يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم كۆرۈرمەنلىرىمىزدىن «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» غا مۇۋاپىقيەتلىك كىرەلمىگەنلىكىنى ، قانداق قىلغاندا مۇۋاپىقيەتلىك تىزىملاتقىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ يوللانغان ئۇچۇرلارنى QQ ۋە ئېلخەتلەردە تاپشۇرۋالدۇق. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان تورداشلارغا چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە بۇ يازما تەييارلاندى.
يازمىنىڭ بايانى:
تور بېتىمىز نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان ۋوردپىرەس(WordPress ) بلوگ سۇپىسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاش تىزىملىتىپ- كىرىش، ئەزالار يازما يوللاش.. قاتارلىق جەھەتلەرگە سىلىشتۇرغاندا مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئىگە.
گەرچە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تور نامى، بوشلۇق قاتارلىقلاردا مۇنبەر قۇرۇشقا تامامەن بولسىمۇ، بىراق باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت ، ئۈگۈنۈش جىددىيلىكى تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبەر مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت سىجىللىقى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا مۇنبەر قۇرۇشقا ئالدىرىمىغان ئىدۇق. (ئەگەر باشقىچە ئۆزگىرىش بولماي قالسا، مۇشۇ يىلى 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تور بېكىتمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاتەش گۈزەل سەنئەت مۇنبىرى» نى ئېچىش ئارزۇيىمىز بار)
دەرۋەقە، بەت ئۈسىتىدە تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بۇ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبىمىزنىڭ ئالاھىدە بىر ئىقتىدارى بولۇپ، باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشاش تىزىملىتىپ- كىرىش كۆزنىكى ئەمەس. شۇڭا كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، يازمىلارغا ئىنكاس يازغاندا ئىنكاس رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى تولدۇرغاندىن كېيىن (تور بەت نامىنى تولدۇرۇش شەرت ئەمەس) ئىنكاس قالدۇرۇپ تۇرىشىنى سورايمىز.
يەنە بىر ئۈمىدىمىز:
كۆرۈرمەنلەر يازمىلارنى كۆرۈپ بولۇپلا، جىمجىت چىقىپ كەتمەي، يازمىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ، يازمىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويىشىنى، ئاپتورلارغا نىسبەتەن مەدەت- ئىلھاملارنى بېرىپ تۇرىشىنى سەممىي ئۈمۈد قىلىمىز.
ئەگەر تور بەت گورۇپپىمىزغا باشقۇرغۇچى ياكى تەكلىپلىك ئاپتور بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز.
شەرتى: مەلۇم تور بىلىملىرىگە ئىگە بولغان، ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا دىققەت قىلالايدىغان، مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. (باشقۇرغۇچىلار كىملىك ئارقىلىق سالاھىيەت دەلىللىنىدۇ)
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش