قەغەزدىن شەكىل يارىتىش سەنئىتى __ ھۈنەر- سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كېسىش، قاتلاش، ئويۇش، چاپلاش، بىرىكتۈرۈش قاتارلىق شەكىل يارىتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بەدىئي ئوبراز يارىتىدۇ.
بۇ قېتىملىق يازمىدا دەل شۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇتبولنىڭ مودىلىنى ياساشنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
ھەممەيلەن بىلىمىز، پۇتبول قارا ۋە ئاق رەڭلىك بەش بۇرجەك ۋە ئالتە بۇرجەك شەكلىنىڭ ئۆزئارا بېرىكىشىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ قۇرۇلما. پۇتبولدا 20 دانە ئالتە بۇرجەك شەكىل ۋە 12 دانە بەش بۇرجەك شەكىل بولۇپ، بىز بۇ قانۇنىيەتنى بېلىۋالغاندىن كېيىن، كارتون قەغەزنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدە كېسىپ تەييارلاپ، چاپلاپ، بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق كۆركەم بولغان پۇتبول مودىلىنى ياساپ چىقالايمىز.
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قەدەم- باسقۇچلار ئارقىلىق سىزمۇ بىر پۇتبول ياساپ بېقىڭ.
ياساش جەريانىدىكى تەلەپلەر:
- بەش بۇرجەك شەكىل _ قارا رەڭلىك كارتون قەغەزگە بۇلۇڭ گرادۇسى 72 گرادۇس ئۆلچەم بويىچە 12 پارچە تەييارلايمىز.
- ئالتە بۇرجەك شەكىل _ ئاق رەڭلىك كارتون قەغەزگە بۇلۇڭ گرادۇسى 60 گرادۇس ئۆلچەم بويىچە 20 پارچە تەييارلايمىز.
- شەكىللەرنى بىر- بىرىگە چاپلاپ بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن، 0.5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چاپلاش ئورنى قويۇپ، شەكلىنىڭ سىزىقلىرى بويىچە قاتلاپ تەييارلايمىز.
- مودىلنىڭ پۈتۈن چىققاندىن كېيىنكى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەكلىنىڭ بۇلۇڭ گرادۇسىىغا ۋە چاپلاش جەريانىدىكى بۇلۇڭ ۋە تەرەپلەرنىڭ ماس كېلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.
بۇ يەردە مىسال قىلىنغان ئاق ۋە قارا رەڭلىك كارتون قەغەزنى چوقۇم ئىشلىتىش شەرت ئەمەس، قالغىنى ئاساسىي قانۇنىيەت ئاساسىدا تەسەۋۋۇرىڭىزنى ئەركىن قاناتلاندۇرسىڭىز، ئۆزگىچە پۇتبول مودىللىرىنى ياسىيالىشىڭىز مۇمكىن.
بېكىتىمىزدە مۇشۇ تۈردىكى ئىجادىي يازمىلار دەۋاملىق يوللىنىدۇ، تورداشلارنىڭ دىققىتى بېكەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىلىرىدا بولغاي.
2012-03-03 08:36:18 گىلەم
ياخشى تىمىكەن ! بۇ يىل كەسپى ئىمتىھاندا نىمە ياساشنىڭ غىمىنى قىلمايدىغان بولدۇم!!!
يانا ياسايدىغان نەرسىلەر بولسا يوللاپ قوي !!! ئۆگىنىپ بىلىۋالىلى !!!1
[Reply]