ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نورۇز ئەھلى، ھەممىلىرىنىڭ نورۇز بايرىمىغا قۇتلۇق بولسۇن، نورۇزدا ھەممىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت بولسۇن!
ھەممىلىرىنىڭ خەۋىرىدە بولسا كېرەك، نورۇزنىڭ (3- ئاينىڭ) 7- كۈنى ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى، دەۋرىم تورى، كىتابپۇرۇش بلوگى قاتارلىق تور بېكەتلەر بىرلىشىپ، «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» ئۇيۇشتۇرۇشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، بۇ ھەقتە ئۇشىبۇ تور بەتلەردە ۋە بىر قىسىم غوللۇق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە يازما ئېلان قىلغان ئىدۇق.
بۇ بىرلەشمە كۆرگەزمىگە تەييارلىغان كۆڭۈل سوۋغىمىز ئاددى، سورۇنىمىز كىچىك بولسىمۇ بىر قىسىم ئۇستازلار ۋە كەسىپداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىۋەرتىپ، بۇ بىرلەشمە تور كۆرگەزمىسىنى يىقىندىن قوللىدى.
گەرچە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاپ، خىلى كۆپ قىسىم ئۇستازلار، كەسىپداشلارغا ئەسەر ئىۋەرتىش تەكلىپنامىسى يوللانغان بولسىمۇ، بىزنىڭ خەۋەر قىلغان ۋاقتىمىزنىڭ قىسقىلىقى، ھازىرقى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، خىزمەت جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن ئەسەر تاپشۇرۋىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالمىدۇق. (بۇنى ئەلۋەتتە توغرا چۈشىنىمىز ھەم توغرا چۈشىنىشكە مەجبۇرمىز)
كەمىنە ئاتەشمۇ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى شەخسلەرنىڭ بىرى بولساممۇ، يەنە شۇ خىزمەت جىددىيلىكىدىن ئاران بىر پارچە ئەسەر تەييارلىيالىدىم.
خوش، گەپنى ئۇزارتىپ، نورۇز ئەھلىنى زىرىكتۈرۈپ قويساق بولماس.
قىنى ھەممىلىرىنىڭ نەزىرى «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» نىڭ ئەسەرلىرىدە بولغاي!
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى، دەۋرىم تورى، كىتابپۇرۇش بلوگى غا ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتنى يىقىندىن قوللاپ، ئەسەر ئىۋەتكەن ئاپتۇرلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەسەرلەر دەسلەپتە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەسەرلىرى، ئاندىن 3D ئەسەرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى باھالاشقا ئەرشىدىن رىشىت ئەپەندى ۋە ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گورۇپپىسىدىن ئىسكەندەر ئىسمائىل (ئىلچىن) ، 3D ئەسەرلەرنى باھالاشقا «قارلۇق مېدىئا تارقىتىش شىركىتى» دىن ئەلى مامۇت ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
باھالىغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى:
ئەرشىدىن رىشىت ئەپەندىنىڭ ئەسىرى:
ئەلى مامۇت ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى:
ئىسكەندەر ئىسمائىل (ئىلچىن) نىڭ ئەسەرلىرى:
ئاپتورلارنىڭ رەت تەرتىۋى ئەسەر يوللىغان ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىكى بويىچە تىزىلدى، ئاپتورلارنىڭ باشقىچە ئويدا بولۇپ قالماسلىقىنى سورايمىز.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەسەرلىرى:
ئاپتور ئىسمى: تۇرسۇنجان سابىر
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئاشلىق- ماي سېتىش چەكلىك شىركىتىدىن
QQ : 983087757
تېلېفۇن: 0998 2201860 18097939599
ئاپتور ئىسمى: راخمانجان توختى
يەكەن ناھىيە بەشكەن بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن
ئەسەرلەر خوتەن قەغىزى ۋە ئادەتتىكى باسما قەغىزىگە ، يىدىگې ۋە قەلەم رېڭى بىلەن يېزىلغان.
QQ :
تېلېفۇن: 13899149417
ئاپتور ئىسمى: ئۆمەر ئوسمان (سەبرى)
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە زەمىن يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن
تېلېفۇن: 13899161693
ئەسەرلەرشۈەنجې ۋە ئادەتتىكى باسما قەغىزىگە ، يىدىگې ۋە قەلەم رېڭى بىلەن يېزىلغان.
ئاپتور ئىسمى: ئابدۇسەمەت ئوسمان
پەيزىۋات ناھىيە شاپتۇل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن
ئاپتور ئىسمى: روزى ئېلى
قەشقەر شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپتىن
تېلېفۇن: 13999085225
ئەسەرلەرشۈەنجې ۋە خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان.
ئاپتور ئىسمى: مەمەت ئابدۇللا نۇر مۇھەممەد
خوتەن قارىقاش ناھىيە پۇرچاقچى ئوتتۇرا مەكتەپ
تېلېفۇن: 13579696338
ئەسەرلەر كالا تىرىسى قەغىزىگە ، يىدىگې بىلەن يېزىلغان.
ئاپتور ئىسمى: مەمەتئېلى يۈسۈپ
خوتەن شەھىرى لاسكوي بازار باشلانغۇچ مەكتەپتىن
تېلېفۇن: 18690304263
ئاپتور ئىسمى: يۇنۇس قۇددۇس (تەبرىزى)
مارالبېشى ناھىيىسىدىن
3D ئەسەرلەر:
ئاپتور ئىسمى: مەمەتجان ھەمدۇللا
قاغىلىق ناھىيە بەشئېرىق يېزا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى
QQ : 1044378880
تېلېفۇن: 0998 7292226 13279723282
3D MAX ئەسەرلىرى:
ئىشلەتكەن دىتاللار: 3D MAX 9 / Adobe photoshop cs
ھاسىللىغۇچ: V-Ray 1.5
After Effects ئەسەرلىرى:
ئىشلەتكەن دىتاللار: After Effects CS4 / Adobe photoshop cs
http://player.56.com/v_66974380.swf
http://player.56.com/v_66974397.swf
http://player.56.com/v_66974416.swf
ئىشلەتكەن دىتاللار:
After Effects CS4 / Adobe photoshop cs/ 3ds Max 8
http://player.56.com/v_66974418.swf
ئاپتور ئىسمى: سادىقجان (يىگانە يىگىت)
قەشقەر شەھەر 1- ئولتۇراق رايۇندىن
تېلېفۇن: 13779722799
ئىشلەتكەن دىتاللار: 3D MAX 9
ئاپتور ئىسمى: دىلمۇرات ئوسمان
ئاقتۇ ناھىيىسىدىن
تېلېفۇن: 13199813359
ئىشلەتكەن دىتاللار: maya / Adobe photoshop / mental ray
ئاپتور ئىسمى: ئىبراھىم نىياز
ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسىدىن
QQ : 769880501
تېلېفۇن: 15999139607
ئىشلەتكەن دىتاللار: maya
ئاپتور ئىسمى: ئابدۇسالام مۇھەممەد (خىيالىم)
ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن
QQ : 290917033
ئىشلەتكەن دىتاللار: Adobe photoshop / 3ds max2008
كەمىنىمۇ ئاددى بولسىمۇ كەڭ نورۇز ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغان بىر پارچە ئەسەر ئېلىپ كەلدىم. (بىراق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ)
ئىشلەتكەن دىتاللار: 3D MAX 9 / Adobe photoshop cs
ھاسىللىغۇچ: V-Ray 1.5
ئەسكەرتىش:
1. ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئەسەرلەرگە بىردەك «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نىڭ تامغىسى بېسىلمىدى. قوشنا بېكەت باشلىقلىرى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسا، مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشىنى سورايمىز.
2. كۆرگەزمە نەتىجىسى نورۇزنىڭ (3- ئاينىڭ) 25- كۈنى ئايرىم تېما قىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ.
ئاپتورلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قىلىشىنى سورايمىز.
2012-03-21 03:06:53 گىلەم
ئەسەرلەر بىر-بىرىدىن چىرايلىق چىقىپتۇ! ئاپتورلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
[Reply]
2012-03-21 07:12:52 كىگىز
بىر-بىرىدىن كۆركەم، ھەممىسى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، ھارماڭلار .
ئاتەشنىڭ لاھىيەسىدىكى «مەھمۇت كاشىغەرى» رومانىنىڭ قىلىنلىقى ئەسلىدىكىدىن نىپىزرەك بوپ قاپتۇ، ئاشۇ قىلىنلىقنى 1.5 ھەسسە قىلساق مۇۋاپىقمىكى .
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 21st, 2012 at 15:26
ماۋۇسى «مەھمۇد قەشقىرى» نىڭ يېڭى نەشىرى ئىدى.
[Reply]
2012-03-21 12:45:44 3#
پاھ پاھ 3d ماھىرلىرىمىز مۇ خىلى يامان ئىكەن ئەسەرلەر بەك ياخشى چىقىپتۇ …
ھۆسنخەتلەرمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ . خەتتات دوستلار خەتنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىپ قويسا …
ئەپسۇس… خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە بەزى بىر سەۋەپلەرتۈپەيلى بۇقىتىم ئەسەر ئىۋەتەلمەي قالدىم . كىلەر قىتىم پۇرسەت بولۇپ قالسا ئىۋەتەرمەن .
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 21st, 2012 at 15:24
يوللىرىغان قاراپ كۆزىمىز تىشىلگۈدەك بولدى، ئىرشاتجان.
[Reply]
2012-03-21 16:51:44 4#
كىيىنىرەك بولسىمۇ كېلىۋەردىم ئەسەرلەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ!ئاۋۇ بۆشۈكنىڭ جاكا قويىدىغان يېرى كام قاپتۇ!
بۇ قېتىم قاغىلىقتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھۆسنخەت كۆرگەزمىسىمۇ ماھىرلارنى كۈتۈۋاتىدۇ! ئاتەش بۇرادەر بىرلىكتە تەشۋىق قىلغان بولساق!
پائالىيەت تەپسىلاتى بلوگۇمغا يىزىلدى!
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 22nd, 2012 at 07:59
بولىدۇ، تەشۋىقات رەسىمى بولسا يوللاپ قويسىڭىز، بىرلىكتە تەشۋىق قىلايلى.
[Reply]
2012-03-22 14:16:03 5#
تەشۋىقات رەسىمى يوق بوپ قالدى، ئەمما ماركا رەسىمى بار.
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 22nd, 2012 at 16:03
غاچچىدە بىرنى لايىھىلىۋەتسىڭىز، ئېلان ئورنىدىن بىرسى بىكار بولغان شۇنىڭ ئورنىغىلا قويىۋىتىلى.
ئۆلچىمى: 718*90 (ھەركەتلىك بولمىسىمۇ بولىدۇ)
[Reply]