رەڭسىز ياغاچ ئويما رەسىمنىڭ تېخنىكىلىق قائىدىلىرى

2010-06-01 21:22 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 283 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(1پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

كېتەرلىك ماتېرىياللار:

(1)     قەغەز : رەڭسىز ياغاچ ئويما رەسىملەرگە كۆپرەك ھەرخىل شۈەنجى قەغەزلىرى،ئاق باسما قەغىزى،مەتبەئە قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ.

(2)     قاراماي : مەتبەئە مايلىرى ۋە باسما مايلىرى بولسا بولىدۇ.

(3)     مايدان : ماينى ئارىلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ،تاشتىن ،ئەينەكتىن ياسالغىنى ياخشى،سىلىق تاختا بولسىمۇ بولىدۇ.

(4)     قىرغۇچ : ماينى ئارىلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ،مىتال قوشۇق ، ماي بوياق پىچىقى بولسىمۇ بولىدۇ.

(5)     تۇلۇق : ماي باسمىنىڭ تۇلۇقى، مەخسۇس باسما رەسىمنىڭ تۇلۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

(6)     سۈركىگۈچ : ياغاچ سۈركىگۈچ ( موگو شەكىللىك) باسما رەسىمنى بېسىپ چىقىرىشتىكى مۇھىم قورال ، قۇتىلارنىڭ ئاغزىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

(7)     تەڭشەش مېيى : تېرپېنتىن،كىرسىن،بېنزىنلارنىڭ قايسىسى بولسا بولىدۇ،قاراماينى سۇيۇقلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

(8)     ياغاچ ئويما پىچاقلىرى: مەخسۇس ياغاچ ئويمىغا ئىشلىتىلىدىغان ئويمىچىلىق پىچاقلرىدىن ئۈچبۇلۇڭ تىغلىق،تۈز تىغلىق،ياي تىغلىق … پىچاقلار بولسا بولىدۇ.

(9)     ياغاچ تاختا : يۈزى تەكشى ياغاچ تاختا ياكى بولمىسا  ياغاچ پەنەركە بولسىمۇ بولىدۇ.

رەڭسىز ياغاچ ئويما رەسىمنى ئويۇش تېخنىكىلىق قائىدىسى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى:

(1)   رەسىم لايىھەسىنى سىزىش : رەسىمنىڭ كومپوزىتسىيەسى تولۇق،ئوبرازلىرى مۇكەممەل،ئاق-قارا مۇناسىۋىتى مۇۋاپىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىپادىلىنىدىغان ئوبرازلارنىڭ مەزمۇنى چەكلەنمەيدۇ.

(2)   تاختىغا كۆچۈرۈش : سىزىپ بولغان رەسىم نۇسخىسىنى تاختىغا يۆتكەپ كۆپەيتىپ باسساقمۇ،بېسىپ چىقارساقمۇ،سىزساقمۇ بولىدۇ ( نۇسخىنى تاختىغا تەتۈر كۆچۈرۈپ سىزىش كېرەك)

(3)   تاختىنى ئويۇش : تاختىنى ئويۇش ياغاچ ئويمنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچى،كۆپىنچە ئالدى بىلەن كەڭ كۆلەمدىكى ئاق يەرلەرنى ئويۇۋالساق،تاختىدىكى ئوبراز ئوچۇق كۆرىنىدۇ. ئاندىن ئاق يەرلەرنى ئويۇپ چىقىرىپ قارا يەرلىرىنى ساقلاپ قىلىپ،پىچاق بىلەن شەكىل يارىتىپ،تەدرىجىي تاماملايمىز.

(4)   بېسىپ چىقىرىش : ئويۇپ بولغان ئەسەرنى ئەڭ ئاخىرقى پۈتتۈرۈش جەريانى، رېزىنكە تۇلۇق بىلەن ئويۇپ چىقىلغان تاختا ئۈستىگە ماينى تەكشى سۈركەيمىز. ئۈستىگە قەغەزنى تۈز قويۇپ ياغاچ سۈركىگۈچ بىلەن قەغەز ئۈستىدىن ھەممە يەرگە تەكشى تەككىچە يېنىك سۈركەيمىز.

(5)   شىرازلاپ ئىمزا قويۇش : رەسىمنىڭ سول تۆۋەن تەرىپىگە ئەسەرنىڭ تېمىسى ۋە بېسىلغان سانى،ئوڭ تەرەپ تۆۋەن تەرىپىگە ئاپتۇرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،يىل،ئاي،كۈن يېزىلىدۇ.

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر1پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. Marden
    2011-06-22 18:08:58 گىلەم

    BION I’m imrpessed! Cool post!

    [Reply]

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.