يازمىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى : جاكارچى

مەھمۇدجان مۇھەممەت ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى

بۇ يازما2011-يىلى 07-ئاينىڭ 2-كۈنى    ilqin   تەرىپىدن يوللانغان .

    2011-يىلى6-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكولتىتى 2006-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەھمۇدجان مۇھەممەد «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى  ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى،بۇ كۈندىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەكتەپ ۋە فىلولوگىيە فاكولتىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى، ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتى، خەتتاتلار جەمئىيتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم رەسسام، خەتتاتلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
       مەھمۇدجان مۇھەممەد مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن بۇيان، ئۆز كەسپىنى بېرىلىپ ئۈگىنىپ تەتقىق قىلىغاندىن باشقا، دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ھۆسنىخەت يېزش ۋە ئىجاد قىلىشقا زور كۈچ سەرىپ قىلىپ، داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ خىل ھۆسنىخەت يېزىش شەكلىنى پىششىق ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە  بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئاپتونوم رايون ۋە  ۋىلايىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ يېزىپ توپلاپ چىققان 200 پارچىغا يېقىن ھۆسنىخەت ئەسەرلىرىدىن ئاپتونوم رايۇن ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم داڭلىق شائىر، يازغۇچىلارنىڭ « ۋەتەن»، «چۈنكى مەن ئادەم»، «ئىز» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا  ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان 70 پارچە ئەسەرنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. مەھمۇدجان بۇ كۈنى يەنە نەق مەيداندا ھۆسنىخەت يېزىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشتى.
      ئىگىلىنىشىچە، مەھمۇتجان مۇھەممەتنىڭ بىر تۈركۈم ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ئىچىدە بىر پارچە ئەسىرى 2010-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

بۇ يازمىغا 3 تورداش باھ بىرىپتۇ !

  1. ئەلى :

    ئىسىل يىزىپتۇ . ئەركىنلىك ، يىڭىلىق باردەك ھىس قىلدىم .

    [Reply]

  2. ئەلى :

    بولۇپمۇ ئەڭ ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىنى بەكلا ياقتۇردۇم .

    [Reply]

  3. قاپ يۈرەك :

    دىۋانى خەت ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل يىزىلىپتۇ…ياخشى ئەسەرلەركەن!!

    [Reply]

ئىنكاس يىزىش

Advertise Here
Advertise Here

ئىنكاسلار

  • Loading...

ئىتتىپاقداشلىرىمىز

ئۇلانما بېتى

بېكەت ئارخىپخانىسى

تور بېكەت wordpress ئاساسىدا قۇرۇلدى، بىكەت «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گورۇپپىسى» نىڭ باشقۇرىشىدا. تور بېكەت ئىجازەت نۇمۇرى: 新ICP备11000723号-1
بېكىتىمىزنى ئۇلىنىشقا قىلىشقا بۇ تۇغنى ئىشلىتىڭ: