بەتنىڭ تېزراق ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بوشلۇقنى تىجەش ۋە يازما ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىش- تور بېكەت ياكى بلوگ بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىپ كىلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
كەمىنىمۇ مۇشۇ ئويدا توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ، سىغىمى كىچىك، ئۆزى قولايلىق بولغان سۈرەت پىرىسلاش، سۇ باسما بېسىش دىتالىدىن بىرنى تىپىۋالدىم. گەرچە توردا بۇ تىپتىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى خىلى كۆپ بولسىمۇ مەن توردىن ئىزدەپ تاپقان باشقا دىتاللارغا سىلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى خىلىلا مۇكەممەل تۇيۇلدى.
دىتال – سۈرەت رامكىسى، سۈرەت چوڭ- كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش، ئىمزا(سۇ باسما)، ئۈنۈم، سۈرەت چىقىرىش، سەپلىمە، ياردەم قاتارلىق يەتتە ئىقتىدار بۆلىكىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئىقتىدار بۆلەكلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تاللاشلارنى تاللاش ئارقىلىق، سۈرەتلەرنى توپ بىر تەرەپ قىلىش مەخسىتىگە يىتەلەيمىز.
دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش