇ قورالنى قوزغىتىمىز  ۋە ياكى Ctrl بىلەن + ياكى  Ctrl بىلەن   -  كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ھۈججەت كۆرۈنىشىنى چوڭلىتىپ كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.

8 . يۆتكەش قورالىنى (Move Tool(移动工具نى ئىشلەتكەندە :

كۇنۇپكا تاختىسىدىكى  يۆلىنىش كۇنۇپكىللىرى ئارقىلىق ھۆججەت ئۈستدىكى سۈرەتلەرنى  بىر پېكسىلدىن يۆتكىگىلى بولىدۇ، Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ يۆلىنىش كۇنۇپكىللىرىنى باسساق 10 پېكسىلدىن يۆتكىگىلى بولىدۇ،  Alt  كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ يۆتكىسەك، شۇ رەسىم قەۋىتىنى كۆچۈرۈپ يۆتكىگىلى بولىدۇ.  (移动选区的拷贝)

مەنبە : تۇغلان لايىھە تورى

 

 

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر1پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. QAWANDAZLAR
    2010-07-25 22:38:59 گىلەم

    مېنىڭ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ سۆزلىگەن سۆرەتلىك نۇسخىسىنى ئاڭلىغۇم بار. بولسا شۇنداق قىلالارسىزمۇ؟

    [Reply]

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.