ئەركىنىلىك ئىلاھى ھەيكىلى(ئىنگىلىزچە ئاتىلىشىStatue of Liberty )يەنە «ئەركىنلىك نۇرى دۇنياغا نۇر چاچماقتا»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئاپتۇرى:بارتول(Bartholdi, Frederic-Auguste)، 1874-يىلدىن 1884-يىلغىچە ياسالغان،ماتېرىيالى ـ پولات،تۆمۈر. ئېگىزلىكى ـ 46مېتىر(ئاستىنقى ئاساسىي يەنى تەگلىكى بىلەن قوشۇپ ھېساپلىغاندا93مېتىر)، ئىغىرلىقى:225 توننا.
ھەيكەل نيۇيورك پورتىدىكى ئەركىنىلىك ئارىلى ئۈستىدە بولۇپ،ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلىش غايىسىگە سىمۋول قىلنغان.
ھەيكەلدە ئايال ئىلاھ بېشىغا يالقۇنجاپ تۇرغان تاج ، ئۇچىسىغا قەدىمىي رىمنىڭ ئۇزۇن چاپىنىنى كىيگەن، ئوڭ قولىدا 12مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەشئەلنى كۆتۈرگەن،سول قولىدا «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»غا سىمۋول قىلىنغان كىتابنى تۇتقان ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
(كىتابنىڭ ئۈسىتىگە «خىتابنامە»نىڭ ئېلان قىلنغان ۋاقتى «1776.7.4»دېگەن خەت ئويۇلغان)
ھەيكەلنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىغا 120 توننا پولات-تۆمۈر،سىرتقى يۈزىگە 80توننا مىس تاختا ئىشلىتىلگەن بولۇپ ،300مىڭ تال قالپاقلىق مىخ بىلەن ئاساسىي قۇرۇلمىسىغا مۇقۇملاشتۇرۇلغان.
ھەيكەلنىڭ ئىچكى تىرەك(قۇرۇلمىسى)نى ئارخېتىكتور约维雷勃杜克 ۋە پارىژ ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنى ياسىغان فىرانسىيلىك ئىنژېنېر ئېيففېل لايىھىلىگەن،ئىكىسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرھەيكەلنىڭ ئاساسىي تەگىلكىدىن بىۋاستە لىفىت بىلەن ئاساسىي تەگلىك ئۈستىگە چىقىدۇ ،ئاندىن ھەيكەلنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئايلانما شەكىلدىكى 172 پەلەمپەي ئارقىلىق ئۈستىدىكى «تاج»غا چىقىدۇ.
ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ھەر ئۈچ بۆلەك ئارىلىققا دەم ئېلىش ئورنى لايىھىلەنگەن،«تاج»دا بىرلا ۋاقىتتا 40 ئادەم ئىكىسكۇرسىيە قىلالايدىغان بولۇپ ،تۆت ئەتراپىدا 25 تۆمۈر دېرىزە بار،ھەربىر دېرىزىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن1مېتىر ،دېرىزىدىن سىرتقا يىراققا نەزەر تاشلىغاندا شەرق تەرەپتە «پولات-تۆمۈر بابىلونى»دەپ ئاتالغان مانخاتتان ئارىلىدىكى ئېگىز بىنالارنى،جەنۇپ تەرەپتە نيۇيورك قولتۇقىنڭ چەكسىز كۆرنىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ.«تاج»نىڭ ئوڭ تەرىپىدىن يەنە ئوڭ تەرەپ ئارقىلىق ھەيكەلنىڭ ئوڭ بىلىكىدىكى مەشئەلنىڭ ئاستىغا چىققىلى بولىدىغان بولۇپ،بۇ يەرگە 12 ئادەم بىمالال سىغىدۇ،بىراق بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ،بۇيەر ساياھەتچىلەرگە ئىچىۋىتىلمىگەن.
ھەيكەلنىڭ ئاساسىي تەگلىكى بىر زال بولۇپ،1972-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر مۇزېيى تەسىس قىلغان.
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش