قەشقەر شەھرىنىڭ شەرق تەرىپىدە بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوغان كەنتىگە جايلاشقان تىپىك ئىسلام شەكلىدىكى قەدىمكى قەبرە قۇرۇلىشى بولۇپ،قەدىمكى ئىسلام مازارلىرى ئىچىدىكى كشنڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان مازار. بۇ مازار 1640-يىلى ياسالغان.دەسلەپتە «يۈسۈپ خوجا مازىرى»دەپ ئاتىلاتتى،يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى ئاپئاق خوجا ئۆلگەندن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.ئاپئاق خوجىنىڭ ئابرويى دادىسىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاچقا «ئاپئاق خوجا مازىرى»دەپ ئاتالغان.
مازار ئۇزۇنچاق تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ،تەكتىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن35مېتر،ئۇزۇنلىقى29مېتر،ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30مېتر كېلدۇ،ئۈستى گۈمبەزلىك بولۇپ،دىئامېترى تەخمىنەن17 مېتىر كېلدۇ.مازار ئىچگە تۈۋرۈك ئورنىتىلمىغان،مۇنارنىڭ گۈمبىزى ئۈستىگە ۋە تۆت ئەتراپىدىكى مۇنارلارنىڭ ھەممىسىگە ھىلال ئاي شەكلى قوندۇرۇلغان.مازارنىڭ سىرتقى تاملىرىغا پۈتۈنلەي يېشىل،كۆك ۋە سېرىق كاھىش چاپلانغان بولۇپ،سەلتەنەتلىك،ھەيۋەتلىك ۋە تەمكىن كۆرۈنىدۇ.
مازارنىڭ ئەتراپىدا چوڭ-كىچىك مەسچىد،مەدرىس قاتارلىق ئىمارەتلەر بار ئىشىك ئالدىدىكى سۈزۈك سۇلۇق كۆلچەك،قاتاركەتكەن سۇۋادان تېرەكلەر كىشىگە جىمجىتلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش