كارتون كىشلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئەگەر بىز بىر قاتار ھەرىكەت كۆرنىشىنى كۆزىتىدىغان بولساق ، ئۈزلۈكسىز قويۇلىۋاتقان تىنىچ ھالەتتىكى رەسىملەرنىڭ(سۈرەتلەرنىڭ) ھەركەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز. مانا بۇ داڭلىق بولغان«كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ قالدۇق تەسىرى پىرىنسىپى»
كارتون ئىشلەش ئۇقۇمىدا،ھەربىر مۇستەقىل سۈرەت(رەسىم)نىڭ ھەممىسى -*«فىرامى»دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋاقىت بىلەن فىرامىنىڭ مۇناسىۋىتى نىسپىي بولۇپ،3DS MAX تا ئەڭ چوڭ بولغاندا «4800فىرامى/ سىكۇنت» نى قوللايدۇ. ئەنئەنىۋى كارتۇن فىلىملەردە 12دىن 15كىچە فىرامى/ سىكۇنت ،*PAL تېلېۋىزىيە شەكلىدە 25 فىرامى/ سىكۇنت ، *NTSC تېلېۋىزىيە شەكلىدە 30 فىرامى سىكۇنت ، كىنوغا 24 فىرامى/ سىكۇنت قوللىنىلىدۇ. شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇكى ، كىنو شەكلىدە ھەربىر سىكۇنتتا 24 پارچە سۈرەت ئۈزلۈكسىز قويۇلىدۇ.
ئەنئەنىۋى كارتون ئىشلەش ئۇزۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ ، كۆپ مىقداردىكى يەككە سۈرەت(رەسىم)لەرنى قولدا سىزىش ، ئاندىن بېرىكتۈرۈش ۋە ئاۋاز كىرىشتۈرۈپ ، قىيىپ رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بىرىلاتتى. بىر مېنۇتلۇق ئەنئەنىۋى كارتون ئىشلەشكە ئوخشىمىغان سۈپەت تەلىپىگە ئاساسەن 720 پارچىدىن 1800 پارچىغىچە يەككە ، مۇستەقىل سۈرەت(رەسىم) ئىشلىتىلەتتى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ھالقىلىق فىرامى تېخنىكىسى ۋەزىيەت ئىھتىياجىغا ئاساسەن بارلىققا كەلدى.
كارتون ئىشلەش جەريانىدىكى كۆپ سانلىق فىرامى ئۆتكۈنچى خارەكتىرگە ئىگە بولۇپ ، ئەنئەنىۋى كارتون ئىشلەش ئىشخانىلىرى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن ، ئاۋۋال بىر قىسىم مۇھىم كۆرنىشلەرنى سىزىۋىلىپ ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇ كۆرنىشلەر«ھالقىلىق فىرامى(كۆرۈنۈش)» دەپ ئاتالغان. ئاندىن ھالقىلىق كۆرنۈشلەرنىڭ ياردىمىدە ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى كۆرنۈشلەرنى سىزىپ چىقىپ ، بۇلارنى «ئارىلىقتىكى كۆرۈنۈش» ياكى«ئۆتكۈنچى فىرامى(كۆرۈنۈش)» دەپ ئاتىغان.
تېخنىكا ئۇچقاندەك تەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئەگەر بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن مۇكەممەل كارتون فىلىم (ھەرىكەتلىك فىلىم)ئىشلەش ئۈچۈن مىڭلىغان ، يۈزمىڭلىغان سەنئەتكارلار ئىشلىشى كېرەك ،ئەلۋەتتە.
كارتۇن ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىش پىرىنسىپى بىز يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك ، «كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ قالدۇق تەسىرى پىرىنسىپى» نى ئاساس قىلىپ ، كارتوندىكى«ھالقىلىق فىرامى» ۋە «ئۆتكۈنچى فىرامى» نىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئىش ئىشلەيدۇ.
يۇمشاق دېتال ياردەمچى ، بىز بولساق ئاساسلىق كارتون لايىھىلىگۈچى بولىمىز. بىز پەقەت قايسى ھەرىكەتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنىڭ ھالقىلىق كۆرنىشىنى بېكىتىپ بەرسەك ، يۇمشاق دېتال ئاپتۇماتىك ھالدا ئارىلىقتىكى ھالقىلىق كۆرنىشلەرنى ئىشلەپ ، ئاخىرىدا مۇكەممەل بولغان كارتون(ھەرىكەت) كۆرنىشىنى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:
«فىرامى» – رەسىمنىڭ بىر پارچىسى،پارچە دېگەندەك مەنىگە ئىگە.
PAL تېلېۋىزىيە شەكلى- شىياڭگاڭ ، جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلىقى ، ياۋرۇپا قىتئەسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ تېلېۋىزىيە شەكلى.
NTSC تېلېۋىزىيە شەكلى- جۇڭگۇ تەيۋەن ، ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق رايۇن ۋە دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە شەكلى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش