قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى، فۇتۇسى : 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى بۇ ناھىيىنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەتتە تۇنجى نۆۋەتلىك قەشقەر – يېڭىسار « چېچەكزارلىقتىكى قىز» ئوبراز ئەلچىسىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۇزۇلدى، 30 جۇپ قىز – يېگىتنىڭ كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلارغا 60 مىڭ يۇەن قىممىتىدە 30 دانە كېرئالغۇ تارقىتىپ بىرىلدى. مەملىكەتلىك سىرىكچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يېڭىسار دارۋازلىق مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى، « پەلەك شاھى » ئادىل ھوشۇرنىڭ شاگىرىتلىرى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سىرىك نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى، خەتتات باتۇرجان ئابدۇۋىلى تۇغلان، ھەسەنجان ئەبەيدۇللا قاتارلىقلار نەخ مەيداندا خەتتاتلىق ماھارىتى كۆرسەتتى، بىر قىسىم ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ قول ھۈنەر – سەنئەت بويۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. پائالىيەت داۋامىدا يەنە ئىت تالاشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش،ئەرلەر چىلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. گۈزەل قىزلار چىچەكزارلىقتا گۈزەل ئۈرۈك چىچەكلىرىدىن قانغىچە بەخىرلىنىپ، گۈزەل باھارنىڭ پەيزىنى سۈردى.
ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ ( قەشقەر شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى )
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش