Maya 2008 نى ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارغا تۆۋەندىكى قوزغۇلۇش رەسىمى تۇنۇشلۇققۇ دەيمەن.
ئۇندۇقتا بۇ رەسىمنى ئۆزىڭىز خالىغان رەسمگە ئالماشتۇرۇپ ،Maya نى شۇ رەسىم بويىچە قوزغۇتۇشنى خالامسىز؟
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قەدەم -باسقۇچلار ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
1. قەدەم: Maya قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى MayaRes.dll ھۆججىتىنى reshacker دېتالىدا ئاچىمىز.
2.قەدەم : reshacker دېتالنىڭ مۇندەرىجىسىدىكى بىتلىق تەسۋىر( 位图) دىن MAYASTARTUPIMAGE.XPM نى تىپىپ،1033 نى چىكىمىز، بۇ چاغدا Maya نىڭ ئەسلىدىكى قوزغۇلۇش رەسىمىنى كۆرىمىز.
3.قەدەم : دېتالنىڭ تىزىملىك سىتونىدىكى مەشغۇلات( 操作 )__بىتلىق تەسۋىرنى ئالماشتۇرۇش( 替换位图 ) نى چىكىپ ،چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن يېڭى بىتلىق تەسۋىرھۆججىتىنى ئېچىش( 打开新位图文件) نى چىكىپ بۇ يەردىن ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان سۈرەتنى تاللاپ ئالماشتۇرۇش( 替换) نى چىكىمىز (بۇدىئالوگ رامكىسىدىن پايدىلنىپ Maya نىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك كۆرنىشلىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)
4.قەدەم : ئىشلىگەن مەشغۇلاتىمىزنى ساقلاپ ،دېتالدىن چىكىنىپ چىقىمىز.
5.قەدەم: Maya نى قايتا قوزغاتساق ئۆزىمىز ئۆزگەرتكەن رەسىمدە قوزغۇلۇش كۆرنىشىگە ئالماشقانلىقىنى كۆرىمىز.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. MayaRes.dll ھۆججىتىنى تەھرىرلەشتىن ئىلگىرى باشقا ئورۇنغا زاپاسلىۋىلىڭ.(مەشغۇلاتىمىز ئوڭۇشلۇق بولمىسا كېيىن ئەسلى ئورۇنغا قاپلاپ كۆچۈرۋىتىشكە لازىم بولىدۇ)
2. ئۆزگەرتمەكچى بولغان رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،سۈرەت فورماتى چوقۇم ئەسلى رەسىم بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەك. ( ئەسلى رەسىم: 357*534 ، فورماتى : BMP )
بۇ مەن ئۆزۈم ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى قوزغۇلۇش كۆرنىشى:
ئەسكەرتىش :
بۇ يازمىنى ئىلگىرى «ئىلتەبىر مۇنبىرى»گە بىرقېتىم يوللىغان ئىدىم، كۆرمىگەن تورداشلار بولسا پايدىلنىپ قالار دېگەن نىيەتتە قايتا يوللۇدۇم،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى سورايمەن.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش