PNG فورماتى (*.PNG)
Netscape شىركىتى تەققىي قىلدۇرۇپ ئوتتۇرغا چىقارغان ھۆججەت فورماتى،توردا يوللاش،ئۇزۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ،ئۇ تولۇق رەڭ تەسۋىرىنى قوللايدىغان بولۇپ،Alpha رەڭ تىزىملىكىدە ساقلاش ۋە ئارقا كۆرنىشنى سۈزۈك ساقلاشقا بولۇپلا قالماستىن يەنە بۇزۇۋېتىلمىگەن شەكىلدە پرېسلاش ئېلىپ بارغاچقا ،بۇزۇلغان سۈرەت ھۆججىتىنىڭ سۈپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ. PNG فورماتىدىكى ئەڭ مۇھىمى شۇكى سۈرەتنىڭ Gamma قىمىمتىنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان بولۇپ، سۈرەتنى ئوخشىمىغان سۇپىدا ئىشلەتكەندە ئوخشاش رەڭدە ئىپادىلنىشقا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
PNG فورماتىدا ساقلىغاندا «نۆۋەتلەشتۈرۈش» ئىقتىدارىنى تاللىغىلى بولىدۇ.
TIF فورماتى(*.TIF)
TIF فورماتى- ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان ھۆججەت فورماتى بولۇپ،نۇرغۇنلىغان ئوخشىمغان كومپيۇتېر سۇپىلىرىدا ۋە قوللىنىشچان پروگراممىلار ئارىسىدا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بەت ياساش،بېسىش ئىشلىرىغا باپ كېلدۇ.
Photoshop تا TIF فورماتىدا ساقلىغاندا ،ساقلاشنى ئالدىن كۆرۈش كۆرنىشىدە PCياكىMac شەكىلدە ساقلاشنى تاللىغىلى بولىدۇ،شۇنداقلاLZW شەكىلدە پرېسلاشقا ۋە ئارقا كۆرنىشنى سۈرزۈك شەكىلدە ساقلاشقىمۇ بولىدۇ.
LZW شەكلى بولسا بىرخىل يۇقىرى سۈپەتتىكى بۇزۇۋېتىلمىگەن پرېسلاش شەكلى،سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ،لىكىن ھۆججەتنى ساقلىغاندا ۋە ئاچقاندا نىسبەتەن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ.
EPS فورماتى(*.EPS)
بۇ بىر خىل ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭرى بولغان PostScript شەكلى، ئاساسلىقى رەسىم سىزىش،بەت تىزىش ۋە بېسىشتىن ئىلگىرىكى مەشغۇلاتلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
(PostScript-ــ بىرخىل پروگرامما تۈزۈش تىلى بولۇپ،سۈرەت ۋە يېزىق رەتلەش،بېسىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ،ھازىرقى تىلىمىز بويىچە ئىيتقاندا ئۇ بىر خىل بەت تەسۋىرلەش تىلى،1985 –يىلى Adobe شىركىتى ئوتتۇرغا چىقارغان)
PDF فورماتى(*.PDF)
PDF (Portable Document Format) Adobe شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغان مەخسۇس مەشغۇلات لىنيەسىدىكى مەتبۇئات ئىشلىرىغا بەلگىلەنگەن ھۆججەت شەكلى. ئۇنىڭ ئاساسى PostScript Level 2 تىلى،شۇنداق بولغاچقا يېزىق،ۋېكتورلۇق شەكىل،بىتلىق تەسۋىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە ئۇلتىرا ئۇلىنىشنى قوللايدۇ،پەقەت Adobe Reader ئارقىلىقلا PDF ھۆججەتلىرىنى ئاچقىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ.(ئۇنىڭدىن باشقا دېتاللارمۇ بار ،ئەلۋەتتە)
بەت تىزىش ۋە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى بولمىسىمۇ،ھۆججەت مەزمۇنىنى كۆرگىلى، بەت ئورۇنلاشتۇرلىشى ،بېسىپ چىقىرىش قاتارلىقلارنى ئو خشاشلا قىلغىلى بولىدۇ. ھۆججەتلىرىئۇلتىرا ئۇلىنىشنى قوللايدىغانلىقى ئۈچۈن توردىن چۈشۈرگەن ھۆججەتلەر كۆپىنچە بۇ خىل ھۆججەت فورماتىنى قوللىنىدۇ.
Ps نىڭ ھۆججەت فورماتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە(1)
2010-06-04 02:12:44 گىلەم
رەسىمنى Bmp شەكلىدە ساقلىسىمۇ ، ئوخشاشلا سۈزۈك ساقلاشقا بولىدۇغۇ ؟ PNG بىلەن Bmp نىڭ پەرقى نىمىدۇ؟!
جاپا چىكىپسىز … قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .
[Reply]