«روشەن قەلەم ئىزى،بوشلۇق تۇيغۇسى».ئۇستازىم ـ قەيسەر«گەن جۆ»

2010-06-14 22:10 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 416 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(2پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا «ئەسلەش خاتىرىسى» تۇتۇپ ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان يۈرۈك سۆزلىرىنى يازدۇرۋىلىش «مودا»بولغان ئىدى.(بەلكىم ھازىرمۇ شۇنداقتۇ)

مەنمۇ ھەم شۇ  ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرگە شاھىد ساۋاقداشلىرىمغا ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە مۇھىمى ئۆزەمگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىمغىمۇ مۇناسىپ ھالدا خاتىرىنىڭ بېشىدىن ئورۇن بەرگەن ئىدىم.بەزى ۋاقىتلاردا ۋاقىت چىقىرىپ،بۇ خاتىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن،خاتىرىدىكى بەزى بەتلەرنى كۆرۈپ ئىختىياسىز كۈلۈپ تاشلىسام،بەزى بەتلەرنى كۆرۈپ مۇڭلۇق خىياللار قاينىمىغا «غەرق»بولىمەن. لىكىن مۇشۇ خاتىرىدىكى بىر بەت ،يەنى بىزنىڭ ماي بوياق دەرس ئوقۇتقۇچىمىز قەيسەر ئابدۇللانىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ يازغان بېتى ئىختىيارسىز دىققىتىمنى تارتىدۇ.

قەيسەر مۇئەللىم ئەسلەش خاتىرىسىگە باشقىلارغا ئوخشاش مەدھىيە سۆزى،تىلەك سۆزى ياكى ئۆزى توغرۇلۇق ھىچقانداق نەرسە يازمىغان بولۇپ،پەقەت گوللاندىيلىك ماي بوياق رەسسامى ۋېنتسېنت ۋانگوكنىڭ مۇنۇ سۆزىنى يېزىپ قويغان ئىدى«ئەگەر ماڭا ھاياتلىق بىلەن رەسساملىق ئوتتۇرسىدىكى تاللاش زۆرۈر بولۇپ قالسا،مەن رەسساملىقنى خالايمەن،چۈنكى بۇ بىر مەڭگۈلۈك خىزمەت. ئومۇمەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىماقچى بولغان كىشلەر ھاياتتىن مەھرۇم بولىشى مۇمكىن،ھالبۇكى ئۆز ئىنتىلىشى ئۈچۈن ياشاشتىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ!»

قەيسەر مۇئەللىم مەكتەپكە بىز 3-يىللققا چىققان يىلى كەلگەن بولۇپ،كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ،ماي بوياق (رەڭ دەرسى)،ئىجادىيەت دەرسى  قاتارلىق دەرسلەرنى بەردى.

مەن  دەسلەپ كۆنگەن ئاڭ سەۋىيەم بويىچە مۇئەللىمنىڭ رەسىملىرىنى ،رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالمىدىم(گەپنىڭ ئېنىقى ياقتۇرمىدىم)،رەسىملەردىكى رەڭلەر ۋە شەكىللەر شۇنچىلىك دەرىجىدە  قالايمىقان كۆرۈنەتتى،بۇ قالايمىقانچىلىقنى قەستەن سىزغاندەك…كېيىن بارا- بارا مۇئەللىمنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى،رەسىملىرىنى ،سەنئەت ئىدىيسىنى ياقتۇرۇپ قالدىم،ھەتتا بىر قېتىملىق جىسىم سىزىش مەشىقىدە مۇئەللىم بىز بىلەن بىرلىكتە سىزغان رەسىمدىكى ئىپادىلەنگەن بوشلۇق ھىسياتى ۋە كۈچلۈك قەلەم ئىزىنى كۆرۈپ ئىچىمدە تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن بولمايدىغان بىر تۇيغۇ پەيدا بولغانىدى.(كېيىن ئۇقسام مۇئەللىم بۇ رەسىم ئۆزىگە ياقمىغانلىقى ئۈچۈن رەسىمىنىڭ ئۈستىگە باشقا رەسىم سىزىۋىتىپتۇ،بۇنى ئاڭلاپ بەك ئەپسۇسلاندىم..)

مۇئەللىمنىڭ دەرستە بىزگە ئەڭ تەكىتلەيدىغىنى رەسمىدىكى قەلەم ئىزى بىلەن بوشلۇق ھىسياتى… قاتارلىقلار بولۇپ،داۋاملىق «رەسسامنىڭ كۆزى فوتۇ- سۈرەت ئاپپاراتىنىڭ كۆزى ئەمەس،رەسسام ئۆزى سىزغان رەسىمگە ئۆز ھىس-تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۋىتىشى كېرەك»دەيتتى.

بەلكىم تورداشلار،مەزكۇر يازمىنىڭ تېمىسىكى «قەيسەر گەن جۆ»دېگەننى كۆرۈپ،ئەجەپلەنگەن بولىشى،ھەتتا بىرقىسما تۇيۇلغان بولىشى مۇمكىن ،بۇنى شۇ چاغلاردىكى ھەممەيلەننىڭ (ساۋاقداشلارنىڭ) ئاتاپ ئادەتلەنگىنىمز بويىچە ئالدىم.مەن مۇشۇ يازمام ئارقىلىق ئۇستاز توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە ،مۇئەللمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپى ھاياتىغا مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن ھەم ئۇيغۇر تەسىراتچىلار رەسسامىلىقدا مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشمەن.

قەيسەر ئابدۇللا  1973-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى رەسىم فاكۇلتىتى ماي بوياق كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹ئەتلەس››،‹‹ئىز››دېگەن ئەسەرلىرى جۇڭگۇ مائارىپ گۇزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2002-يىللىق گۇزەل-سەنئەت ۋە خەتتاتلىق مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يەنە 2003-يىللىق جۇڭگۇ مائارىپ گۇزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ گۇزەل-سەنئەت ۋە خەتتاتلىق مۇسابقىسىدە ‹‹قەدىمى مازار›› دېگەن ئەسىرى 1-دەرىجىگە،‹‹قەدىمى سۆگەت››دېگەن ئەسىرى 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن. يەنە 2004-يىلى جۇڭگۇ ئامرىكا بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹يىپەك يولىدىكى قەدىمى جۇڭگۇ كۆرگەزمىسى››گە ‹‹ئەتلەس››،‹‹تەشتەك بازىرى››،‹‹كوزىچى يار بېشى››دېگەن ئۇچ پارچە ئەسىرى تاللىنىپ، ئامىرىكىنىڭ سەككىز شەھىرىدە كۆرگەزمە قىلىنىش ئۇچۇن ئىلىپ كىتىلدى. يەنە بىر قانچە رەسىملىرىنى ئامىرىكا، گىرمانىيە،سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىكى چەتئەللىك دوستلار ياقتۇرۇپ سىتىۋالغان.

ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ قەشقەر سەنئەت مەكتەپ، يىڭشەھەر ناھىيە بارىن يىزا 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ، 2010-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.   قەيسەر ئابدۇللا ھازىر قەشقەر رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.

 

بىرقىسىم ئەسەرلىرى: 

 

 

 

 

 

 

 

 

 ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا مۇئەللىمنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان رەسىمى:

 

 

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر2پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. Tayten
    2011-06-22 06:42:22 گىلەم

    More posts of this qaultiy. Not the usual c***, please

    [Reply]

  2. woyroh
    2011-06-22 12:49:29 كىگىز

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.