بوياقنى ماي بىلەن سۈيۈلدۈرۈپ رەسىم ئۈستىگە چېچىش ئارقىلىق رەسىم يۈزىدە ھەرخىل تەبئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىمدە ئالدى بىلەن قارىغاي مېيى رەسىم يۈزىنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىگە چېچىلغان،ئاندىن قارىغاي مېيىغا ھەرخىل بوياقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ،رەسىم يۈزىگە تېمىتىلغان،بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن رەسىمدىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل بولغان.
بەزىدە ئوبىيكېتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قەلەمنى مەلۇم تۆمۈر تاياقچە ئۈستىگە قويۇپ يەڭگىل ئۇرۇش ئارقىلىق بوياقنى رەسىم ئۈستىگە چاچىمىز. بۇنىڭدا قەلەم بىلەن بىۋاستە ئىپادىلەپ چىقارغىلى بولمايدىغان بىر خىل تەبئىي شەكىل ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇخىل ئۇسۇل كونا تام ۋە شېغىل تاشلارنى تاشلارنى ئىپادىلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئاق پات ئۈستىگە رەسىم سىزغاندا،ھەربىر بوياقنى قېلىن ياكى نىسبەتەن نېپىز سۈركەش ئارقىلىق بىر خىل بوياقتىن ئىككى خىل رەڭ ھاسىل قىلغىلى،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئالاھىدە رەڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە مەزمۇنلار ئىمىنجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ماي بوياق رەسىم سىزىشنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى. ماي بوياق رەسىم سىزىش توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز،كىتابنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى سىتىۋىلىڭ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش