[كۆچۈرۈلمە] رەسىمچىلىك ھەققىدە يېڭى گەپلەر (1)

2012-01-13 13:37 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 215 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە  «غەبىي دىيار ئۇسلۇبى»گالېرىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «رەسىمچىلىك ھەققىدە يېڭى گەپلەر» تېمىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى ۋە كەسىپداشلارنى خەۋەردار قىلىش مەخستىدە مەزكۇر يازما «تۇغلان تورى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

 

ئىمىرھەسەن مەخمۇت:
ھۆرمەتلىك مېھمانلار، بىز خېلى كۆپ ئەدىب، تەتقىقاتچى ۋە رەسساملىرىمىزغا بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئەۋەتكەنىدۇق. بىراق، بىر قىسىم يولداشلار سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى، يەنە بىر قىسىملار كاماندىروپكا ۋە ئىدارىسىدىكى يىغىن ئېھتىياجى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى سۆھبىتىمىزگە كېلەلمەي قالدى. مەن ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتنى تەشكىللىگەن بولۇن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن «غەبىي دىيار ئۇسلۇبى» گالېرىيەسىگە ۋاكالىتەن يىغىنىمىزغا ئىشتىراك قىلغان يىغىن ئەھلىگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەمدى سۆھبىتىمىزنى رەسمى باشلايمىز. ئالدى بىلەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللانى مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەتنى تەشكىللەشنىڭ سەۋەبى، ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىمىز.

پولات ھېۋىزۇللا: ھەر ئىش ھەمكارلىقتا مەنزىلگە يېتىدۇ…
مىللىتىمىز ئارىسىدىن چىققان بىر تۈركۈم رەسساملار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، بېكىنمىچىلىكتىن خالىي روھىغا تايىنىپ، رەسساملىقنىڭ تەرجىمە كەتمەيدىغان، مەدەنىيەتنى بىۋاستە ئەكىس ئەتكۈزىدىغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، رەسسامچىلىقىمىز رايۇن بوسۇغىسىدىن ئاتلىنىپ مەملىكىتىمىز ۋە پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈردى. رەسساملىق بىلەن سەنئەت ئوبزورچىلىقى تەڭ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدىغان ئىككى ھەمكارلاشما ژانىر، شۇڭا ئۆز رايۇنىدىن ھالقىغان بۇ سەنئەت ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن باشقا مىللەت سەنئەت ئوبزورچىلىرىنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى، غازى ئەھمەد، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىلارنىڭ رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىپ يېزىلغان ماقالىلەر ئاز ئەمەس، بۇ ماقالىلەرنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنىڭ قىممەت ئاسمىسىدىكى رولى غايەت چوڭ. ئۇلارنىڭ رەسىمىدىن روقىلىنىش، رەسىمنى قەدىرلەپ ساقلاش كەيپىياتىنى ئامما ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشتىكى رولىغا گەپ كەتمەيدۇ. سەنئەت ئوبزوررچىلىقى ساھەسىدە يېزىق سەنئەتكارلىرى،يەنى ئەدىبلەر يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. لېكىن، بىزدە ھەر خىل تېما ژانىردىكى كۆپ خىل يېزىقچىلىق ۋەزىيىتى ئومۇملاشمىغاچقا، سەنئەت ئوبزورلىرى يەنىلا ئاز. لېكىن، مەن بىلىدىغان ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېتقاندا، ياش، ئوتتۇرا ياش ئەدىبلەر بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ، ئۇلار سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە سەنئەت ئېقىملىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش جۇغلانمىسىغا ئىگە. لېكىن، بۇ جەھەتتە ئۇلاردا ئىزدىنىش، تەپەككۇر، پىكىر ئىسراپچىلىقى ئېغىر. بۇ خىل ۋەزىيەتكە خاتىمە بىرىش ئۈچۈن بىز ژۇرنىلىمىزنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدىن باشلاپ ئەدىبلەرنىڭ كۆزىدىكى سەنئەت سەھىپىسىنى ئېچىپ باقتۇق. ھازىر ئۈچ سان ژۇرنالدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەركىن نۇر، پارھات ئىلياس قاتارلىقنىڭ سەنئەت ئوبزورلىرى ئېلان قىلىندى. يېرىم يىللىق سانلىرىمىزنى خۇلاسىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلاردىكى مەزكۇر سەھىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەدىب، سەنئەت ئوبزورچىلىرى ۋە رەسساملارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىغا مۇھتاجمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەرگە نەچچە ئەدبىنى رەسساملار بىلەن بۇ ھەتە پىكىر قاتناشتۇرۇشقا يىغىپ باقتۇق.
ئىمىرھەسەن مەخمۇت: ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكا، سۆھبەت ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ مەركىزىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا قۇلاق سېلىپ باقساق؟

ئابدۇكېرىم نەسىردىن: شىنجاڭ رەسىمچىلىكى يېڭى ماركابىلەن كۆزگە تاشلانماقتا.
مەن تەكلىپنامە ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىرى بۆلۈمىنىڭ پۇختا تەييارلىق بىلەن ئالدىن تەييارلاپ ئەۋەتكەن تېزىس ئورنىدىكى سۇئاللىرىنى تاپشۇرۋېلىپ، كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن، مېنى ئەڭ ئالدى بىلەن قىزىقتۇرغىنى مۇشۇنداق بىر يىغىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەدىب، تەتقىقاتىچىلىمىز بىلەن تونۇشۇش، كۆپرەك ئارلىشىش، ئۆز-ئارا ئۆگۈنۈش، چۈشىنىش ئىستىكى بولدى. مەن ئۆز ئەدىب، تەتقىقاتچىلىمىزغا ئالاھىدە ئېھتىرام بىلەن قارايمەن. شۇڭلاشقىمۇ، مىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر شائېر، يازغۇچى دوستىلىرىم بار. لېكىن دائىرە كەڭ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ھەممىمىز ئىجادىيەتچى. ئەلۋەتتە، ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت جۈملىدىن رەسساملىقنىڭ ئۆزىگە يارشىا خاسلىقى، ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بولسىمۇ، بىراق ئورتاق تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مانا مۇشۇنداق پات-پات يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆز-ئارا سۆھبەتلەشسەك، بىز رەسساملار ئەدەبىياتىمىز، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشدىن خەۋەردار بولساق، ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇر رەسىمچىلىكى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىرىشىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلساق بەكلا ياخشى ئىش بولغان بولاتتى. مانا بۈگۈن مىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر سۆھبەتتە يازغۇچى-شائىرلار بىلەن ئولتۇرۇشۇم. بۇنىڭدىن مەن بەكلا پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىمنىڭ ئۇيغۇر رەسىمچىلىكى ھەققىدىكى بىر نەچچە كۆر قارشىمنى ئوتتۇرىغا قويغۇم بار. ئىلگىرى «سەنئەتكارنىڭ تەربىيەلىنىشى» تېمىسىدىكى لېكسىيەمدە مۇنداق ئۈچ نوقتىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم.
1. سەنئەتكەرلار سەنئەت نەزەرىيەسى جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى ئالدىغا قويۇش كېرەك. مەسلەن، رەسسامىقنى ئالساق، رەسسام ئۆز كەسپىنىڭ قانۇنىيىتىنى تولۇق چۈشىنىش، تېخنىكىسىنى بالاغەتكە يەتكۈزۈپ ئىگىلەشتىن سىرىت، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا، تىياتىرچىلىق قاتارلىق سەنئەت چەمبىرىكىدىكى باشقا كەسىپلەرنىڭ قانۇنىيىتىنىمۇ ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆز كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلدۇرۇشنىمۇ بىلىمىشىز زۆرۈر.
2. سەنئەتكارلارنىڭ مەدەنىيەت تەربىيەلىنىشى. بۇ ھەر بىر سەنئەتكەر ئۈچۈن بەك مۇھىم تەرەپ. سەنئەتكاردا مەدەنىيەت تېرروىتورىيەسىگە تەۋە بولغان تارىخ، ئۆرىپ-ئادەت، تۇرمۇش، ئەنئەنە، تىل-يېزىق بىلىمى بولمىسا بولمايدۇ. ئۇ يەنە ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق بىلەن جەمئىيەتكە رېئال ھەم سەنئەتلىك كۆزى بىلەن بېقىشى كىرەك. شۇ قاتاردا مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم كۆزنىكى، بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان ئەدەبىياتتىن مۇستەسنا يۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئەدەبىيات بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت، تارىخىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى بىزگە يېىزق ئارقىلىق يەتكۈزۈىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىكى مەلۇم بىر شېئىر، ھېكايە، پوۋېسىتتىن بىر گۈزەل تۇيغۇ، بىر نادىر رەسىم ئەسىرىنىڭ پۈتۈشىگە تۈرتكە بولۇشى تامامەن مۇمكىن. كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچۇم ماڭا «سەن ئەدەبىياتقا كۆڭۈل بۆل، رومان، پوۋېسىت، ھېكايە ئوقۇ، شېئىر يادىلا» دەيدىغان. دېمىسىمۇ، ئەدەبىيات رەسىمچىلىكىمىزنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسىنىڭ كۆپىيىشى، ئىجادىيەتكە بولغان بىر خىل يىتكەچىلىك جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئىنچىكە تەسۋىر، ئىپادىلەشلەر، شائىلارنىڭ شېئىرلىرىكى ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى ئىنچىكە خاسلىقلارنى ئۆگەنسەك، ئىجادىيىتىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ مەنپەئەتى بار. بىز ئادەتتە «كىتاب ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ روھى گاداي بولىدۇ» دەپ كۆپ ئاڭلايمىز، ئەمما بۇنىڭغا دېگەندەك ئەمەل قىلالمايمىز. ئەمەلىيەتتە بىزمۇ ئەدىبلەر ياراتقان پىروزا، شېئىر ئەسەرلىرى؛ تارىخچىلار ياراتقان ئۆتمۈشنىڭ قۇرلىرى ھەم تەتقىقاتچىلارنىڭ مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن يەنىلا كىتاب ئارقىلىق ئەڭ مۇكەممەل، ئەتراپلىق ئۇچرىشالايمىز، شۇنداقلا روھىي جەھەتتە نامرات رەسسام بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىمىز، رەسىمچىلىكمىز مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا بىز رەسساملار ئۈچۈنمۇ مەدەنىيەت تەربىيەسى بەك مۇھىم. بۇ مەدەنىيەت تەربىيەسى نەدىن كېلىدۇ؟ توختماي ئىزدىنىش، ئۆگۈنۈشتىن ھەم مانا بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئىجادكارلار ھەمكارلىقى ھەم ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش يولى ئارقىلىق كىلىدۇ.
3. تەربىيە، ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەسى. مەن بۇ ھەقتە كونكىرىت سۆزلىيەلمەيمەن. مېنىڭ يۇقىرىدىكى ئۈچ تەربىيەنى سۆزلىشىمدىكى مەقسەت-بىر رەسسام ئۈچۈن ئەدەبىيات، مەدەنىيەت تەربىيەلىنىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش.
ئەمدى رەسىم ھەققىدىكى گەپكە كەلسەك، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىرىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمچىلىكى ھەققىدە تولۇق ياكى بولمىسا مەخسۇس تارىخ ماتېرىيالى يوق. بۇ ھەقتە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. يەنىلا ئىچكىرىدىكى رەسساملار، يازغۇچىلار كۆپرەك ئىزدىنىۋاتىدۇ، يېزىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، شىنجاڭدىمۇ بۇ ھەقتە ساناقلىق بولسىمۇ ئىزدىنىۋاتقان، قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلار بار، مانا بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.
ئۆتكەندە مەلۇم ژۇرنالدا بېرىلگەن بىر سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تاش ئۆيمىچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا رەسسامچىلىقنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، رەسىم تارىخىمىزنى ناھايىتى يىراق دەۋىرگە باغلاپتۇ. ئەلۋەتتە، مانا بۇنىڭدەك قاراشلار ئىزدىنىش، تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ قەلەمگە ئېلىنسا، مەتبۇئاتلار ئارقىلىق جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مىنىڭ بىلىدىنىم بىزنىڭ مىڭئۆي رەسىمچىلىكى. مىڭئۆي رەسىمچىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ھەققىدە ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىرى يەنىلا بىردەك ئەمەس. بەزىلەر 4-ئەسىردىن باشلانغان دەيدۇ، يېقىندا مەن كۆرگەن بىر تەتقىقات ماقالىسىدە 3-ئەسىردە باشغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. مانا بۇ3-ئەسىرنى ئەينى چاغدىكى دۇنيا رەسىمچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ياۋرۇپادىكى رەسىمچىلىك، ھەيكەلتىراشلىقنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىردىن پەقەت 300 يىللا پەرقىمىز بارلىقى ئوتتۇرىا چىقىدۇ. دېمەك، مىڭئۆي تام رەسىملىرى بىز ئۈچۈن بىر تارىخ، بىر سەنئەت ھەم بىر مەكتەپ. مەن بۇ نوقتىنى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ھېس قىلىشقا باشلىغان. بىزنىڭ مىڭئۆيدىن ئىبارەت ئەنەئەنىمىزگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن. دېمىسىمۇ، بىز سەنئەتتىن، قەلىب ھەم روھىمىزدىكى رەسىمدىن ئىزچىل  ۋاز كەچمەكي كەلدۇق. كىيىنكى رەسىمچىلىك ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتلاردا بىزدە يەنە نەققاشچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىق، گىلەمچىلىك تەرەققىي قىلدىغۇ؟  ئەمەلىيەتتە، قول ھۈنەر-سەنئىتى، نەققاشچىلىق بۇمۇ رەسىمنىڭ بىر تۈرى.
چەت ئەللەردىكى سەپىرىمىدە ئەنگىلىيەدىكى «بۈيۈك بىرىتانىيە» مۇزېيىدا، پارىژنىڭ «شەرق» مۇزېيىدا، گىرمانىيەنىڭ «بېرلىن»، رۇسىيە لېنىنىگرادنىڭ «ئېلىمتاژ» مۇزېيىدا «تارىم ۋادىسىدىكى سەنئەت» دېگەن نام بىلەن كۆزگە تاشلىنىدىغان مەخسۇس، ئايرىم بىر زالنى ئۇچراتتىم. بۇ يەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تارىم ۋادىسىغا ئائىت تۈرلۈك سەنئەت ئەسەرلىرى دۇنيادىكى رەسىم، ھەيكەلتىراشلىقنىڭ ناھايىتى گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئەسەرلەر بىلەن بىللە قويۇلىدىكەن. 1988-يىلدىكى پارىژ، ياۋرۇپا سەپىرىمىزدە بىزنىڭ سەنئەت، جۈملىدىن رەسىمچىلىك ئورنىمىزنىڭ خاسلىقى ۋە دۇنيا رەسىم تارىخىدىكى ئورنىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغانىدىم. ئۆزۈم بىر رەسسام تۇرۇپ شۇنچە كېچىكىپ چۈشەنگە يەردە، خەلقىمىزنىڭ بۇنى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن ئاغرىنىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. نۇرغۇن ئادەملىرىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇر رەسىمچىلىكىنىڭ بۇنداق شان-شەرىپىنى ياكى بولمىسا خەلقئارالىق ئورنىنى، بىزنىڭ ئۇيغۇر رەسىمچىلىكىنىڭ بۇنداق شان-شەرىپىنى ياكى بولمىسا خەلقئارالىق ئورنىنى، تارىخىي ئورنىنى بىلمەيدۇ. تاڭ دەۋرى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى. شۇ دەۋىردە كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملار قاتارىدا خوتەنلىك ئاتا-بالا ئىككى ئۇيغۇر رەسسامنىڭ نامى بار. مانا مۇشۇنىڭدەك ئۇيغۇر رەسسامچىلىق تارىخىغا ئائىت ئۇچۇر، مەنبەلەر ھەققىدە ئىزدىنىشمۇ بىزنىڭ ئەدىب، تەتقىقاتچى، رەسساملىرىمىز ئالدىدىكى رېئال تېمىلارنىڭ بىرى.

ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كېيىن غازى ئەھمەد، غېنى ئەپەندىملەر مەيلى غەرىبنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلسۇن، مەيلىق ئىچكىرنىڭ رەسىم، مائارىپ ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلسۇن، شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسىم مائارىپىغا پۇختا ئۇل سالدى. بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئەۋلادلار يېتىشتى. بۇ ساھەدە دوكتۇر، ئاسپىرانتلارمۇ بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ياش، ئوتتۇرا ياش رەسساملارنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى ئېلىمىزدە «غەربىي دىيار ئۇسلۇبى» دېگەن بىر ئېقىم، خاس ماركا بىلەن كۆزگە تاشلىنىۋاتىدۇ. مانا قاراڭلار، بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ بىر ئەۋزەللىك. ماي بوياق بۇ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خاس رەسى تۈرى ئەمەس، بۇرۇن ئىتالىيەدە بارلىققا كەلگەن بولسا، ھازىر بۇ كەسىپ پۈتۈن خەلقئارانىڭ بولۇپم ئەڭ مۇكەممەل رەسىم تۈرىگە ئايلاندى. ئۇنى بىز قوبۇل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي دىيارىغا خاس بىر خىل رەسىم ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزىمىزگە خاس ئېقىم شەكىللەندۈرۈشنىڭ قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسماقتىمىز. خۇددى جىي شىيەنلىڭ ئەپەندىمنىڭ دېگىنىدەك: شىنجاڭ پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە بىردىنبىر دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت  سىتېمىسى گىرەلەشكەن جاي، پۈتۈن دۇنيادىن بۇنداق بىر جاينى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە ئالدى-كەينى بولۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا ئۇچراشقان، ئالماشقان، توقۇنۇشقان، بىر-بىرىگە سىڭىپ كەتكەن ھەم بۇ يەردىن ئورۇن ئالغان. مانا بۇلار بۇ گۆھەر زىمىنغا ئىنتايىن مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. گۈزەل سەنئەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، قەدىمىي غار، تاشلارغا سىزىلغان رەسىملەر، سىرلىق ئادەملەر، بولۇپمۇ قىزىل مىڭئۆيدىكى غەربىي دىيار بۇددىزم سەنئىتى بىلەن ئىسلام نەققاشلىق، بېزەكچىلىك سەنئىتىنىڭ سەنئەتكە سىڭىپ كىرىشى بۇ ماكاندا ئۆزگىچە سەنئەتنى ئاپىرىدە قىلغان.» دېمەك، بىز ئۆز ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ بېزەكچىلىك، نەققاشچىلىق ئەنئەنىمىزدىن تولۇق پايدىلانغاندا، بىزدە خاسلىق يارىلىدۇ. ئېقىملار بارلىققا كىلىدۇ، نەتىجىلەر بولىدۇ.
دېمەك، غەرىبنىڭكىگىمۇ ئوخشىمايدىغان، شەرىقنىڭكىگىمۇ ئوخشىمايدىغان، جوڭگۇنىڭ غەربىي دىيارغا خاس، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان  مۇشۇنداق   مۇشۇنداق بىر رەسىم شەكلى ھەققىدە 2007-يىلى بېيجىڭدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. ئۆتكەندە خېنەندە بۇ ھەقتىكى قاراشلار يەنە تىلغا ئېلىنىپ، «جوڭگۇ ماي بويىقى غەربىي دىيار ئۇسلۇبى» يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ بىرددەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. مانا مۇشۇنداق ئىچكىرىدىكى گۈزەل-سەنئەت ئوبزورچىلىرى، ماي بوياق رەسىم ساھەسىدىكى نوپۇز ئىگىلىرى، شۇنداقلا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ رەسىمچىلىك تەرەققىياتىمىزدىكى چوڭ بىر نەتىجە. مىنىڭ بۇلارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق دىمەكچى بولغىنىم، مەيلى گۈزەل-سەنئەت ئوبروزچىلىرى، مەيلى مەەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، ئەدىبلەر ياكى رەسساملار بولسۇن، ئۆز-ئارا چۈشىنىشىپ، تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزگە بىزنىڭ رەسىمچىلىكىمىزنىڭ تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا ئورتاق ئىزدىنىش، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدا « جوڭگۇ ماي بوياقى غەربىي دىيار ئۇسلۇبى»، جۈملىدىن، ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنىڭ تېخىمۇ مول ھوسۇلى ئۈچۈن ئەجىر قىلىشنى، شۇنداقلا جوڭگۇچە رەسىم سەنئىتىگە تۆھپە قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىشتۇر. ئاخىرىدا بۇ ئىككى ئورۇننىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر سۆھبەتنى ئويۇشتۇرغىنىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئابدۇقادىر جالالىدىن: مىنىڭ رەسىملەردىن ئېرىشكەنلىرىم ئاز ئەمەس.
مىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققىنىمىغا 25 يىل ئەتراپىدا بولۇپ قاپتۇ. خىزمەتنى ئاساسەن دېگۈدەك ئۈرۈمچىدە قىلدىم. ئۈرۈمچى بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز، مۇزىكانتلىرىمىز، نەزەرىيىچىلىرىمىز، زىيالىلىرىمىز مەركەزلەشكەن بىر ماكان. مۇشۇ  يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە مەن تۇنجى قېتىم مانا بۇگۇنكىدەك رەسساملار بىلەن ئەدەبىياتچىلارنىڭ بىر يەرگە كېلىپ سەنئەت توغرىسىدا گەپ قىلغىنىنى كۆرۈۋاتىمەن. مىنىڭ قارشىمچە، بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيىتى بۇلارنىڭ ئۇتۇقى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ناھايىتى زور كېچىكىش دەپ ئويلايمەن.
بىز شېئىرىيەتكە قىزىقىپ يۈرگەن مەزگىللەردە، بولۇپمۇ مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا جوڭگۇغا نىسبەتەن غەرب ئەدەبىياتىدىكى غەرب مۇدىرنىزم ئېقىمى، ئۇنىڭ نەزەرىيەلىرى تەسىر قىلىۋاتقان چاغ ئىدى. بىزمۇ ئۇنى ھەر خىل كىتابلاردىن كۆرگەنىدۇق. مېنىڭچە، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقان ۋاقىتتا سالۋاردور دالى (Salvador Dali) ئۆز رەسىملىرى ئارقىلىق ھالقىما رېئالىزم نەزەرىيەسىنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. شۇ چاغلاردا بەزى نەزەرىيىۋى كىتابلارنى كۆرگەن بولساقمۇ، ئۇ يەنىلا بىزە بىر ئاز ئابىستىراكتلىق تەسىر بېرەتتى. مەن سالۋادور دالىنىڭ رەسىمىنى كۆرگەندىن كىيىن «ھالقىما رېئالىزىم» دېگەن مۇنداق گەپ ئىكەن، دېگەن قاراشقا كەلگەنىدىم. شۇڭا، مەن مۇدىرنىزم جەھەتتىكى ياكى سەنئەتتىكى نۇرغۇن ئابىستراكت نەزەرىيەنىڭ رولىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقان ۋاقىتتا رەسساملار ئارقىلىق بەكرەك چۈشەندىم دېسەم بولىدۇ. مەسىلەن، شۇ ۋاقىتلاردا مەن فىرانسىيەلىك شائىر ژاك پىرىۋېرنىڭ «پىكاسونىڭ ئالمىسى» دېگەن بىر شېئىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن، بۇ شېئىر پىكاسونىڭ رەسىم ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. بۇ چاغ 1987-يىللار بولۇشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ شائىرنىڭ «پىكاسونىڭ ئالمىسى» دېگەن شېئىرنى يېزىشنىڭ ئۆزىلا رەسىم بىلەن شېئىرىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىرى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ دەپ قارايمەن. بىز ئاشۇ يىللاردا ئەركىن نۇر بىلەن كۆپرەك كىتابخانلارنى ئارىلايتتۇق. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ ۋاقتىمىز جىق، بىراق پۇلىمىز يوق ئىدى. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ ئاجايىپ بىر مۇھەببەت، قىزىقىش بىزنى ئىختىيارسىز كىتابخانىلارغا باشلاپ باراتتى. كۈنلىرىمىز ئاساسەن دېگۈدەك كىتابخانىلاردا ئۆتەتتى. بىز ماي بوياق رەسىملىرى توپلاملىرىنى خېلى جىق سېتىۋالاتتۇق. رەسىم ئارقىلىق قوبۇل قىلغانلىرىمىزنى بىز نەزەرىيەۋى ئۇقۇملار بىلەن قىسمەن ئىپادىلەپ بىرەلىسەكمۇ، بىراق يەنىلا زور كۆپچىلىكنى ئىپادىلەپ بېرىشكە قادىر ئەمەسمىز دەپ ئويلايمەن. «ئۇنىڭ بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا قانداق تەسىر قىلدى؟» ئۇنى بىز دەپ بېرەلمەيمىز. ئەمما،ئۇ تەسىرنىڭ بارلىقى ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىنىڭ قارىشىمچە، مەيلى تەبىئەتتىكى بىر مەنزىرە ياكى بىر كۆرۈنۈش، ياكى بىر تۈپ قۇرۇپ قالغان دەرەخ ياكى بىر رەڭلىك تاشقا بىز ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ۋاقتىمىزىدكى تەسىرىمىز بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن نەزەرىيە جەھەتتىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزدىن جىق ھالقىپ كەتكەن. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى چۈشىنىش دەرىجىسى ھەر خىل بولىدۇ. كەسپىي ئادەملەرنىڭ، غەيرى كەسپىي ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ. لىكىن، ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم چوقۇش چۈشىنىىش بولىدۇ. بەلكىم %5، ياكى %30 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشىنىدىغان بولۇشى مومكىن. مېنىڭچە، ھېچقانداق تەربىيىگە ئىگە بولمىغان ئادەممۇ بىر رەسىمنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۆزىگە خاس بىر مەنىۋى ھادىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى تەسىر. شۇ چاغلاردا بىز پىكاسونىڭ، دالىينىڭ، مېنتنىڭ رەسىملىرىنى ئەڭ كۆپ كۆرگەنىدۇق. بولۇپمۇمۇنىكنىڭ «ھايات ئۇسۇلى» دېگەن بىر رەسىمى تا ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ يەنە «چۇقان» دېگەن رەسىمىمۇ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان. رەسىمدە بىر كىشىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى، چۇقانغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقى كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. بىز شۇ ۋاقىتتا مەنىۋى دۇنيانىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇنىكنىڭ رەسىملىرى ئارقىلىق كۆرگەنىدۇق. ئاشۇ بىر تۇركۈم نادىر رەسىم ئەسەرلەرنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغنا يېرى شۇ يەردىكى-ئۇنىڭدىكى رەڭ، كۆرۈنۈشتىن تارتىپ ھەممە نەرسە بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزغا سىڭىپلا كىتەتتى-دە، ھەر قېتىم بىز بىر نەزەرىيە نوقتىسىدىن ئاجىزلىق قىلغان ۋاقتىمىزدا، مۇنىكنىڭياكى بولمىسا دالىينىڭ رەسىملىرىدىكى شۇ كۆرۈنۈشلەر تەپەككۇرىمىزنى چانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولاتتى. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز مەلۇم جەھەتتىن بىر تەرەپتىن رەسىم ئارقىلىق مەلۇم چۈشەنچە ۋە تەسىراتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى شېئىرىيەتكە، نەزەرىيەگە تەتبىقلىساق، يەنەن بىر تەرەپتىن خەنزۇچە گېزىت-ژۇرنال، كىتابلاردىكى ئوبروزچى، تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلىنىپ ئۆزىمىز قىزىققان غەرب ئەدەبىيات ئېقىملىرى ھەققىدىكى بىلىملىرىمىزنى موللاشتۇۇرشقا تىرىشاتتۇق. شۇڭا، مەن بىز رەسىم ئارقىلىقمۇ ئۆزىمىزنىڭ شېئىرىيىتىگە، ئىجادىيىتىگە مۇۋاپىق تەسىر ۋە ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلدۇق، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىنىڭ ئۆزىنىمۇ رەسىمدىن ئايرىلالمىغان ئەدەبىيات دەپ قارىساق بولىدۇ. مەسلەن، بىزنىڭ دىۋان شېئىرىيتىمىزنىڭ ھەممىسىدە مېنىياتور بار. مەن ئىلگىرى مېنىياتورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر تەرەپلەرنى ئانچە ئۇقمايتتىم، ئورخان پاموكنىڭ « مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دېگەن روماننى ئوقۇغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىن يېزىلغان ئوسمانلىيلار ئوردىسىدا كىتاب زىننەتلىگۈچىلەر ۋە ھەل بەرگۈچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر بەزى تەرەپلەردىن ئورخان پاموكنىڭ رەسىم بىلەن شېئىرىيەنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋەتىگە دائىر بەزى بايانلىرىنى ئۇچراتتىم. بىز يەنە نەۋەئىي توپلاملىرىغا سىزىلغان مېنىياتورلارنى كۆرۈۋاتىمىز. يەنە، پارىس ئەدەبىياتىدىكى نىزامىي ئەسەرلىرىگە سىزىلغان «خىسراۋ-شېرىن»، «پەرھاد-شېرىن» قاتارلىق قىسسەلەرگە، «يۈسۈپ-زىلەيخا»غا، ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى، ھاپىزنىڭ شېئىرلىرىغا نىسبەتەن سىىزلغان رەسىملەردە ئۇسلۇبىي ئورتاقلىق بار. بۇ ئەسەردە كۆپىنچىسىدە ئاساسەن تەسەۋۋۇپ ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلاردا گەرچە سۇژىت بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ماھىيەتتە ناھاىيىتى مەۋھۇم بولغان بىر خىل تەپەككۇر. شۇ نەرسىنى چۈشىنشتە مېنىياتورلارنىڭ ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان. شۇڭا، مېنىياتور ئەينى ۋاقىتتىقى دىۋانچىلىق، كىتابچىلىقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلىنالىغان. شۇڭا ئوردىلاردا ھەر قانداق پادىشاھ-سۇلتان رەسساملارنى، ئەدىبلەرنى ئۆزىدىن مۇستەسنا قىلمىغان. داڭلىق رەسسملار مۇقاۋا لايىھىلىگەن، خەتتاتلار، ھەلچىلەر، زىننەتچىلەر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ ئەتراپىدا بار بولغان، شۇلارنىڭ داستىخىنىغا ئىشتىراك قىلىشقان. مانا بۇنى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا رەسىم بىلەن شېئىرىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى قانداشلىقىنىڭ ياخشى بىر ئىسپاتى دەپ ئويلايمەن. مەن رەسىمگە ئازراق قىزقىپ يۈرگە مەزگىللىرىمدە ستون دېگەن كىشى تەرپىدىن رەتلەنگەن «سۆيۈملۈك تىئور» دېگەن كىتابىنىمۇ ئوقۇغان. بۇ ۋانگوك ھەققىدىكى كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋانگوكنىڭ ئېمىل زولانىڭ جىق رومانلىرىنى ئوقۇغانلىقى، ئۇنىڭ رومانلىرىدىكى بەزى قاراش ۋە نەزەرىيەۋى قاراشلىرىدىن نۇرغۇن ئىلھام ئالغانلىقى، ۋانگوكىنىڭ رەسىمچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئېمىل زولانىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى ناھايىتى چوڭ بولغانلىقى يېزىلغان. دېمەك، رەسساملار ۋە ئەدىبلەر قوشۇلۇپ كەتكەن ئەينى دەۋر پارىژدىكى شۇ ھاياتتا ۋانگوكمۇ بار ئىدى. ھېمىڭۋايمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىچىلىق ئۇسلۇبىغا نىسبەتەن رەسساملاردىن جىقراق ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. فىرانسۇز يازغۇچىسى ئاندرى مارلۇننىڭ رەسىم توغرىسىدىكى يېزىلغان «تامسىز مۇزېي» دەيدىغان بىر كىتابىنى كۆرگەنىدىم. ئۇمۇ    رەسىم توغرىسىدا ناھايىتى يۇقىرى نەزەرىيەگە ئىگە بولغان بىر ئادەم ئىكەن.
شېئىرىيەت بىلەن رەسىمنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق گۇمانلىنىش كەتمەيدۇ. ئاخشام بىر ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ ئامېرىكىلىق شائىر ۋاللىش ستىۋېننىڭ رەسىم توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.  ئۇ : «بىر شېئىر ياكى بىر داستاندا نۇرغۇنلىغان ماكان، نۇرغۇنلىغان زامانلار بىللە كېلىدۇ، شېئىرىيەت مەڭگۈلۈكنى كۆپىنچە بىر دەقىقىگە ئايلاندۇرغان. رەسىم دېگەندە دەقىقىنى مەڭگۈلۈككە ئايلاندۇرىدۇ» دېگەن. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ قارىشىمچە، رەسۋسامنىڭ بىر رەسىمنى پۈتكۈزۈشكە شۇنچە جىق ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ماھىيەتتە ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بىر لەھز، قالغىنى شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر. مەسلەن، بىر ئاتنىڭ چاپچىپ تۇرغاندىكى رەسىمنى ئالساقمۇ، ئۇ دەل بىر دەقىقە ئىچىدىكى سۈرەت. ئۇ رەسسامنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئايلانغاندىن كىيىن مەڭگۈلۈككە ئايلىنىدۇ، زوقمەنلەرنىڭ تەسىراتى ئارقىلىق مەڭگۈلۈككە ئايلىنىدۇ، كېيىنكى دەۋىرلەرنىڭ، زامانلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئايلىنىدۇ. مەيلى شېئىر بولسۇن ياكى رەسىم بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىدە بىر دەقىقە دېگەن ئۇقۇم بار. شېئىر دېگەن مەڭگۈلۈك نەرسە، مەسلەن، بىر شېئىرنىڭ ئۆزىدە بەلكىم ئالېكساندىر ماكېدونىسكى دەۋرىدىن ھازىرغىچە بولغان دەۋىرنى بىر لەھزىدە بىر تەسەۋۋۇرغا ئايلاندۇرۇۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، شېئىرنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇش، رەسمنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇش تامامەت مۇمكىن بولغان نەرسە. ئەمما، بىزنىڭ ھازىرقى ئەدەبىيات-سەنئەت قوشۇنىمىزنىڭ ئۆزىدە رەسىمدىن تەسىر ئالغان شېئىرلار، شېئىردىن تەسىر ئالغان رەسىملەر قانچىلىك؟ تېخى بۇنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ باقمىدۇق، تەتقىق قىلىپ باققاندىن كىيىن بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيىش مۇمكىن. ئەمما، شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىزدە رەسساملار بىلەن ئەدىب-شائىرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن شالاڭ بولغانلىقى رېئاللىق. ئەسلىي بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ئۇچرىشىش، ھۆھبەتلەر بىزدە بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك ئىدى. ئىلگىرى تېيپجان ئېليېف دەۋىرلىرىدە مۇزىكانتلار، شائىرلار ئوتتۇرىسىدا خېلى جىق مۇلاقەت، ئىلمىي سۆھبەتلەر بوپتىكەن. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھەممىلا نەرسىنى كىتابتىن ئۆگىنىشكە ھەم شۇنداق قىلىشقا ۋاقتىمىزمۇ يەتمەيدۇ. كىتاپ جىق، ئۆمرىمىز ئىنتايىن چەكلىك، بىز كىتاب ئۈچۈنلا دۇنياغا كەلمىدۇق، يەنە ياشىشىمىز كېرەك. مىنىڭ بىر كۆرگەن ماتېرىيالىمدا پىكاسونىڭمۇ نۇرغۇن نەزەرىيەلەرنى بىر تەرەپتىن كىتاپ ئوقۇش، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپداشلىرىنىڭ سالونلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق قوبۇل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دېمەك، بىر رەسسامنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش ئۇسۇلىنى بىز ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەم مۇشۇنداق سۆھبەت، مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق چۈشەنسەك، بۇ تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسلەن، بىر رەسسام نەۋەئىينى سىزماقچى بولسا، ئۇ رەسسام چوقۇم نەۋائىينى چۈشىنىشى، شېئىرىيەتنى چۈشىنىشى كېرەك. يۈسۈپ خاس ھاجىپنى سىزماقچى بولغان رەسساممۇ چوقۇم بۇ شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. دېمەك، رەسسام تارىخىتكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش بىلەن بىللە يەنەن ئۇنىڭ شۇ زاماندىكى تىرىك بىر شائىرنى چۈشىنىپ بېقىشغا توغرا كېلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رېژىسسورى سېرگىي باندارچىك تاراس شېۋچىنكونىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان  چاغدا، گەرچە ئۇنىڭ رولىنى ئالدىغان رولچى شائىر بولمىسىمۇ، بىر شائىرانە ئادەم بولۇشى توغرىسىدا گەپ قىلغانىكەن. شۇنداق بولغاچقا، رەسساملارمۇ چوقۇم شائىرلارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ ئىچكى ھاياتىنى يەنىلا تىرىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق بىلىدىغان گەپ. شۇڭا، مۇشۇ جەھەتتىكى ئىلمىي مۇناسىۋەت، ئىلمىي سۆھبەت، ئىلمىي ئالاقە، ئۇچرىشىشىلار قانچە كۆپ بولسا، بىر-بىرىمىزگە ئۆتىدىغان مەنپەئەتمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەتتا بۇ مەنپەئەت بىزنىڭ مۇئەييەنلشۈرۈگىنىمىزدىنمۇ بەك مول بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەپسۇسكىم بىزدە مۇزىكانتلار بىلەن شائىرلار، شائىرلار بىلەن ئەدىبلەر ۋە مۇزىكانتلارنىڭ بىر  يەرگە كېلىشى ئىنتايىن شالاڭ بولۇپ كەلدى.

ئەمدى ئەدەبىيات بىلەن رەسىمنىڭ ئورنى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، رەسساملارنىڭ سەنئىتىنىڭ بازارلىق قىممىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، غازى ئەھمەتكام، ئابدۇكېرىمكا، قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى مەملىكەن ۋە خەلىقئارادا چوڭ بازار تاپتى. ماددىي قىممەتمۇ ياراتتى، مىللەتنىڭ سەنئەت ۋە ئىجادىي كۈچىنى كىشىلەرگىمۇ تونۇتتى.  چۈنكى، سەنئەت، بولۇپمۇ رەسىمدىكى تىل بۇ بىر ئورتاق تىل. خۇددى ۋاللىس ستىۋېنىس ئېتقانغا ئوخشاش «رەسسامنىڭ شەكىل ۋە رەڭلەر مەسلىسىگە بولغان ھۆرمىتى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تۈركە بولىدۇ.» شەكىللەر تەبىئەتتە بولغان نەرسىلەر بولغانلىقى، بۇ ھايات ھەممە ئادەمنىڭ  تۇيغۇسىغا ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن رەسساملارنىڭ ئىجادىيىتى ئىجتىمائىي تىل تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان توسالغۇلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تىل بىلەن دۇنياغا نىسبەتەن بىر مىللەتنىڭ ئېستىېتىك تۇيغۇلىرىنى بىمالال جاكارلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بازار جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ رايۇن چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. شېئىرىيەتچۇ، شېئىرىيەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتقانلىقى بىر مەسىلە. ئامما بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھى ئەمەس. گەرچە بىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىياتىمىز يۈكسەلگەن بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ مەنىۋىيىتى جەھەتتە چېكىنىۋاتقانلىقىنى ھەممدە ئادەم بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. مەن چەت ئەلدە تۇرۇش جەريانىدا بەزى زىيالىلار بىلەن ئۇچراشتىم، پاراڭلاشتىم. ئالدى بىلەن ئۇلاردىن «كۈتۈپخاناڭنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ يەردە ئىشقىلىپ، بىر غەيرىي ئەدەبىياتچىنىڭ ئۆيىدىنمۇ ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى تېپىلىدۇ. مەسلەن، مەلۇپ بىر مائارىپ تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۆيىدە ئامېرىكىلىق شائىر سىلۋىيا پىلاسنىڭ تولۇق ئىنگىلىزچە توپلىمى بالىقىنى كۆردۇم. ئۇ ماڭا «مەن بۇنىڭ شېئىرلىرىغا بەك قىزىقىمەن، ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ پارچە ئوقۇيمەن» دېدى. ئەدەبىيات ئۇ يەردە ئىنتايىن ئومۇملاشقان. مېنىڭ كۆزىتىشىمگە قارىغاندا، كىتابلارنىڭ ئىچىدە كەسپىي كىتابلارنىڭ باھاسى قىممەت بولىدىكەن، مەسىلەن، رەسىم تارىخىغا، يەنى ئۇيغۇر مېنىياتورچىلىقىغا دائىر كىتاب بولسا، بۇنى پەقەت كەسپىي ئادەملەرلا كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن قىممەت ئىكەن. بەك سېتىلغان كىتابنىڭ باھاسى بولسا تۆۋەن بولىدىكەن، روماننى ھەممە ئادەم ئوقۇيدىغانلىقى ئۈچۈن باشقا كىتابلارغا قارىغاندا ئەرزان ئىكەن. شۇڭا، ئۇنى چىش دوختۇرىمۇ، ئادۋوكاتمۇ، مائارىپچىمۇ، پوچتالىيونمۇ ئوقۇيدىكەن. ئۇلار ئائىلىدىمۇ، ساياھەتكە چىقسىمۇ رومان ئوقۇيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپادا ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئومۇلىشىش نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كەتكەنىكەن. شۇڭا، ئەدەبىيات چېكىنىپ كەتتى دېگەن بىكار گەپ. مانا قاراڭ، ئۇلاردا ئەدەبىيات ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاددىي ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغىچە سىڭىپ كىرگەن.  ئەكىسچە، بىزنىڭ بۇ يەردە ئەدەبىيات  ئەدەبىياتچىنىڭ، رەسىم رەسسامنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ساغلامسىزلىق. بىزدە كىتابلارنىڭ بىرىنجى نەشىرى، ئىككىنجى نەشىرى، ئۈچىنچى نەشىرى بولسا باھاسى ئۆسۈپ كىتىۋېرىدۇ. ئۇ يەردە نەشىر كۆپەيگەنسىرى باھاسى چۈشىدۇ. شۇڭا، ئەدەبىياتنىڭ، شېئىرىيەتنىڭ بازىرىنى ئارىلاپ، جەمئىيەت، شېئىرىيەت كاساتلاشتى، دېگەن گەپنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئادەممۇ يوق. مېنىڭچە، پەقەت پەرەز، تۇيغۇ، تەسىرات بىلەن دەۋاتقان ئادەملەر بار. شۇڭا، ئۇ گەپلەرمۇ پۇت تىراپ تۇرالمايدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ يەر ئاستى پويىزلىرىدىمۇ شېئىرلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن،  داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى مۇزىكىغا كىرىشتۈرۈپ دېكلاماتسىيە قىلىپ تۇرىدىكەن. مانا بۇ شېئىرىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشۇىغا سىڭدۈرۈشتىكى ئۆزگىچە بىر يول ئەلۋەتتە، شۇڭا رەسىمنىمڭمۇ تەسىر دائىرىسىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق كېڭەيتكىلى بولىدۇ، مېنىڭچە، بىر رەسسامنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى پۈتكۈزۈش تارىخىدىن بىر رومان يازغىلى بولۇشى مومكىن. مەسلەن، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىمىزنىڭ «شاتگۈل» توغرىسىدىكى رەسىمىنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى، قۇرۇلمىسى توغىرىسىدا بىر رومان چىقىشى مومكىن. گەپ بىزنىڭ رومانچىلىقىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنتايىن نامرات بولغانلىقىدىن، يازغۇچىلار ئىپادىلەشتە قىسىلىدۇ. يازغۇچىلىرىمىزدا تۇرمۇش جۇغلانمىسى مول، لىكىن ئىپادىلەش جەھەتتە ئەركىن شەكىل مول ئەمەس. پىروزىمىزمۇ مۇشۇ شەكىلدە بەك نامرات. چۈنكى، بىزدە تەرجىمىچلىك يەنە يىتەرلىك ئەمەس. شۇڭا، مىنىڭ ئويلىشىمچە، بىز كۆزىتىشنىڭ تېخىمۇ مول، ئۆتكۈر قىلىش ئۈچۈن رەسساملارنىڭ، شائىر، ئەدىبلەرنىڭ ھاياتىدا ئىچكى ئالاقە بولۇشى كېرەك. بۇ ئىچكى ئالاقىنى سۈنئىي ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولمايدۇ، ھەمىشە بىر ئورۇن ئىگە بولۇش ئارقىلىق ئىلمىي سۆھبەتلەرنى قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ مۇھىم. بىز بىر-بىرىمىزنىڭ باغلىنىشىنى ئىچىمىزدىن ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزنى ئىزدىگۈمىز، تېلفۇن قىلىپ تۇرغۇمىز، بىر يەردە تاماق يېگۈمىز كېلىدۇ. ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە مەنپەئەت بېرىش، مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەئەت بېرىش شەكلى ئارقىلىق بۇ خىل ئىچكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جانلىق، تەبىئىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇشى مومكىن. شۇڭا، ھازىرقى چەكلىك شارائىتىمىزدا رەسىم بىلەن شېئىرىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى تېخىمۇ تولۇقلاشنىڭ ئۇسۇلى كۆپرەك مۇشۇنداق پاراڭلىششى، كۆپرەك ئىلمىي سۆھبەت قىلىش، بۇنى مەتبۇئات نۇقتىسىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىر رەسسامنىڭ ھاياتىنىمۇ چوقۇم ئەدەبىيات نوقتىسىدىن يورۇتۇش كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئىمىن ئەھمىدى: سەنئەتكار دۇنيانى سۆيۈشى كېرەك…
بۈگۈن ئەدەبىيات بىلەن رەسساملىقنىڭ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا مەن مۇنداق ئۈچ مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، بىزنىڭ ئۇيغۇر رەسسامچىىلقى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بىر نەچچە خىل مەدەنىيەتنىڭ قىسىلچىلىقىدا ئۆھۈپ يېتىلگەن مەدەنىيەتنىڭ بىرى. مەن بۇ خىل ھالەتنىڭ ئىلگىرى بەك تۇيمىغان. يېقىندا «يەرشارىلىشىۋاتقان دەۋىردىكى ئاز سانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ تەقدىرى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ بىر نەچچە خىل مەدەنىيەتنىڭ قىسىلچىلىقىدا ياشىغان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنىڭ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەم شەرىقنىڭ مەدەنىيىتى، ھەم غەرىبنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئارىسىدا ياشاپتىمىز، غەربىتىن شەرىققە ماڭغان ئارىيانلار، گىرېكلەر، ساكلا؛ شەرقتىن غەربىكە ماڭغان توخرىلار، موڭغۇللار، ھونلار قاتارلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىقىدا مىدىرلىماي، ئۇلاردەك شەرىققە ياكى غەرىبكە چۆكۈپ يۈرمەي، مۇشۇ تارراق دائىرىدە نۇرغۇن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان، نۇرغۇن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان، نۇرغۇن مەدەنىيەتنىڭ قىسىلچىلىقىدا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان مىللەت ئىكەنمىز.  شۇڭا، بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت شەرق ۋە غەربنىڭ ئامىللىرى خېلى كۆپ. دەل مۇشۇنداق شارائىتتا يا ئۇنىڭ، يا بۇنىڭ بولۇپ كەتمەي، تارىملىقلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ ھازىرغىچە چىقىرىشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى بىر قىيىن ئەھۋال.

مەن بۇ گەپنى 2007-يىلى ئابدۇكىرىم نەسىردىننىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ۋاقتىدا «ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن رەسسام» دېگەن پىكىرىمدە كۈسەن ئۇسسۇلى توغرىسىغا سىزىلغان رەسىمىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئەمەلىي پاكىت بىلەن ئوتتۇرغا قويغانىدىم. بۇ رەسىمدە ئارقا تەرەپتە كۈسەن ئارتىسلىرىنىڭ ئوبرازى، ئالدى تەرەپتە ھازىرقى دولان ئەلنەغمىچلىرىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئۆتمۇش بىلەن بۈگۈن ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ ئىپادىلەنگەن. شۇ چاغدا بايا ئېيتقان «غەربىي يۇرت» رەسساملىق ئېقىمى شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇسلۇب شەكىللەندى دېگەننى يىغىنغا قاتناشقان رەسساملار، ئالىملار، نەزەرىيەچىلەر بىردەك ئىتىراپ قىلغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلاردا ھازىر ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇب بار، بۇ ئۇسلۇب شەرىقنىڭمۇ ئەمەس، غەرىبنىڭمۇ ئەمەس، بەلكى مۇشۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى.  ئەمدى بۇ يەردىكى مۇھىم مەسلە، ھازىرقى يەر شارىلىشىۋاتقان دەۋىردىكى ھەر خىل مەدەنىيەت بۇرۇن كىتاب، ژۇرنال، رادىيو، تېلۋىزۇر ئارقىلىق تۇيدۇرماي كىرگەن بولسا، ھازىر يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، سەيلە-ساياھەت، كۈندىلىك ئالاقە، سۆزلەر بىلەن كىرىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رەسساملىرى ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مۇشۇ ئارىلىقتىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئۆز ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋايىغا يەتكۈزۈشى، ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنى مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشى ئىنتايىن زۆرۈر مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئەلۋەتتە، بۇ خىزمەت ئىشلەندى، بۇ خىزمەت ھازىر ئىشلەندىلا ئەمەس، ئەزەلدىن تارتىپ بۇ يولدا كۆپ ئىزدىنىشلەر بولدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزدىن تاتىپ ھەم بۈگۈنگىچە بولغان نۇرغۇن ئادەملەر قان-تەرى سىڭدى. كۆپ مىساللارنى ئالمىساقمۇ، قىياتاش رەسىملىرىدىن تارتىپ يايلاقلاردىكى بالباللارغا قەدەر، مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر سىزىلىۋاتقان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا دەلىل، گۇۋاھ، ئىسپات بولالايدۇ. ئەمدى رەسىم بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت بۇيىچە «شېئىر-ئاۋازلىق رەسىم، رەسىم-ئاۋازسىز شېئىر» دەيدىغان بۇ گەپلەر قەدىمدىن تارتىپ دېيىلىپ كېلىۋاتقان، بۇنى غەرىبتىكىلەرمۇ، شەرىقتىكىلەرمۇ ھەم باشقىلارمۇ دېگەن. بولۇپمۇ مەندەك بىر شائىرنىڭ كۆزىگە بىر پارچە رەسىم ھەقىقەتەن بىر شېئىر بولۇپ كۆرۈنىدۇ. مەن خەنزۇ مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتىدىكى تاغ-دەريا، سۇلارنى يازغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۇ كۆز ئالدىمدا ھەقىقەتەن بىر پارچە رەسىم بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇلارنىڭ رەسىملىرى، يەنى جوڭگۇچە رەسىملىرى شېئىرغا ئوخشاش كونكرېت بولىدۇ. بۇلار رەسىم تىلى بۇيىچە ئېيتقاندا رېئالىزملىق رەسىملەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئابىستراكت ئەمەس. خۇلاسىلىگەندە، مۇشۇنداق مەدەنىيەتنىڭ ئارلىقىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شېئىرىيىتى، رەسسامچىلىقى، ھەيكەلتىراشچىلىقىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە لايىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى دۆلەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت. بىز ئۇسلۇبنى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك بېكىنمىچىلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى تىنماستىن ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يارىتالايمىز.
ئىككىنچى ئەھۋال، «ئەدەبىيات-سەنئەت» دەپ ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنى ھەمىشە بىللە تىلغا ئالىمىز. دېمىسىمۇ، بۇ ئىككىسى ئەزەلدىن بىر-بىرىنى قوللىغان، چەتكە قاقمىغان. بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆز-ئارا ئىلھام ئېلىشقان. ئەمەلىيەتتە، شەنئەت بالدۇرمۇ ياكى رەسىممۇ دېگەندە، بۇنىڭغا ئالدىراپ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. بىراق، ئاغزاكى ئەدەبىيات تارىخنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنلۇقى بىر ئەمەلىيەت. مانا مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەزەلدىن ئاغزاكى ئەدەبىيات ۋە رەسساملىق ۋە ھەيكەلتىراشلىقنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ كەلگەن، ئەزەلدىن تارتىپ بىر-بىرىدىن تېما ئالغان، بىر-بىرىنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى مىلوت دېگەن جايدىن چىققان ۋىناسنىڭ ھەيكىلى بولسۇن ياكى باشقا ھەيكەللەر بولسۇن، ھەممىسى يۇنان ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلىرى ئاساسىدە بارلىققا كەلگەن. 13-ئەسىر، يەنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى مىكىلانجىلو ياسىغان داۋىي ( يەنى داۋۇت ئەلەيھىسسالام» نىڭ ھەيكىلى، راپائىل قاتارلىقلارنىڭ بۇۋىمەريەمنى ئادەملەر ئارىسىغا چۈشۈرگەنلىكى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. 13-ئەسىردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىشنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى-ئادەملەرمۇ ئىلاھقا ئوخشاش دېگەن ئىدىيە بىلەن ئادەمنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولغان. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئاغزاكى ئەدەبىياتتىكى ئەپسانە، رىۋايەت چۆچەكلەردىن تېما، ئىلھام، ئوزۇق ئېلىپ ئىپادىلەش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا بىزنىڭ يازما ئەدەبىيات ئۆز نۆۋىتىدە رەسىملەردىن ئىلھام ئالغان. شۇڭا، شائىلارنىڭ رەسسام بولغانلىقى ھەققىدىكى مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. مەن پۇشكىننىڭ ئۆزىنى ئۆزى سىزغان رەسىمىگە قاراپ ھەيران قالىمەن. يەنە لېرمونتوف ئۆزىنىڭ داستانلىرىغا قىستۇرما رەسىم سىزغان. دېمەك، ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت ھەرگىز بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. مەسىلە بىزنىڭ بۇنى تەكىتلىشىمىز، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشلىرىمىز ناھايىتى ئاز بولۇپ قېلىۋاتدىۇ. ئاددىيسى، ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان رومانلىرىمىزغا بىر قانچىلىك قىستۇرما رەسىم سىزدۇرۇۋاتىمىز دېگەندە، رومانلىرىمىزنىڭ ئاساسەن قىستۇرما رەسىمسىز نەشىر قىلىنىۋاتقىنى كۆز ئالدىمىزدىكى بىر رېئاللىق. مۇشۇ بىر مىسال ئارقىلىقلا بىزدىكى ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت، جۈملىدىن رەسساملىق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماق تەس بولمىسا كېرەك. ئەمدى رومانلارغا قىستۇرما رەسىم سىزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارمۇ، مەغلۇپ بولغانلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. چۈنكى رەسسام بىر رومان ئۈچۈن قىستۇرما رەسىم ئىجادىيىتىگە كىرىشكەندە، ئۇ روماندىكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان تەرەپلەرنى دەرھال دەقىقە سەنئىتى ئارقىلىق ئىپادىلىشى كېرەك. بۇ ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئەمگەك. چۈنكى، قەيىرىنى رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلەش، قەيرىنى رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولمايدۇ. مانا بۇ بىر رەسسام قىستۇرما رەسىم ئىجادىيىتىدە دۇچ كىلىدىغان تولىمۇ رېئال مەسىلە. دېمەك، ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت تارىختىمۇ، ھازىرمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئەدەبىيات بىلەن رەسىمنىڭ مۇناسىۋىتىدە مېنىڭچە رەسىم بىلەن شېئىر بەكرەك باغلىنىدۇ ھەم يەنە بىر-بىرىنىڭ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ. شېئىردا ياكى باشقا پىروزا ئەسەرلىرىدە بولسا بىز ئۇنى ياكى باشقا پىروزا ئەسەرلىرىدە بولسا بىز ئۇنى باشتىن-ئاياغ ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بىزدە بىر مۇكەممەل ھېسىيات پەيدا بولىدۇ. بىراق، رەسىمگە بىر قاراشنىڭ ئۆزىدىلا چۈشىنىپ مۇكەممەللىككە يېتىش كېرەك. بىز رەسىمنىڭ ئاۋۋال ئۇ تەرىپىنى ياكى بۇ تەرىپىنى كۆرمەيمىز، ئۇ بىزگە ئومۇمىي بىر گەۋدە ھالىتىدە كۆرۈنىدۇ. رەسىم ئىجادىيىتى رەسساملاردىن ناھايىتى زور مۇكەممەللىك، ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ، بۇ يەردىكى مۇكەممەللىكنىڭ تېگى رەسساملارنىڭ ئۆزىنىڭ سۇبيېكىتىپ ھېسسىياتىنى قانداق قىلىپ ئوبىيېكتىپ رېئاللىق ئىچىگە كىرەۈزۈشى، يەنە قانداق قىلىپ رەڭ، سۇژىت ئارقىلىق ئىپادىلىشىدە كۆرۈلىدۇ. ھازىرقى خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ھەر كۈنى ژۇرنال تەكشۈرىمەن، ئوقۇيمەن. ھازىر خېلى كۆپ ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى بېرىلىدىغان بىر ئەھۋال شەكىللىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ رەسىملەرگە قاراپ بىزنىڭ رەسساملىرىمىزدا يەنىلا تېما گادايلىقىنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمەن. نۇسخىلانغان رەسىملەر بەك كۆپ. يەنە بىر تەرەپتىن  رەسامنىڭ ئۆز خىيال، تەسەۋۋۇرىدىكى سۇبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ، تەپەككۇرنىڭ ئالدىنقى ئوۇرنغا ئۆتەلمەي تۇرۇپلا سىزلىغان رەسىملەر كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا، مەن بىر رەسسامدا دۇنيانى، تەبىئەتنى، تۇرمۇشنى كۆزىتىش ۋە ئۇنى سۆيۈش، تەسىرلىنىش ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن. مەيلى شائىر ياكى رەسسام ئۈچۈن بولسۇن، ئۇ ياراتقان ئىجادىيەتتە كىشى يۈرىكىنى پىژژىدە قىلىدىغان شۇ تەرەپ كەم بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئەمگىكى ئەبەدىيلىككە ئايلىنالمايدۇ. مەسىلەن، مەن ئاقسۇدىكى بىر رەسسام ئاغىنەمگە«ماڭا بىر رەسىم سىزىپ بەر، ئۇنىڭدا بىر قىمارۋازنىڭ يۈركى شىددەتلىك تېپىرلاپ، يا ئۇتۇۋېلىپ، يا ئۇتتۇرۇۋېتىپ ھازىرلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك ئاشۇ دەقىقە ئىپادىلەنسۇن» دېگىنىمگە مانا 30 يىل بولدى. بۇ يەردىكى مەسلە رەسىملا بۇنى  جانلىق ئىپادىلىيەلەيدۇ. رومان بىر تالاي گەپلەرنى يېزىشى كېرەك. مەسىلەن، لىسسىڭنىڭ «لائوكوم» دېگەن كىتابىدا «نىمە ئۈچۈن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا لائوكوم ھوي-ھوي تارتىپ، ئالەمنى مالەم قىلىپ بىر ھازا يىغلايدۇ، نېمە ئۈچۈن ھەيكەلدە ئۇنىڭ ئازابلىنىشى بىر دەقىقىدە بىزگە نامايەن بولىدۇ؟» دېگەن سۇئال ئۇچرايدۇ. «لائوكوم» دىگەن بۇ ھەيكەم مىلادىيەدىن ئىلگىرى ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر مۇنچە يىلاننىڭ ئاتا-با ئۈچەيلەننى قاماپ، جېنىنى ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش كۆزگە تاشلىنىدۇ. يەنە ۋېرگىلنىڭ «لوئوكوم» دېگەن داستانى بار، ئۇنىڭدىمۇ لائوكومىنىڭ ئازابلىنىش جەريانى نەچچە يۈز مىسرا قىلىپ يېزىلغان. لېكىن ھەيكەلدە يىغلىغان، زارلانغان، ۋارقىراشقان، بىر-بىرىنى توۋلاشقان بۇ جەريان بىر دەقىقىدە كۆرۈرمەنگە كۆرۈنگەن. گەرچە بۇ بىر ھەيكەل بولسىمۇ، ئۇ بىزنىڭ كۆزىمىزگە رەسىم ھالىتىدە تالشىنىدۇ. لىسسىڭنىڭ «لائوكوم» دېگەن كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى سوئالىغا ھازىرچە ئۆلچەملىك جاۋاپ تاپالمىساممۇ، بىراق مىنىڭ ئويۇمدا بۇنىڭ ئاددىي جاۋابى-قانداق مەركەزلەشتۈرۈش ئۇنىڭ رەسسامنىڭ ئۆزىنىڭ سۇبىيېكتىپ ھېسسىياتى، پۈتۈن ھاياتلىق شىجائىتىنى قانداق ئىپادىلەش مەسلىسىگە باغلىق. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا مۇكەممەل بىر جەريان كېرەك. بىزنىڭ رەسساملىقىمىزنىڭ كۆپىنچىسى تېخى ياش، مەن ئىشىنىمەن، ئۇلار بۇ يولنى ھامان تېپىۋالىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ دائىم قومۇشنى سىزىدىغان جىڭ بەنچاۋ دەيدىغان بىر رەسسامى بار، 

ئۇ قومۇشنى «باغدىكى قومۇش»، «كۆڭلۈمدىكى قوموش»، «قەغەزدىكى قومۇش» دەپ ئۈچكە ئايرىيلىدۇ. ئۇنىڭ يازغان خېتىدا «باغدىكى بامبۇك قومۇشى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى قومۇش ئەمەس، مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى قومۇش قەغەزدىكى قومۇش ئەمەس» دېگەننىڭ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ئۇنداقتا سىزنىڭ سىزغىنىڭىز رېئاللىقتىكى قومۇش ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالغا ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇ « «ياق، رېئاللىقتىكى قومۇشنىڭ ئۆزى شۇ، بىراق ئۇنىڭغا مېتنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىم، پۈتكۈل سۆيۈنۈشلىرىم، مۇھەببەتىم سىڭىپ كەتكەن» دەيدۇ. شۇڭا، بەزى ئاپتۇرلار «رەسسامنىڭ سىزغان رەسىمى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس» دەپ بولۇپ، «ياق، مەۋجۇت، ئەمما بىر ئارتۇق يېرى ئۇنىڭغا رەسسامنىڭ ھېسسىياتى سىڭىپ كەتكەن» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مىكىلانجىلو دەسلەپ «تاشچىلار جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەسلى بىر تۈگمەن تېشى ياسايدىغان، پەلەمپەيلەرگە تاش يونۇيدىغان تاشچى. كېيىن ئۆز ھېسسىياتىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، دۇنياغا مەشھۇر «داۋىد ھەيكىلى» ۋە نۇرغۇن ھەيكەلەلرنى ياسىغان. شۇڭا، مەن «ھۈنەرۋەنلەر ۋە سەنئەتكارلار» دېگەن  ماقالەمدىكى بىز شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ھۈنەرۋەن تەربىيەلەيمىزمۇ، سەنئەتكار تەربىيەلەيمىزمۇ؟ ئەگەر بىزدىن ھېسسىياتسىز ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلىنىپ چىقىدىغان بولسا، ئۇلار سەنئەتكار ئەمەس، ئەكىسچە ھۈنەرۋەن بولىدۇ، دېگەن قاراشنىمۇ دەل مۇشۇ سەنئەتكارلار ئۈچۈن تەپەككۇر، ھېسسىيات، مۇھەببەتنىڭ نەقەردەر مۇھىملىقى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. رەسىمدىن مەن كىچىك ۋاقتىمدا سوركۈف، رىپىننىڭ رەسىملىرىنى بىلەتتىم. چۈنكى، مەن باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە بىزنىڭ دەرىسلىكىمىزدە «ۋولگا دەرياسىدىكى پورلاگلار» دېگەن رەسىم بار ئىدى. رىپىن، سوركۇفلارنىڭ رەسىملىرى ئەنە ئاشۇ بالىلىق قەلبىمگە بەكلا تەسىر قىلغان.
1986-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە مەن رەسساملارنىڭ يىغىنغا تولا قاتنىشىپتىمەن، بۇنى ئۆزۈممۇ بەكلا خالايمەن. راستنى ئېيتقاندا، مىنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىم رەسىمنىڭ ئىلھامىدىن يارالغان. ئەمدى ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى دېگەندە، شېئىرلىرىمىزدا تازا ئوبدان ئىماگ، مەنزىرە يوق، قۇرۇق گەپ بەك تولا. باشتىن-ئاياغ بىر شەيئى. رەڭدار بىر كۆرۈنۈشىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدىغان شېئىرلىرىمىز كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. دېمەك، شېئىرلىرىمىزمۇ خۇددى ھازىرقى بىر قىسىم رەسىملىرىمىز نۇسخىلانغاندەك نۇسخىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقىنى بولسا، بۇنىڭغا باشقا ئامىللارمۇ جاۋاپكار. بىز نىمە ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە، تەبىئەت دۇنياسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالىمىز. نىمە ئۈچۈن ئايرىم ئولتۇرغان چاغدا رەسىم ھەققىدە ئىلھام كەلمەيدۇ؟ قارىماي تۇرۇپ رەسىم سىزىدىغان دەرىجىگە يەتمەيمىز؟… دېگەنلەرنىمۇ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغىمۇ بەلكىم نۇرغۇن جەرينا كېتىشى مومكىن. ئەمەلىيەتتە شېئىرنىمۇ قارىماي تۇرۇپ يازىمەن دېگەن بىلەن ئۇنىڭغىمۇ يۈرەكنى پىژژىدە قىلىدىغان بىر نەرسە تەسىر قىلمىسا ئۇ ياخشى ئىپادىلەنمەيدۇ، شۇڭا رەسىممۇ ئەينەنلىكتىكى رەسىم ئەمەس، شېئىرمۇ ئەينەنلىكتىكى شېئىر ئەمەس. چوقۇم بۇنىڭدا بىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىمىز، تەربىيەلىنىشىمىز، تەبىئەت دۇنياسى، تۇرمۇش بىلەن ئۇچرىشىشىمىز، دۇنيانى، تەبىئەتنى مۇھەببەت بىلەن سۆيۈشىمىز بەك مۇھىم. يىغىپ ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىۋاتقان، بىر نەچچە خىل مەدەنىيەتنىڭ قىسىلچىلىقىدا ياشاۋاتقان بىزدەك بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى يۈكسىلىشكە قاراپ يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت، رىقابەت يالغۇز بىزگە خىرىسلا ئەمەس، ئەكىسچە پۇرسەتمۇ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا، بىز ژۇرناللار ئارقىلىق ياكى سۆھبەتلەر ئارقىلىق بۇنى ياش رەسساملارغا، ياش ھەۋەسكارلارغا كۆپرەك تەشۋىق قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.