گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريالى

2011-06-17 14:43 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 224 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

سەنئەت دىگەن نىمە ؟

بارلىق سەنئەت تۇرلىرىنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى بولۇپ ئوخشاش بولمىغان ئوبراز ۋاستىلىرى بىلەن تەبىئەتنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئىجتىمائىي ئاڭنى ئەكىس ئەتتۇردىغان چوڭ ئېلىم .

گۇزەل –سەنئەت دىگەن نىمە ؟

بوشلۇق سەنئىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇ مۇئەييەن ماددىي ماتىرياللارنى ئىشلىتىپ شەكىل يارتىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان ئادەمنىڭ كۆرۇش سەزگۇسى ئارقىلىق زوق ئىلىندىغان ،تىنى ھالەتتىكى كۆرۇش سەنئىتى . شەكىل يارتىىش گۇزەل –سەنئەتنىڭ مۇھىم فورماتسىيلىك ئالاھىدىلىكى .

گۇزەل –سەنئەتنىڭ تۇرلىرى :-گۇزەل –سەنئەت چوڭ جەھەتتىن رەسساملىق ، ھەيكەلتاراچلىق ،ھۇنەر –سەنئەت ، بىناكارلىق سەنئىتى دىگەن تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ .

رەسساملىق:- مەلۇم ماددىي ماتىرياللارنى ئىشلىتىپ سىزىق ،رەڭ ،شەكىل، كومپۇزۇتسىيە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تەشكى بەتتە ئوبىكتىنى ئىپادىلەيدىغان شۇ ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ئىستىتىك ھىسياتىنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەت .

رەسساملىقنىڭ تۇرلىرى :- رىئال تەسۋىر ، زىننەتلىمە تەسۋىر ،ئابىستىراكىت تەسۋىر قاتارلىقلار .

ھەيكەلتاراچلىق :-مەلۇم ماددىي ماتىرياللارنى ئىشلىتىپ يۇنۇش ، ئويۇش ،ياساش قارتارلىق شەكىل يارتىش ۋاستىسى بىلەن يارتىلغان چىن ،سىتىرىئولۇق ھىسياتقا ئىگە سەنئەت تۇرى .ھەجىم ھىسياتى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى .

ھەيكەلتاراچلىقنىڭ تۇرلىرى :-سىتىرىئولۇق ھەيكەل ، قاپارتما ھەيكەل دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

ھۇنەر سەنئەتنىڭ تۇرلىرى : ھۇنەر سەنئەرت ئەمەلىي ئىشلىتىلدىغان گۇزەل سەنئەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ ئۇنىڭ تۇرلىرى ئىنتايىن كۆپ چوڭ جەھەتتىن : مىتال ھۇنەر سەنئىتى ، سىرلانغان ئەسۋابلار ،فار –فۇر ، رەڭلىك ھەيكەل ، قاشتىشى ئويمىسى ، بوياش ، توقۇش ، كەشتىچىلىك ، چىۋىق توقۇلما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا كىتاپ شىرازلاش ، كىتىم –كېچەك ، ئۆي سايمانلىرى ، ئۆي ئىچىنى بىزەش ، شۇنداقلا خەتتاتلىق ، فوتو –سۇرەت ، قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىناكارلىقنىڭ تۇرى : ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ۋە زامانىۋى بىناكارلىق دەپ ئىككى چوڭ تۇرگە بۆلىنىدۇ .

گۇزەل –سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي رولى : گۇزەل –سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي رولى بىۋاستە بولماستىن ئاستا -ـ ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئومۇ باشقا سەنئەتكە ئوخشاش بىلىش ئىقتىدارى ، تەربىيلەش ئىقتىدارى ،ۋە ئىستىتىك زوقلىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپتىن ئىجتىمائىي رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ.بۇ ئۇچ خىل ئىقتىدار سەنئەتنىڭ چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۇزەللىكتىن ئىبارەت خۇسۇسىيتى بىلەن بىردەك بولۇپ چنلىق بىلىشكە ، ياخشىلىق تەربىيلەشكە .گۇزەللىك ئىستىتىكىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.گۇزەل سەنئەت ئەسىرى رولىنى ئىستىتىكىلىق رولى ئارقىلىق جارىي قىلدۇرىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقىدىكىلىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدىغان رەسساملىق شەكىللىرى : تولدۇرۇپ سىزىش ، ناتۇرا سىزىش ، ئەسلەپ سىزىش ، تەسەۋۋۇر قىلىپ سىزىش .

بىناكارلىقنىڭ ئۇچ ئامىلى : ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقنى بولۇش ، مۇستەھكەم بولۇش ، كۆركەم بولۇشتىن ئىبارەت .بۇنى ئەڭ دەسلەپتە رىم ئارخېتىكتورى ۋىتروۋى  ئوتتۇرغا قويغان .

جۇڭگۇچە رەسىم : قىسقارتىلىپ دۆلەت رەسىمى دەپ ئاتىلدۇ .ئۇ ئىلىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە ئەنئەنىۋى رەسسانلىقى بولۇپ ئۇ جۇڭگۇنىڭ ئۆزىگە خاس موي قەلىمى ، سىياسى ،رەڭلىرى بىلەن شۇنزى ، تىرە قەغىزى ياكى شايىغا سىزىلغان رەسىم تۇرىدۇ.

جوڭگۇچە رەسىم مەنە جەھەتتىن : ئادەم رەسىمى ، تاغ ـ دەريا رەسىمى ، گۇل ـ ھىياھ رەسىمى ، ئۇچار قۇش رەسىمى دىگەن تۇرگە  : تىخنىكىلىق قائىدىسگە ئاساسەن : نەپىس تەسۋىر ، مەنا تەسۋىر ، ئارلاشقا تەسۋىر دىگەن تۇرگە : بەت شەكلىگە قاراپ : تىك ئاسىدىغان ، يانتۇ ئاسىدىغان ، يەلپۇگۇچ شەكىللىك دىگەن تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ.

ماي بوياق : رەڭ تەڭشەش مېيى بىلەن تەڭشەلگەن بوياقلا ئارقىلىق مەخسۇس ياسالغان رەخىت ، تاختا ، قاتتىق قەغەز ياكى تامغا سىزىلغان رەسىم تۇرى . 17ـ 18ـ ئەسىرلەردە غەرەپ دىن تارقاتقۇچىلىرى تەرپىدىن ئىلىمىزگە كىرگەن . تىمىىسى :  تارىخى رەسىم ، دىنىي ھىكايىلەر رەسىمى ، ئۆرۇپ ـ ئەدەت رەسىمى ، پورتىرىت رەسىمى ، مەنزىرە رەسىمى . جىسىم رەسىمى دىگەن تۇرگە بۆلىنىدۇ .

سۇ بوياق : سۇ بىلەن بوياقنى تەڭشەپ سىزىلىدىغان رەسىم ، يەنى سۇنىڭ سىڭىش رولى ۋە قەغەزنىڭ ئەمەلىي رەڭگىدىن پايدىلىنىپ سۇزۇك ، يىنىك ، نەمخۇش ،بولۇش قاتارلىق بەدىئىي ئۇنۇمنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. سىزىش ئۇسۇللىرى : قۇرۇش سىزىش ، ھۆل سىزىش ، يىرىك سىزىش ، ۋە سىپتا سىزىشتىن ئىبارەت .

باسما رەسىم : رەسساملىق بىلەن باسما ھۇنىرى بىرلەشتۇرۇلگەن رەسىم تۇرى  ئۇ رەڭلىك باسما ۋە رەڭسىز باسما دىگەن تۇرگە بۆلىنىدۇ .بوياققا قاراپ : ماي باسما ، سۇ باسما دىگەن تۇرگە . ئويۇلغان تاختىغاقاراپ : ياغاچ ئويما ، مىس باسما رەسىم ،تاش باسما رەسىم ،ۋە قەغەز باسما رەسىم قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ .

چاتما رەسىم : كۆ سەھىپىلىك دەۋملاشقان رەسىلەر بىلەن ھىكايە ياكى ۋەقەنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى بايان قىلىدىغان رەسىم شەكلى .

تەشۋىقات رەسىم : پىلاكات رەسىم ياكى ئىلان رەسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . تەشۋىق ئارقىلىق شەپەرۋەلىككە كەلتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان قىسقا ، ئىخچام يېزىق بىلەن بىرلەشتۇرۇلگەن رەسىم تۇرى .

ھەجىۋى رەسىم : ئاددىيلاشتۇرۇش ، مۇبالىغىلەشتۇرۇش ، شەكىل ئۆزگەرتىش . ئوخشىتىش ، سىمىۋول قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستە ۋە ئەپچىللىك بىلەن پىكىر يۇرگۇزۇش ئارقىلىق مەسخرە قىلىش ، مەدىھىلەش ، خەسەردار قىلىش ، كۆڭۇل ئېچىش قاتارلىق مەخسەتكە يەتكىلى بولىدىغان بىر خىل رەسىم تۇرى .

سىدام سىزما : نەسىلەرنىڭ ئوبرازى ئاساسەن بىر خىل رەڭلىك سىزىقلار ۋە يۇزلەرگە ئايرىلىپ سىزىلىدۇ.رەسساملىق ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي ماھارىتى.

تىز سېزما : قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىغىنچاق سىزىقلار ياكى ساپ رەڭلەرنى ئىشلىتىپ ، ئوبىكتىنىڭ بەدەن شەكلىنى ، ھەرىكەت روھى قىياپىتى ياكى مۇھىت كەيپىياتىنى سىزىپ چىقىش بۇنىڭدىكى مەخسەت تۇرمۇشنى خاتىرلەش ۋە ئىجادىيەت ئۇچۇن دەسلەپكى ماتىريال تەييارلاش .

پىرسىپىكتىۋ : لاتىنچە سۆز بولۇپ نەسىدىن ئۆتۇپ قاراش دىگەن مەنىدە كىشلەر تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرۇتۇپ تۇردىغان يىقىندىكىسى چوڭ ، يېراقتىكىسى كىچىك بولۇپ كۆرنىدىغان تەبىئىي ھادىسە پىرسىپكتۋلىق ھەدىسە دەپ ئاتىلىدۇ.

شەكىل : تەكشىلىك ئۇقۇمى ھەجىم بىلەن شەكىل ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ  شەكىل بولمىسا ھەجىممۇ بولمايدۇ.

ئۇچ چوڭ تەرەپ : جىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى ، كەڭلىكى ، چۇڭقۇرلىقى .

ئەسلى رەڭ : ئوخشاش بولمىغان دولقۇن ئۇزۇنلىقتىكى رەڭلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە قايتۇرغانلىقتىن بىر خىل رەڭ ھاسىل بولىدۇ مۇشۇنداق خاراكتىرىگە ئىگە رەڭلەرنى ئەسلى رەك دەيمىز.

مۇھىت رەڭگى : مەلۇم رەڭلىك نەرسە قوبۇل قىلغان ، مۇئەييەن نۇر ھالىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ۋە مۇھىيتىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان رەڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھىت رەڭگى دەيمىز،

ئىدىئال رەڭ : ئاپتۇرلار رەسىم سىزىپ رەڭ ھادىسلىرىنى ئىپادىلىگەندە بىر تەرەپكە كۆپرەك ئىتىبار بىرىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ ،ياخشى سىزىلغان كۆزەل سەنئەت  ئەسەرلىرى ھەرگىزمۇ تەبىئەتتىكى رەڭنى كۇچۇرۇپلا قويمايدۇ.بەلكى ئاپتۇر تولۇق بەدىئىي ئىش قوشۇش ئارقىلىق رەسىملەردە ئىدىئال رەڭلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

سۇبوياق رەسىىم سىزىش ئۇسۇلى : قۇرۇق سىزىش ،ھۆل سىزىش .

سۇ بوياق سىزىش تەرتىپى : 1.قىرىنداش بىلەن سۇس شەكىل ئېلىش ،2.چوڭ رەڭ مۇناسىۋىتى سىزىلىدۇ.3.سۇڭقۇرلاپ رەڭ بىرىلىدۇ .4. رەتلەپ تۇزەش .

رەڭ قۇرۇلمىسى : ئىككى خىلدىن ئارتۇق رەڭنى ئوخشاش بولمىغان تەلەپ ۋە مۇئەييەن قائىدە بويىنچە باشقىدىن گورۇپپىلاشتۇرۇپ قۇشۇپ يېڭى رەڭ مۇناسىۋىتى پەيدا قىلىش .بۇ رەڭنىڭ تەركىبى ۋە قۇرۇلمىسىغا قارىتىلغان .

رەڭ سىلىشتۇرمىسى : ئىككىدىن ئارتۇق رەڭنى بىر يەرگە قويۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان پەرىقنى سىلىشتۇرۇپ چىقالىساق، ئۇلارنىڭ ئۆزـ ئارا مۇناسىۋىتى ، رەڭنىڭ سىلىشتۇرما مۇناسىۋىتى بولىدۇ.

تەبىئىي رەڭ : كىشلەرنىڭ ئىرادىسى بويىنچە ئۆزگەرمەيدىغان ھەممدە ئادەم كۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان رەڭلەر .

تەكشىلىك قۇرۇلمىسى : ئوخشاش بولغان ياكى ئوخشاشا بولمىغان بىرلىك ئوبرازلارنى مۇئەييەن شەكىل قائىسىدسى بويىنچە ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتا يېڭى كۆرنۇش ئوبرازى قىلىپ بىرىكتۇرۇپ چىقىدىغان بىر خىل ئوبراز لايىھىلەش ئۇسۇلى .

تەكشىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ تۇپ ئامىلى : چىكىت ، سىزىق،  يۇز دىن ئىبارەت .

 قۇرۇلما : نەسىلەرنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ تەركىبى ۋە تۇزۇلىشى بولۇپ نەرسىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئامىلى ھىساپلىنىدۇ.

نىسپەت : نەسىلەر بىلەن نەرسىلەرنىڭ ياكى نەسىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ھەر قايسى قىسىملارنىڭ چوڭ –كىچىكلىكى ،ئۇزۇن –قىسقىلىقى .ۋە كەڭ ـ تارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان .

ئۇچ چوڭ يۇز : يورۇن يۇز ،كۆلرەڭ يۇز ،قاراڭغۇ يۇز .

بەش تۈس :  يورۇق قىسىم ،يىرىم يورۇق قىسىم ،يورۇق بىلەن قارايغۇنىڭ پاسىلى  قاراڭغۇ قىسىم،  ( رىفلىكىس ) سايە

سىتىرىئولۇق قۇرۇلمىنىڭ ئۇچ ئامىلى : شەكىل ھالەت ئامىلى ، كۆرۇش سىزىمى ھەلىتى ، مۇناسىۋەت ئامىلى .

سىتىرىئولۇق قۇرۇلما : مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا تەكشىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ داۋامى ئۇچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يەككە جىسىملارنى ئۇنىمى ۋە ئىشلىتىلىش رولىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا باشقىدىن بىرىكتۇرۇپ بىر يېڭى شەكىل ھالىتىگە كەلتۇردىغان ۋە كۆرۇش سىزىمىگە ئىگە قىلىنغان مىخانىكىلىق ئىستىتىك ئۇقۇم .

ئادەم بەدىنىڭ ھەرىكەت شەكلى : ئىگىلىش ، سوزۇش ، يېغىش ، كېرىلىش ، ئايلىنىش ، مېڭىش ،يۇگۇرۇش  شەكرەش قاتارلىقلار

بەلگە: زور مىختاردىكى ئۇچۇرنى ئاددىي رەسىمگە ياكى سىزىققا ئخىچانلاپ مەلۇم شەيئىنىڭ ۋاكالەتلىك ئوبزازى قىلىپ ، مەلۇم خاس ئۇچۇرنى يەتكۇزۇپ تەشۋىق قىلىش ، پەرىق قىلىش  ۋە گۇزەللەشتۇرۇلگەن شەكىل .

بەلگە لاھىيسىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى : يېزىق شەكىل ، ئوبرازلىق شەكىل ، گىئومىتىرىك شەكىل ، ئۇنۋىرسال ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان شەكىل .

سەنئەت ئېقىمى : جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ سەنئىتى مۇئەييەن  تارىخى باسقۇچقا كەلگەندە ئىددىيۋى خاھىش ، ئىسستىتىك تەشەببۇس ، ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاشلىقى بولغان ياكى يىقىن كەلگەن بىر تۇرى ، ئەنئەتچىلەردىن شەكىللەنگەن سەنئەت مەزھىپى .

كىلاسسىزىم : كىلاسسىك ئىستىتىكنىڭ تەسىرى بىلەن قەدىمقى يۇنان ۋە رىم سەنئىتىنى ئەينەك قىلىپ بىر خىل ساپ جىمجىت نەپىش بولغان غايىۋى گۇزەللىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇ خىل كىلاسسىزىم گۇزەل –سەنئىتى فىرانسىيە ئۇلۇغ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىشىپ يېڭى كىلاسسىزىم ئىقىمىنى شەكىللەندۇرگەن .

يېڭى كىلاسسسىزىم : ئىددىيە ۋە كۆقاراش جەھەتتە ئىدىراكىلىككە ئەھمىيەت بىرىدۇ.سەنئەت جەھەتتە قەدىمقى گىرىتسىيە ۋە رىم سەنئىتىنى ئۆزىگە ئۇلگە قىلىدۇ.تىما جەھەتتە قەدىمكى كىرىتسىيە ۋە رىمنىڭ ئەپسەنە م رىۋايەت ۋە تارىخى ھىكايىلىرىىدىن ماتىريال تاللايدۇ.تىمىنىڭ يۇكسەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ، بەدىيئىيلىك جەھەتتە كومپىوزوتسىيەنىڭ تەڭپۇڭ ۋە رەتلىك بولۇش، ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ.غايىۋى گۇزەللىككە ئىنتىلىدۇ.

رومانتىىزىم : كىلاسسىزىم ئاسارىتىگە ئۇچرىماسلىق رەسسامنىڭ قايناق ھىسياتى ۋە تەسەۋۋۇر ئىختىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش ، رەڭگە ئەھمىيەت بىرىشنى تەكىتلەش كىلاسسزىمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى .«ئەكىنلىك ئانىسى خەلقنى ئالغا باشلىماقتا » دىلاكىروۋا . 

كومپوزىتسىيە : پىرسۇناژ ، شەيئى ، مۇھىت ۋە رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆرنىنى مۇئەييەن بوشلۇق دائىرسى ئىچىگە ئورگانىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ باش تىما ۋە گۇزەللىك تۇيغۇسى ئۇنۇمىنى ئىپادىلەش رولىغا ئىېرشىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ناتۇرا سىزىش : ئەمەلىي نەرسىلەرنى بىۋاستە ئوبىيكتىپ قىلىپ سىزىلغان رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.