ئابدۇشۈكۈر ئابدۇسوپۇر ، ئۇيغۇر ، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1992-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،شۇ يىلى قەشقەر شەھەرلىك 8-باشلانغۇچ مەكتەپكە تەخسىىم قىلىنغان.
1996-يىلدىن 1998-يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان.ھازىر قەشقەر شەھەرلىك 8-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇستاز خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان بىر تەرەپتىن گۈزەل سەنئەت مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ئىزچىل تۈردە گۈزەل سەنئەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ بىرقىسىم ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن باشقا «بازار»دېگەن ماي بوياق ئەسىرى 2008-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «باھارنى كۈتىۋىلىش رەسىم ھۆسنىخەت كۆرگەزمىسى»گە تاللانغان.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش