ئۈگۈنۈپ قويۇشقا تېگىشلىك ھۈنەر- ھۆسنىخەت قەلىمى ياساش

2012-01-21 12:39 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 558 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(1پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى- ئەجەدلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەۋەرۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقىچە داۋاملىشىپ، بىزگىچە يېتىپ كەلدى. ھازىر مەكتەپلەردە ھۆسنىخەت دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنماسلىقى، كەڭ ئەنلىك پۈركۈپ سىزىش ماشىنىسىنىڭ ئومۇملىشىشى.. قاتارلىق بىر قاتار رېئال مەسلىلەر  تۈپەيلى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى مەلۇم دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم كەسپىي خەتتاتلىرىمىز ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزدا يېڭى يۈكسىلىشلەر بارلىققا كىلىۋاتىدۇ ھەم بارلىققا كەلگۈسى.

ياخشى يېزىلغان ھۆسنىخەت كىشىگە ئۆزگىچە زوق ۋە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، گەرچە خەتتاتلىق ماھارەت ئاساس قىلىنغان سەنئەت تۈرى بولسىمۇ، ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال ۋە ماتېرىيال سۈپىتى بىۋاستە بېرىپ ئەسەر سۈپىتىگە، ئەسەر بەدىئىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

ھازىر مىجىت قەلەم (لايىھىلەپ، بازارغا سالغان كىشىنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان)، قۇمۇش قەلەم، موي قەلەم، قاتۇرۇلغان ھۆسنىخەت قەلىمى .. قاتارلىق ھۆسنىخەت قەلەملىرى بىر قەدەر كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

بۇ يازمىدا قاتۇرۇلغان ھۆسنىخەت قەلىمى ياساش ئۇسۇلىنى كەڭ تورداشلار ۋە كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ يازمىنى تەييارلاشقا يىقىندىن ياردەمدە بولغان دوستۇم، كەسىپدىشىم راخمانجان توختىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

قاتۇرۇلغان ھۆسنىخەت قەلىمى ياساش ئۇسۇلى ئۇستاز خەتتاتلىرىمىز، ھەمدە بۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئاددى مەشغۇلات بولسىمۇ، بۇ ساھەگە يېڭىدىن قەدەم باسقان ۋە قەدەم بېسىشنى ئويلىشىۋاتقان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

كېتەرلىك ماتېرىياللار:

1) چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان بىر قانچە تال پەلكۈچ (چوڭ- كىچىكلىكى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تاللىنىدۇ)

2) ماتېرىيال قىسقۇچ (تۆمۈردىن ياسالغىنى، بەك چوڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ)

3)  302تىپلىق يىلىم ( ياكى مۇشۇنداق تۈردىكى باشقا يىلىم بولسىمۇ بولىدۇ)

4) قايچا، پىچاق، بىلەي

ياساش جەريانى:

  1. ئالدى بىلەن تەييارلىۋالغان پەلكۈچنىڭ مويىنى 2- 3 مىللىمېتىر ئەتراپىدا تۆمۈر قىسقۇچ بىلەن قىسىپ مۇقۇملاشتۇرىۋالىمىز.

  1. 302 تىپلىق يىلىمىنى ئىككى خىلدىن تەڭ مىقداردا سىقىپ ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، پەلكۈچنىڭ تۆمۈر قىسقۇچ بىلەن قىسىلمىغان مويىغا تەكشى، تولۇق قىلىپ يىلىم بېرىمىز. ( يىلىم بېرىدىغان موينىڭ سىرتىغىلا ئەمەس، ئارا- ئارىسىغىچە تولۇق يىلىم بېرىمىز )

مەخسەت: پەلكۈچنىڭ تۆمۈر قىسقۇچ بىلەن قىسىلمىغان مويىنى يىلىم ئارقىلىق قاتۇرۋىتىش.

3.  يىلىم بېرىپ، يىلىم تولۇق قاتقاندىن كېيىن، تۆمۈر قىسقۇچنى ئېلىۋىتىپ، پەلكۈچنىڭ يىلىم بېرىلمىگەن مويىنى قايچا ياكى پىچاق بىلەن 20 گىرادۇستىن 30 گىرادۇسقىچە يانتۇلۇقتا كىسىۋالىمىز.

(يانتۇلۇقنى ئۆزىڭىزنىڭ خەت يېزىش ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تەڭشەڭ)

  1. پەلكۈچنىڭ ئۇچىنى بىلەي تاشقا سۈركەپ سىلىقلاش ئېلىپ بارىمىز.

بۇ خىل ھۆسنىخەت قەلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى :

موي قەلەمنىڭ يۇمشاق، ئەۋرىشىم، قۇمۇش قەلەم (ياغاچ قەلەم) نىڭ قاتتىق، جانلىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، شۈەنجې ۋە خوتەن قەغىزىگە يېزىشقا ماس كېلىدۇ.

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر1پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. huxnut
    2012-01-21 17:21:24 گىلەم

    بۇ بەك ياخشى تېما بۇپتۇ. مۇشۇنداق قەلەم ياساشنى مەن تېخى يېقىندا ئۆگەنگەن ئىدىم . ;-)

    [Reply]

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.