ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار، كەسىپداشلار.
بۈگۈن «ھەزرەت گرافىكى» دا «سىزىپ چىقىلغان ”تىرىك“ ئالتۇن بېلىق~~كۆزىڭىزگە ئۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتمەڭ!» تېمىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ، راستىنلا كۆزۈمگە ئىشەنمەي، «ئاتەش» تىمۇ ھەر قايسىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشارمىز دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.
تۆۋەندىكىسى «ھەزرەت» نىڭ بۇ يازمىغا يازغان چۈشەندۈرىشى:
مەيلى سىز قايسى كۆرۈش نوقتىسىدىن قارىماڭ، سۇ ئىچىدىكى ئالتۇن بېلىق تېرىك پېتى تۇرىدۇ. ھەتتاكى سۇ ئىچىدىكى كۆپۈكچىلەرمۇ شۇنداق ھەقىقىي. بىراق سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولدا سىزىپ چىقىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟؟؟ مانا بۇ دەل ياپونىيىلىك سەنئەتكار Riusuke Fukahori نىڭ قالتىس سىزىش تېخنىكىسى. ھەر بىر قەۋەت رەسىم سىزىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرەخ مېيى قۇيۇلىدۇ! دەرەخ مېيى ۋە ھەر بىر قەۋەتتىكى رەسىملەر بىرىكىش ئارقىلىق كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھادىسە يۈز بېرىدۇ. قاراڭ! ئالتۇنبېلىق تىرىلدى!!! يەنە ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ ئەمسە ئاستىدىكى فىلىمنى كۆرۈڭ. بەلكىم بۇ سەنئەتكارغا قول قۇيۇپ قالارسىز!
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش