«ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نىڭ مۇقۇم تور نامى ۋە بوشلۇق بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە بىر يىل بولغان كۈنلەردە بىز ئويلاپ باقمىغان، ھەتتا چۈشىمىزگىمۇ كىرىپ باقمىغان بىر «كۆڭۈلسىزلىك» يۈز بەردى. بۇ باشقا بىر كۆڭۈلسىزلىك بولماستىن، «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نىڭ 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 لارغىچە ئىچىلماسلىق «كۆڭۈلسىزلىك» كى ئىدى. بۇ گەرچە تور دۇنياسىدا بولۇپ تۇرىدىغان كىچىك، ئادەتتىكىچە بىر ئىش بولسىمۇ، بېكىتىمىزگە نىسبەتەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپۈيىۋاتقان، كەسىپداشلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە دىققىتى جەلپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن مەسلە بولغانلىقى ئۈچۈن، تورداشلارنى ۋە كەسىپداشلارنى بۇ «كۆڭۈلسىزلىك» نىڭ ئەھۋالدىن ئازراق خەۋەردار قىلىشنى لايىق تاپتۇق.
مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى ۋە نەتىجىسى:
بېكىتىمىز 2011- يىلى 2- ئايدا مەلۇم بىر ۋاكالەتچى (ئۇيغۇر) ئارقىلىق، atesh.biz دېگەن تور نامىنى ئۆز نامىمىزدا تىزىملىتىپ، سىتىۋالغان. بۇيىل 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تور نامىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىشلىتىش مەقسىتىدە، ۋاقىت توشۇشتىن 10 كۈن ئىلگىرى ۋاكالەتچىگە تور نامىنى ئۇزارتىش ھەققىنى تاپشۇرۇغان بولساقمۇ، ئىسمىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلغان ياكى ئۇزارتىلمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. پەقەت 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:00 لەردە ئىسىمنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بېكەتنىڭ ئېچىلمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
شۇنىڭ بىلەن ۋاكالەتچى ۋە ئىسىم تەمىنلىگەن تور بېكەت بىلەن جىددى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، تۆت كۈن بولغاندا ، مىڭ تەستە ئىسىمنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆزىمىزنىڭ ئابونت نامىغا يۆتكەپ، قايتا پۇل تۆلىگەندىن كېيىن، «ئاتەش» نى يەنە تور دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كەلدۇق.
تەجىرىبە- ساۋاق ۋە تەۋسىيە:
تور تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى، بوشلۇق ۋە تور نامى تىزىملىتىشنىڭ قولايلىق بولىشى بىلەن نۇرغۇن كىشلەردە تور بەت ياكى بلوگ ئېچىش قىزغىنلىقى كۆتىرىلدى. شۇڭا يېڭىدىن تور بېكەت ياكى بلوگ ئاچماقچى بولغانلارغا تەۋسىيەرىمىز:
تور نامى ياكى بوشلۇق ئالغاندا ئامال بار بوشلۇق ياكى ئىسىم بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بىكەتلەرگە ئۆز نامىمىڭزدا ئەزا بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئابونت نامىدا سېتىۋىلىڭ. مۇمكىن قەدەر دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەت ياكى شىركەتلەرنى تاللاڭ.
ئەگەر ۋاكالەتچى سودىگەرلەر ئارقىلىق سېتىۋىلش توغرا كەلسە ئۆزى ئىشەنچىلىك، ئالاقىلىشىش قولايلىق، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان ۋاكالەتچىلەرنى ئىزدەڭ . بولسا ۋاكالەتچىلەرنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى، مۇقۇم ئادېرىسى قاتارلىقلارنى ئېنىق بىلىۋىلىڭ. QQ دا تۆت ئېغىز پاراڭلىشىپلا، QQ نۇمۇرىنى ساقلىۋىلىپ بولدى قىلماڭ.
لىكىن ئەڭ كۈچلۈك تەۋسىيە _ تور نامى ياكى بوشلۇق ئالغاندا ئامال بار بوشلۇق ياكى ئىسىم بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بىكەتلەرگە ئۆز نامىمىڭزدا ئەزا بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئابونت نامىدا سېتىۋىلىڭ.
ئاخىرقى سۆز:
بۇ مەسلە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەتتا مۇشۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىپ، تور دۇنياسىدىن «ئۈن-تىنسىز» يوقاپ كېتىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، بىراق ئاشۇ تۆت كۈن جەريانىدا QQ دا،ھەتتا تېلېفۇندا بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەسلىنىڭ تېزراق ھەل بولىشىغا سەممىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن، يېقىندىن ياردەمدە بولغان دوستلىرىمىز ئالدىدا ۋە بىر يىللىق ئەجرىمىزنىڭ بىكاردىن- بىكار يوق بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ بىمەنە خىيالدىن ۋاز كەچتۇق.
ئۆتكەندە «كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى» دا مۇنداق بىر جۈملىنى كۆرگەنلىكىم يادىمدا:
«يازما ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سىزگە تەۋە بولسا، ئىلان قىلىنىغاندىن كىيىن كۆپچىلىككە تەئەللۇق، سىزنىڭ قالايمىقان ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىۋېتىش ھوقۇقىڭىز يوق!»
توغرا، «ئاتەش» مۇ ئىمكانقەدەر كۆپچىلىككە تەئەللۇق يازمىلارنى يوقىتىۋەتمەيدۇ. بەلكى «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» گورۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىقى، تورداشلار ۋە كەسىپداشلارنىڭ قوللىشى، يىتەكىلىشى ئاستىدا مۇشۇ ساھەدىكى مۇنەۋۋەر تور بەت بولۇشقا يۈكسەك ئىشىنىدۇ.
2012-03-03 03:02:10 گىلەم
بۇ خەۋەرنى ئەمدى ئاڭلاپ ھەم جىددىيلەشتىم ھەم ئاخىرقى نەتجىسىنى كۆرۇپ خوشال بولدۇم ، قەلبىي ئاتەش ياشلار ھامان غەلبە قىلىدۇ ، داۋاملىق تىرشقايسىلەر .
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 3rd, 2012 at 04:22
ئۆزلىرى تىخى ئەمدى ئۇقۇپلىدە ھاجىم؟ بۇ يازمىنى يوللىمىساقمۇ بوپتىكەنمۇ قانداق، بىلمىگەنلەرگىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇپتۇق.
[Reply]
2012-03-03 09:49:29 كىگىز
ھەر نېمە بولسا قايتىپ كەپتۇ… مەن تېخى «ئاتەش» تەك كۆيۈپلا تۈگەپ كېتەمدىغاندۇ دەپ بەك ئەنسىرىگەن
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 3rd, 2012 at 11:25
«كۆيۈپلا تۈگەپ كېتىدىغان»غا تېخى خىلى ھايلىمىز بار، ھاجىم
تېخى تۈزۈك تۇتىشىپ (ئۇلغۇيۇپ) بولالمايۋاتساق.
[Reply]
2012-03-06 02:16:26 3#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتەش ئەپەندى؟ بلوگىڭىزنىڭ نورماللاشقانلىقىدىن خۇددى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلانغاندەك، سۈيۈنۈپ كەتتىم. مۇبارەك بولسۇن!
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 6th, 2012 at 03:53
رەھمەت، مەنمۇ ھەم سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.
[Reply]