2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ تەكلىپلىك ئەزاسى،قەشقەر رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قەيسەر ھېسامىدىننىڭ «قەشقەر تەسىراتلىرى» ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كۆرگەزمە زالىدا مۇۋاپىقيەتلىك ئېچىلدى.
كۆرگەزمىگە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە قەشقەر سەنئەت مەكتەپ رەھبەرلىرى ،شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئابدۇكېرىم نەسىرىن ، ئابدۈشكۈر كېرىم كۆك ، زۆرەم ياسىن ، يالقۇن غازى .. قاتارلىق ئاتاقلىق رەسسام ۋە زىيالىيلار ،ئاخبارات-نەشىرىيات خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشتى.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن قەيسەر ھېسامىدىن ماي بوياق ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىىدىن كۆرۈنۈش
كۆرگەزمىدىكى بىر قىسىم ماي بوياق ئەسەرلەر
بلوگىمىزدىكى ، قەيسەر مۇئەللىمگە مۇناسىۋەتلىك باشقا يازمىلار:
http://atashart.blogbus.com/logs/65399898.html
http://atashart.blogbus.com/logs/74519432.html
مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە سۈرەتلەر تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى
مەنبە:
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-09/15/content_102297.htm
بۇ يازمىنى يوللاشقا يېقىندىن ياردەمدە بولغان بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ،دوستۇم ئەلھەمجان ئەھەت (خۇشنۇت)قا ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
2010-09-16 10:46:27 گىلەم
پائالىيەت ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم.
[Reply]
2010-09-16 11:55:43 كىگىز
رەخمەت كۆرگەزمىگە بارغاندەك بولسۇم
[Reply]
2010-09-17 07:40:35 3#
مۇشۇنداق مىللىي ئۆزلۈككە تۇيۇنغان رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن! مۇبارەك بولسۇن!…
[Reply]
2010-09-20 12:31:56 4#
ئەسەرلەر بەك ياخشى سىزىلىپتۇ. ئاپتۇر تىخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. ئاتەش بلوگىغىمۇ رەخمەت!
[Reply]
2010-09-27 16:43:33 5#
دوستۇم ئاتەش بوشلۇق يىتىشمىگەن بولسا YYFC.com نىڭ تورىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ شۇ يەردىن ئۇلىنىش قىلىسڭىز بوشلۇق ئىسراپ بولمايدىكەن . سىناپ باقاسىز .
[Reply]