باتۇرجان ئابدۇۋىلى تۇغلان سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2012-04-26 15:12 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 124 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(2پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

 

ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ، خەۋىرى،  فوتوسى : ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى تۇغلان مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى، تۇغلان لاھىيە تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياش خەتتات ۋە ئىقتىدارلىق ماركا لايھىلىگۈچى باتۇرجان ئابدۇۋىلى تۇغلاننىڭ  1 – ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە 4 – ماي ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ( چارشەمبە ) مەدىنىيەت بۆشۈكى بولغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شەھەرلىك مەدىنىيەت يۇرتى  كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى،ئۈرۈمچى «تۇغلان مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» ئويۇشتۇرغان، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، قەشقەر « ئاق تۇلپار» سۈرەتخانىسى، قەشقەر جەسۇر  ئېلان شىركىتى، قۇتبىلىك گۈزەل سەنئەت مەركىزى ھەمكارلاشقان  بۇ قىتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ، قەشقەر  شەھرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يازغۇچى، شائىرلار، خەتتاتلار ، رەسساملار،ئاپتۇرنىڭ كەسىپداشلىرى ئۇرۇق–تۇغقانلىرى ، شەھەر تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى  ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.  كۆرگەزمىدە ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇربانجان روزى شەيدائى باتۇرجان ئابدۇۋېلى تۇغلاننىڭ قىشقىچە تەرجىمھالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن باتۇرجان ئابدۇۋېلى تۇغلان 1984 – يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  2002 – يىلى شىنجاڭ ئونۋىرستېتىنىڭ سانائەت لايىھىلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، خەتتاتلىق بىلەن لايىھىلەش بىلىملىرىنى ئۆز- ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىي ئەسەرلەرنى ئىشلەشكە تۇتۇش قىلغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن،ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ،بېيجىڭ ”جىڭباڭ“ لايھىلەش-پىلانلاش شىركىتىدە تەربيلەنگەن ۋە شىنجاڭ ”قوشتۇلپار“ لايھىلەش شىركىتىدە تەكشىلىك لايھىلىگۈچىسى بولۇپ ئشىلىگەن. 2010- يىلى ئۆز ئالدىغا  گۈزەل-سەنئەت ۋە لايىھە بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن كەسپىي سەنئەت تور بېكىتى-« تۈغلان تور بېكىتى»  نى؛  2012 – يىلى 2- ئايدا  ئۈرۈمچى «تۇغلان  مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە 40 پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى ۋە بىر بۆلەك تاۋار ماركا لايىھەلىرى  ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك مۇسابىقە ۋە كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ، 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

كۆرگەزمىدە يەنە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىياز كىرىم شەرقى، داڭلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن، تۇردى ئىمىن، سۇلايمان ….   ۋە بىر قسىم ئورۇنلارنىڭ  « تۇغلان گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» نىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ئاتاپ يوللىغان تەبرىك تېلېگىراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتى بۇ قىتىمقى كۆرگەزمە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قەشقەر شەھىرنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان پىشقەدەم خەتتاتلاردىن مەمتىمىن ساھىت ، مىجىت سابىر، غولامجان قادىرى قاتارلىقلارغا تون كىيگۈزۈپ، گۈل سوۋغا قىلىپ ئۇلارنىڭ  تۆھپىسىنى قۇتلۇقلىدى. قەشقەر شەھرىدىكى بىر قىسىم ئىدارە – جەمئىىيەت، مەكتەپلەر، ئاپتۇرنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى، دوسلىرى، كەسىپداشلىرى گۇل، جازا ۋە خاتىرە بويۇملارنى سوۋغا قىلدى. داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى، پىشقەدەم خەتتات مىجىت سابىر، خەتتات روزى ئېلى ۋە ئاپتۇر باتۇرجان ئابدۇۋىلى تۇغلان قاتارلىقلار كۆرگەزمە ئەھلىگە نەخ مەيداندا ھۆسنىخەت يېزىش ماھارىتى كۆرسىتىپ ، بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى يېڭى مەناغا ئېگە قىلدى. مۇراسىمدىن كىيىن كۆرگەزمە ئەھلى باتۇرجان ئابدۇۋېلى (تۇغلان)نىڭ كۆرگەزمىگە قويغان يارقىن، جەزبىدار ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى ۋە راڭدار ماركا لايىھەلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولۇشتى ھەم ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىشتى. بىر قىسىم تىجارەتچىلەر  ھۆسنىخەت ئەسەرلىرىنى  ياختۇرۇپ سىتېۋالدى.

 

 ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ ( قەشقەر شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى )

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر2پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. سەھرالىق
    2012-04-28 06:42:21 گىلەم

    ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ جىددىيچىلىكىدە مەنمۇ بارالمىدىم…ھەي… كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالدى دېسە…

    [Reply]

  2. خۇشنۇت
    2012-05-01 07:55:42 كىگىز

    ئەگەر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولسا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيتىمدە . :cry:

    [Reply]

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.