ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
پەرھات ئەمەت،1987-يىلى4-ئايدا قۇمۇلدا تۇغۇلغان .تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە. 2002-يىلى قومۇل دارىلمۇئەللىمىننىڭ گۈزەل –سەنئەت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن .2005-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتنىڭ شەھەر ھەيكەلتاراشلىقى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . ئۇ ئوقۇش جەريانىدا «مەدەنىيەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» ، «ئىتتىپاق كادىرى ئۈلگىسى» ،«مۇنەۋۋەر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» دىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . نۇرغۇن ئەمەلى كەسپىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان . 2009-يىلى مۇز ھەيكەل بايرىمىدا ئەسەر ئىشلىگەن ،2009 -يىلى 7-ئايدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەشكىللىكىدە دۆڭكۆۋرۈك ھەيكەللىرىنى ياسىغان .
2010-يىلى« قۇمۇل سەنىمى» ناملىق ئىجادىيىتى قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىگە قويۇلغان.
ئالاقىلىشىش نومۇرى : 18999447370
QQ : 945780993
قوشۇمچە:
تورداشلار ئەسەرلەرنى كۆرگەندە سىرىق مەزمۇندىكى ياكى ئۆرپ-ئادەتتىن چەتنىگەن ئەسەرلەرنى كۆرۈش تۇيغۇسى بىلەن ئەمەس ، سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ،باھالاش نۇقتىنەزىرى بويىچە كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2010-12-08 00:27:30 گىلەم
راۋاپ ماڭا يارىدى. ساقلاش قىممىتى بار ئىكەن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشم.
[Reply]
2010-12-08 20:51:31 كىگىز
بۇ ھەيكەللەر ماڭا بەك يارىدى. ياخشى تېما يوللاپسىز . سىن كۆرگەزمىسى بەك ياخشى چىقىپتۇ .
[Reply]
2010-12-09 08:41:42 3#
ھەيكەلتراشلىق توغرىسىدا كۆپ بىلىم ۋە تەجىربىلىرى باركەن ، ئەمدى تېخنىكا ئۆگەنسە بولغۇدەك.
[Reply]
2010-12-10 21:45:37 4#
ھەقىقەتەن نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى ئىكەن، ھە راست سىزنىڭ ھېلىقى كۆرگەزمىڭىزنى قاچانلاردا يولغا قويىسىز، بلوگباسمۇ ئوڭشالدى، ئەمدىلەتىن ئېلان قىلسىڭىز بولىدىغاندۇ؟!
[Reply]
2010-12-12 09:21:18 5#
كوپچىلىكنىڭ پىكىر بەرگەنلىكىگە رەخمەت !~~
[Reply]
2010-12-14 22:48:58 6#
بۇ ياش يىگىتنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ مۇپىقىيەتلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمەن
[Reply]