«كۆرۈش سىزىمى سەنئىتى» ئاساسلىرى-لايىھىلەش دىتى

2010-12-19 01:34 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 424 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(3پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

سىز مەيلى كەسپىي لايىھىلىگۈچى بولۇڭ ۋە ياكى ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار بولۇڭ ئۆزىڭىزنىڭ لايىھىلىگەن لايىھەلىرىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئىرىشىشنى ، مەلۇم بەدىئىيلىك ئاساسىدا باشقىلارغا ئىستىتىك زوق بېرىشنى ئارزۇ قىلىسىزغۇ دەيمەن(مېنىڭچە شۇنداق)

ھەممەيلەن بىلىمىز –لايىھىلەش (مەيلى ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھىلەش بولسۇن ۋە ياكى تەكشىلىكتە لايىھىلەش بولسۇن ) «كۆرۈش سىزىمى سەنئىتى»گە تەۋە سەنئەت شەكلى بولۇپ، كىشلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇنىڭ ئاساسلىق تەرىپى. سىزدە تولۇق بولغان لايىھىلەش شارائىتى ۋە يۇقىرى لايىھىلەش تېخنىكىسى بولۇش بىلەن بىرگە ، تۆۋەندىكى «لايىھىلەش دىت»لىرىغا ئەھمىيەت بەرسىڭىز ئەسەرلىرىڭىز تېخىمۇ جانلىق ، جەلىپ قىلارلىق چىقىشى مۇمكىن.

1)   ئادەتتە ئوبىيكىتلارنى رەسىم يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرغاندا نۇر چۈشكەن تەرەپتىن كۆپرەك ئورۇن قويۇش ، ئوبىيكىتنى ئۈستىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئاستىدىن كۆپرەك ئورۇن قويۇش ئارقىلىق بىر خىل ئازادە ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.

2) ئاساسلىق ئوبىيكتنى رەسىم يۈزىگە بەك لىق ياكى بەك كىچىك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويماسلىق،چوڭراق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا خام ماتېرىيالنى لايىھەنىڭ چىگرا سىزىقىدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىپ،ئاساسلىق تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش.

3) ئىپادىلىمەكچى بولغان كۆرنۈشنى ئوخشىمىغان كۆرۈش نۇقتىلىرىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. مەسلەن: داۋاملىق ئادەتلىنىپ كەتكەن ئوڭدىن ، سولدىن ، ئۇدۇلدىن كۆرۈش نۇقتىلىرىدىنلا ئەمەس ،ئۈستىدىن ، ئاستىدىن كۆرۈش نۇقتىلىرىنى تاللاش ، پۈتۈن بىر كۆرۈنۈشنىڭ مەلۇم بىر پارچىسىنى لايىھىلەش ماتېرىيالى قىلىش.. دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوخشىمىغان كۆرۈش ئۈنۈملىرىگە يەتكىلى بولىدۇ.

4)     لايىھەدىكى ئاساسىي ئوبىيكىتنى ياكى شەكىلنى لايىھەنىڭ مەركىزى سىزىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا ،مۇلۇم بىر شەكىل ياكى خەت ئارقىلىق لايىھەنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندەك تۇيغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاش.

5)     بىر پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ،لايىھەدە مەلۇم رېتىم تۇيغۇسى بولۇش.

6)     لايىھەدە زىيادە كۆپ خىل رەڭ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ، شوخ،ئوچۇق رەڭلەر بىلەن تۇتۇق،ئېغىر رەڭلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش.

7)     ئاساسلىق ئورۇندىكىسى بىلەن قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋىلىش،ھەممىسى تەڭ كۆزگە چىلىقىپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە رەڭنىڭ كىشلەرگە بېرىدىغان تەسىرىدە رەڭنىڭ ساپلىق دەرىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تېز جەلىپ قىلىدۇ. شۇڭا ئاساسلىق ئوبىيكىتنىڭ رەڭگىنى ئوچۇقراق ياكى تەپسىلىي ئىپادىلەپ،قوشۇمچە ئورۇندىكىنى رەڭ دەرىجىسى بىرخىل رەڭدە قىلىپ ئومۇمىي دائىرىدە ئىپادىلىسەك لايىھەنىڭ چىچىلاڭغۇ بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنالايمىز.

8)      لايىھەنىڭ كۈلرەڭ بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش. بۇ يەردە دىيلىۋاتقان «كۈلرەڭ» بولۇش لايىھەدە كۈلرەڭ ئىشلەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتماستىن لايىھەدە يا يورۇق رەڭ يوق يا قېنىق رەڭ يوق ھەممىسىنىڭ رەڭ دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ (ئىشلىگەن لايىھەلىرىمىزنى PS نىڭ رەڭسىز قىلىش بۇيرۇقى ئارقىلىق كۆرۈپ باقساق بولىدۇ)

9)     ئورالما قاپ لايىھەسى، ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى تەكشىلىكتە لايىھىلەش ئېلىپ بارغاندا *پېرىسپىكتىۋلىق قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش

10)  خام ماتېرىيال تاللىغاندا ئامال بار كۆپرەك ماتېرىيال تاللاش ،پەقەت بىر نەچچە خىل خام ماتېرىيال بىلەنلا لايىھەنى پۈتكۈزۋەتمەي سۈپەتلىك خام ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش.

11) خەت نۇسخىسىغا ئامال بار قولدا يازغان ھۆسنىخەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش، بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىغاندا ئوخشاش بىر لايىھەگە ئوخشىمىغان خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ، لايىھە بىلەن خەت نۇسخىسىنىڭ خارەكتىرىنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.

پېرىسپىكتىۋ – رەسساملىق كەسپىي ئاتالغۇسى، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى جىسىملار ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، يىراقتىىكى جىسىملار چوڭ،ئېنىق ،يىراقتىكى جىسىملار كىچىك،غۇۋا كۆرۈنىشى پېرىسپىكتىۋلىق قانۇنىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.

 

بلوگىمىزنىڭ «كۆرۈش سىزىمى سەنئىتى» ئاساسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار داۋاملىق يوللىنىدۇ،تورداشلارنىڭ دىققىتى بلوگنىڭ كېيىنكى يازمىلىرىدا بولغاي!

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر3پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. ئەلى
    2010-12-21 10:17:07 گىلەم

    رەھمەت . بىلىۋالدۇق . سەنئەت دىگەنغۇ ئەركىن نەرسە لىكىن شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەرگە زوق بىغىشلاش ئۈچۈن بۇلاردىن پايدىلىنىش كىرەككەن .

    [Reply]

  2. مەھمۇد
    2011-07-16 14:33:06 كىگىز

    رەھمەت! ھەقىقەتەن پايدىلىنىشقا ئەرزىگۈدەك ماتېرىيال ئىكەن! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر يازمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!

    [Reply]

    ئاتەش Reply:

    بۇ يازما توراداشلارغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلنىش قىممىتى ئېلىپ كىلەلىسە مەن شۇنىڭدىن خۇش. قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ تۇارسىز، كەسىپ ئەھلى بولغاندىن كېيىن.

    [Reply]

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.