باسما رەسىم - پىچاق ۋە قەلەم قاتارلىق قوراللار بىلەن ھەرخىل ماتېرىياللاردىن تەييارلانغان تاختا ئۈستىگە (ياغاچ تاختا،تاش تاختا،مېتال تاختا قاتارلىق) ئويۇپ ھەمدە ئۇنى بېسىپ كۆپەيتكىلى بولىدىغان بىر خىل سەنئەت،ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىن رەڭسىز باسما رەسىم،رەڭلىك باسما رەسىم دەپ ئايرىلىدۇ.
ئويۇش ئۇسۇلى جەھەتتە مۇسبەت ئويما،مەنفىي ئويما ۋە ئىككىنى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈچ خىل ئويۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.كۆپىنكى سىزىقلارنى ئاساس قىلغان،فون(ئارقا تەگلىك)ئاق،قارا سىزىقلىق رەسىمنى مۇبەت ئويما دەيمىز،پېتىنقى سىزىقلار ئاساس قىلىنغان فون قارا،ئاق سىزىقلىق رەسىمنى مەنفىي ئويما دەيمىز. بېسىپ چىقىرىدىغان بوياق ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ماي باسما ۋە سۇ باسما دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان باسما رەسىملەر:
ياغاچ ئويما: پىچاق بىلەن ياغاچ ئۈستىگە ئويۇپ،ئاندىن قەغەزگە بېسىپ چىقىرىدغان بىرخىل رەسىم،نۇسخا سىزىۋىلىش،ياغاچقا ئويۇپ چىقىرىش ۋە بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق ئۈچ خىل تەرتىپى بولىدۇ. ياغاچ ئويمىدا پىچاق ۋە ياغاچنىڭ ئىزلىرى كۈچلۈك سىلىشتۇرمىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
مىس باسما رەسىم: مىس تاختىغا ئويۇلىدۇ،چىرىتىش ئارقىلىق رەسىم شەكىللىنىدۇ. ئۇنى ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق: ئالدى بىلەن مىس تاختا ئۈستىگە چىرىتىشتىن ساقلىنىدىغان موم سۈركەپ،پىچاق ياكى يىڭنە بىلەن رەسىمنى ئويۇپ ئالىمىز،ئاندىن كىسلاتالىق چىرىتىش سۇيۇقلىقى قۇيىمىز،موملار ئويۇۋىلىنغان يەرلەر چىرىپ پېتىنقى سىزىق بولۇپ قالىدۇ. باسقان ۋاقىتتا قاراماينى پېتىنقى سىزىقلار ئىچىگە تولدۇرىمىز. تۇلۇقنىڭ باسقان كۈچى بىلەن پىتىنقى سىزىقلار ئىچىدىكى قاراماي قەغەزگە بېسىلىپ، كۆپىنكى سىزىق شەكىللەندۈرۈپ رەسىم بولىدۇ.
تاش باسما رەسىم: ئۇنىڭدا تاش باسمىنىڭ ئۇسۇللىرى ئىشلىتىلىدۇ. قاراماي بىلەن سۇنىڭ ئارىلاشماسلىقىدەك قائىدىگە ئاساسەن باسما تاختىسى ئىشلىنىدۇ. بۇخىل ئۇسۇلدا كۆپلەپ باسقىلى بولىدۇ ھەمدە ئەسلىي نۇسخا ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
رېزىنكە باسما رەسىم: بۇ كاناپ بىلەن رېزىنكە بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بىرخىل تاختا بولۇپ، پىچاق بىلەن ئويۇشقا قولايلىق. باسما رەسىم رەسساملىرى ئادەتتە مۇشۇنداق تاختىغا باسما رەسىم ئويىدۇ.
گەج باسما رەسىم: گەج تاختا ئۈستىگە ئويىلىدىغان باسما رەسىم،ئويۇش ئاسان،ماتېرىيالى ئاددىي.
2011-06-24 04:07:13 گىلەم
accutane 030 order synthroid online 89455
[Reply]