تەشۋىقات رەسىم ساھەسىدىكى يارقىن نامايەندە-«ھالاكەت»

2010-06-08 01:40 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 265 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

ئىلاۋە:

1993-يىلى بولسا كېرەك،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان،يازلىق تەتىل كۈنلىرىمنىڭ بىر كۈنى،ئۆيگە كىرىپ دېرىزىدىكى«شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىنىڭ ئۈچىنچى بېتىگە بېرىلگەن«ھالاكەت»تېمىسىدىكى رەڭسىز تەشۋىقات رەسىمنى كۆرۈپلا بىر خىل ھاياجان ئىلكىدە قالدىم،كىچىكىمدىن تارتىپ رەسىم سىزىشقا ھەۋەس قىلغانلىقىم ۋە كەلگۈسىدە بىر مۇنەۋۋەر رەسسام بولۇپ چىقىش ئارزۇيۇم بولغاچقا،بۇ رەسىم تېزلا مېنى ئۆزىگە رام قىلۋالغانىدى(كېيىنچە بۇ رەسىمنىڭ رەڭلىك نۇسخىسىنى «شىنجاڭ ئاياللىرى»«شىنجاڭ مەدەنىيتى» قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ كۆردۈم)،رەسىمدىكى قىزنىڭ «شەيتان» نىڭ كەينىگە كىرىپ،زەھەرلىك چىكىملىككە بېرىلىپ، ھاياتىنى تۈگەشتۈرگەنلىكىدەك مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ رەسىمدىكى مەزمۇن ،ئەڭ مۇھىمى ئەمىلىي تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدىغان كۆرۈنۈشنىڭ راستەكلا سىزىپ چىقىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرغان ھەمدە نەچچە ۋاقىتلارغىچە مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان پاراڭ تېمام بولۇپ قالغانىدى،ھەتتا شۇ چاغدىكى قىزىقىشىم ۋە سەۋىيەم بويىچە كۆچۈرۈپ سىزىپمۇ باققانىدىم.گەرچە ئۇ چاغلاردىكى سەۋىيە بىلەن بۇنداق سەۋىيلىك رەسىملەرنى ئۆزۈم ئويلىغاندەك كۆچۈرۈپ سىزىپ چىقالمىغان بولساممۇ ،رەسىم كەسپىگە بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن بەش- ئالتەئۆتۈپ،يەنى 1998-يىلغا كەلگەندە،ئۆزۈمنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن رەسىم كەسپىگە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن،قەشقەر سەنئەت مەكتىپىگە كېلىپ،كەسپىي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىدا «ھالاكەت»دېگەن رەسىمنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرۈپ،ئاپتۇرنىڭ قەشقەر سەنئەت مەكتىپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قەيسەر ھىسامىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھاياجانلىرىم تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى ۋە كۆڭلۈمدە «مۇشۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى بولسام نېمە دېگەن ياخشى-ھە!» دېگەن خىيال كاللامغا كەلگەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن 1998-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى بىكار قلىپ،قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلدىم.(بۇنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۆز يىنىدا ئوقۇتۇش ئارزۇسى بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇم بەلگىلىگەنىدى)….

گەپنى جىق قىلماي،ئاساسىي گەپكە كەلسەم،مۇشۇ بلوگنى قۇرغاندىن باشلاپ،ئۇستازىم قەيسەر مۇئەللىم توغرىسىدا مەخسۇس يازما تەييارلاش ئويۇم بولغاچقا،شەنبە كۈنى(6-ئاينىڭ5-كۈنى)مۇئەللىمنى ئىزدەپ،قەشقەر سەنئەت مەكتەپكە باردىم.

ئىشخانىغا كىرگىنىمدە ،مۇئەللىم 9-ئايدا ئاچماقچى بولغان «قەشقەر تەسىراتلىرى»تېمىسىدىكى شەخسى ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ،ئىشخانا ئىچى قەشقەرنىڭ كوچىلرى ئاساسىي تېما قىلىنغان چوڭ-كىچىك ماي بوياق رەسىملەر بىلەن  لىق تولغانىكەن.

مۇئەللىم كېلىش مەخسىتىمنى ئۇققاندىن كېيىن،بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ،مەزكۇر يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. مەن مۇشۇ يازمام ئارقىلىق ئۇستازنىڭ «قەشقەر تەسىراتلىرى»تېمىسىدىكى شەخسىي ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزلىشىگە،كەسىپتە تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

 
 
 

ئۇستازنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

قەيسەر ھىسامىدىن،ئۇيغۇر،1972-يىلى مەكىت ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ تەكلىپلىك ئەزاسى،قەشقەر رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ھازىر قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ «قەشقەر كوچىسى»ناملىق ماي بوياق ئەسىرى 2003-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان«شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەنزىرە رەسىم كۆرگەزمىسى»دە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2003-يىلى «تاجىك قىزى» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى «باھارنى كۈتىۋىلىش رەسىم كۆرگەزمىسى»دە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقائىرىشكەن. 2004-يىلى «تاجىك يېڭى كىلىن» ناملىق ماي بوياق رەسىمى جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان«يېڭى ئەسىر 3-نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ مەدەنىيەت قىسمىغا تاللانغان.2005-يىلى «كوزىچى ياربېشى»،«ئۆيگە قايتىش» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى«2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ  ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» گە تاللانغان.2005 –يىلى «كۈز»ناملىق ماي بوياق ئەسىرى جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلرى جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

1998-يىلى تەشۋىقات رەسىم ئەسىرى«جىنايەت» جۇڭخۇا ئاخباراتچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان«9-نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ئاخبارات مۇكاپاتى ھەجىۋى رەسىم كۆرگەزمىسى»دە مىس مىدالغا ئىرىشكەن.شۇيىلى چاۋشىيەن دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيتى سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن كىمئېرسىن خاتىرە سارىيىدا ئىكىسكۇرسىيەدە بولغان.

 

 

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.