ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بۈگۈن مەن نۇرغۇنلىغان رەسساملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن corel painter دېگەن دېتالنى سىلەرگە تەۋىسىيە قىلماقچىمەن . ئەگەر سىز بىر ياخشى رەسىم سىزغۇچى بولسىڭىزلا بۇ دېتالنى بىمالال ئىشلىتىپ كىتەلەيدىكەنسىز. ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېردا رەسىم سىزىشقا بۇلىدىغان دېتاللار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ بىراق . corel painter دېتالىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزگىچە بۇلۇپ بۇنىڭدا رەسىم سىزغاندا ئەمەليەتتە رەسىم سىزغاندىكى ھېسىيات بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . ئىقتىدارلىرى سۇ بوياق ، ماي بوياققا ئوخشاش ئۈنۈم بىلەن رەسىم سىزىپ چىققىلى بولىدۇ . سىزىش تاختىسى ئارقىلىق رەسىم سىزغاندا قەلەمنىڭ يانتۇلۇقىنى تونۇيدۇ .ھەرخىل چوتكا ئىقتىدارلىرى بار بۇلۇپ ھەر قايسى چوتكىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار. ئەگەر سىز بۇ دېتالغا قىزىقسىڭىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشىرى : corel painter 12 .
ئەسكەرتىش : ( رەسىم سىزغاندا چوقۇم سىزىش تاختىسى ئارقىلىق سىزىش تەلەپ قىلىنىدۇ ) .
تۆۋەندىكى ئەسەرلەر corel painter دېتالى ئارقىلىق سىزىپ چىقىلغان ئەسەرلەر ئىكەن . بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى .
رەسىم مەنبەسى : zcool.com.cn
2011-06-13 17:33:07 گىلەم
بۇدىتالنىڭ نامىغۇ مەنمۇ رەسىم سىزغاندا مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتەتتىم،قارىغاندا يە بۇمۇ كىشى ئىسمى ئوخشىمامدۇ؟
[Reply]
2011-06-14 03:00:42 كىگىز
بۇ كىشى ئىسمى ئەمەسقۇ دەيمەن . بۇ سۆزنىڭ رەسسام ، بوياقچى دىگەندەك مەنىلىرى بار ئىكەن.
[Reply]
2011-06-14 16:57:44 3#
مەن ئاتەش تۈلكىنى ئىشلىتىۋاتاتتىم…بەت نورمال چىقمايدىغۇ؟پەقەت بىلەلمىدىم.
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇن 14th, 2011 at 17:32
مەنمۇ قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي، IE8 دە نورمال بولمىسا.
[Reply]
2011-06-15 15:28:07 4#
搜狗高速浏 دە ياكى 51 كۆرگۇچتە كۆرسە ياخشىكەن
[Reply]
2011-07-08 16:16:58 5#
corel painter دىتالىنى مېنىڭچە بولغاندا كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلالايدىغان رەسساملار چۇقۇم ئۆگەنمىسە بولمايدىغان زۆرۈر دېتال ئىكەن! corel painter ئارقىلىق سىزىپ چىقىلغان يۇقارقى ئەسەرلەر مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى! خۇددى ھەقىقىي ماي بۇياق رەسىملەرنى كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم! ئىلگىرى مەنمۇ ئازىراق ئىشلىتىپ باققان، لىكىن ھازىرقىدەك تەسىراتتا بولۇپ باقمىغان ئىدىم، بۇ ئەسەرلەرنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىدىن خەۋەر تاپمىغانلار ھەرگىزمۇ كومپيۇتېر ئەسەرلىرى دېمىگۈدەك!
[Reply]