ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى، كىتابپۇرۇش بلوگى، دەۋرىم تورى «نوزۇر» نى تەبرىكلەش ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزمەكچى.
ھەرقايسى بېكەت باشلىقلىرىنىڭ تەشۋىقاتقا ھەمكارلىشىشىنى، لايىھىلىگۈچى ۋە خەتتاتلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئەسەر قاتناشتۇرىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئەسەر قوبۇل قىلىش دائىرىسى:
- Maya ، 3D Max ، ZBrush ۋە شۇنىڭدەك باشقا 3D دىتاللاردا ئىشلەنگەن لايىھەلەر، ئېلانلار، سىن-فىلىم… قاتارلىقلار.
- ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ھەر قايسى خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى.
تەلەپ:
- مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە زىت بولغان، جەمئىيەت مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەسەرلەردە ئىمكانقەدەر ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە نوزۇرنى تەبرىكلەش ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى لازىم.
- ئەسەر ئىۋەتكەندە ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادېرىسى، تېلېفۇن نۇمۇرى قاتارلىقلارنى بىرگە تەمىنلىشى كېرەك.
- 3D ئەسەرلەر ئىشلەنگەن دېتال ۋە ھاسىللاش قىستۇرمىلىرى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى، باشقا مۇنبەر ۋە تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەر بولىشى كېرەك.
- خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئۆلچەملىك سۈرەتكە تارتىلغاندىن كېيىن، ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى يوللاپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئەسەرنىڭ ئىشلەتكەن ماتېرىيالى قىسقىچە ئىزاھلىنىش كېرەك. (كومپيۇتېردا ئىش قوشۇلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئچىگە ئالمايدۇ)
- ئەسەرلەرنىڭ سانى چاتما ئەسەرلەردىن باشقىلىرى ئۈچ پارچە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.
- ئەسەرلەر 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:00 گىچە بىردەك atesh_biz@126.com غا يوللاپ بېرىلسە بولىدۇ.
كۆرگەزمە ۋاقتى : 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى .
كۆرگەزمىدىن كېيىن «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» تور گورۇپپىسى 3D ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئەسەرلەرنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىدۇ.
مۇكاپات بۇيۇمى:
1- دەرىجە (جەمئىي ئىككى نەپەر، 3D ئەسەرلەر 1 نەپەر، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى 1 نەپەر)
مۇكاپاتى : «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» نىڭ خاتىرە بويۇمى 1 دانە، 150 يۈەن خەلق پۇلى، «قەشقەر ھېيتگاھ تەڭرىتاغ كىتابخانىسى» نىڭ 70 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب تەمىنلەش كارتىسى، «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»، «سەرسان روھ» رومانلىرىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى (ئوپتىك دېسكا نۇسخىسى)
2- دەرىجە (جەمئىي ئىككى نەپەر، 3D ئەسەرلەر 1 نەپەر، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى 1 نەپەر)
مۇكاپاتى : «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» نىڭ خاتىرە بويۇمى 1 دانە، 100 يۈەن خەلق پۇلى ، «قەشقەر ھېيتگاھ تەڭرىتاغ كىتابخانىسى» نىڭ 70 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب تەمىنلەش تەمىنلەش كارتىسى، «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»، رومانلىرىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى (ئوپتىك دېسكا نۇسخىسى)
3- دەرىجە (جەمئىي تۆت نەپەر، 3D ئەسەرلەر 2 نەپەر، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى 2 نەپەر)
مۇكاپاتى : «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» نىڭ خاتىرە بويۇمى 1 دانە، 50 يۈەن يۈەن خەلق پۇلى، «باھادىرنامە» رومانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى (ئوپتىك دېسكا نۇسخىسى)
باشقا شىركەت ۋە شەخسلەردىن ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن «2012- يىللىق 3D ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» نىڭ خاتىرە بويۇمىنى تەمىنلەشكە ھەمكارلاشقان ئابۇساتتارجان ۋە سابىرجانلارغا ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى، كىتابپۇرۇش بلوگى، دەۋرىم تورى نىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرىمىز.
كامالى ئىھتىرام بىلەن:
ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى، كىتابپۇرۇش بلوگى، دەۋرىم تورى
2012- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى
كىتابلارنىڭ كۆپرەكى يېقىندىن بۇيان نەشردىن چىققان كىتابلاردىن تاللاندى، ئەگەر بۇ كىتابلارنى ياختۇرمىغانلار بولسا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئىھتىياجىغا قاراپ باشقىلىرىنى تاللىسا بولىدۇ. ( كىتابخانىمىزدا بار كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ)
2012-03-07 12:24:44 گىلەم
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئاتەش گۈزەل – سەنئەت تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ۋە مۇنۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ياردەمدە بولغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر، زىيارەتچىلەر….
بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنمۇ مۇنۇ كۆرگەزمىگە ئۆز ئەسەرلىرىمنى چۇقۇم ئەۋەتىمەن. ‹‹ ئاللاھ خالىسا باشقا ئىشلار بۇلۇپ قالمىسىلا ››
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 8th, 2012 at 10:24
سەمىمىي تىلەكلىرىڭىزگە تەشەككۇر. كۆپ خۇرسەن بولدۇق.
[Reply]
2012-03-07 14:28:33 كىگىز
بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ … ئاللاھ خالىسا چوقۇم ئەسەر قاتناشتۇرىمەن .
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 8th, 2012 at 10:25
ئەسەرلىرىنى كۈتىمىز ئەمسە.
[Reply]