[كۆچۈرۈلمە] رەسىمچىلىك ھەققىدە يېڭى گەپلەر (2)

2012-01-13 13:53 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 304 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە  «غەبىي دىيار ئۇسلۇبى»گالېرىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «رەسىمچىلىك ھەققىدە يېڭى گەپلەر» تېمىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى ۋە كەسىپداشلارنى خەۋەردار قىلىش مەخستىدە مەزكۇر يازما «تۇغلان تورى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

 [كۆچۈرۈلمە] رەسىمچىلىك ھەققىدە يېڭى گەپلەر (1)

ئابدۇقادىر جالالىدىن : ئۇستازلارغا بىر تەۋسىيە 
مەن يەنە مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەت پۇرسىتىدە ، ئۆز ئەمگەك ، بەدەللىرى ئارقىلىق رەسسامچىلىقتا يول تىپىپ ، بۇ جەھەتتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان ئۇستازلارغا نىسبەتەن سەنئەت مائارىپىغا باغلانغان ئاممىباپ خاراكتىرلىك نەرسىلەرنى نەشىر قىلدۇرۇش ، ئۇنى ئوموملاشتۇرۇش تىگىشلىك كىچىككىنە بىر خىزمەت قىلىپ قويسا دىگەن تەۋسىيەنى يەنە ئوتتۇرغا قويغۇم كىلىۋاتىدۇ . مەسىلەن : بۇ تۈرگە مەبلەخ سېلىش يولى بىلەن ئۇيغۇر تىلى يىزىقىدىكى سەنئەت مائارىپىغا ئائىت كىتاب ، پىلاستىنكىلارنى نەشىر قىلدۇرۇش جەھەتلەردە ئەمەلىي ، نەق خىزمەتلەر ئىشلەنسە ، بۇنداق بولغاندا رەسىم ھەم شۇنداقلا سەنئەت مائارىپى ھەقىقىي قىممەت ھەم ھاياتى كۈچكە ئىگە بولامدىكىن دەيمەن . 

ئىمىن ئەھمىدى : رەسىمچىلىكنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى رەسىمەلرنى قانچىلىك كۆپ سىتىلغانلىقدا ئەمەس . . .
ئالدنقى يىلى مەلۇم بىر ژورنال ھەر قايسى ساياھەت نوقتىلىرىدا قولنىڭ ئۇچىدىلا سىزىپ قويغان رەسىملىرىنى چەتئەللىكلەرگە كۆپرەك سىتىۋەتكەنلەرنى <<رەسىم ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور مۇۋاپپىقىيەت قازانلار >> دەپ ئېلان قىلىپ بىر پارچە ماقالىلەر ئېلان قىلدى . ماقالىدە << مانا مۇشۇ بىزنىڭ رەسسامچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئوڭ مۇۋاپپىقىيىتى >> دىگەن باھا ئوتتۇرغا چىقتى . مىنىڭچە بۇ توغرا ئەمەس ، ئەمەلىيىتتە ئۇ رەسىملەرنىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر تەرپىدىن سىتىۋىلىنىشىدىكى سەۋەپ ، رەسىملەردە چەتئەلدىن كەلگەنلەرگە ناتونۇش بولغان ئۇلارنى قىزىقتۇردىغان مەدەنىيەت ، ئۆرۈپ – ئادەت ، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ كۆرۈنۈش ، ھالەتلىرى بار . بىراق ، 20 يۈەندىن باشلاپ سىتىلغان بۇ كىچىك رەسىملەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ رەسىمچىلىكىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى بويىچە رەسىملەرنى سىزىپ بازارغا ئەكىرسە ، نورمال بولىدۇ . بىز شۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز ، لىكىن ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى شۇنىڭدا بولۇپ قالسا بولمايدۇ . ئەسلى رەسسامچىلىقنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى كىچىك رەسىملەرنى قانچىلىك سىتىلغانلىقىدا ئەمەس بەلكى رەسساملارنىڭ قانچىلىك كۆپ ياخشى تىمىلارنى ئىلىپ چىقالىغانلىقىدا بولاتتى ، ئەڭ ياخشى رەسىملەر تېخى ئا؛دىراپ سېتىلمايدۇ ، شۇڭا بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىز ئۇيغۇر رەسىمچىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى مانا مۇشۇنداق يەڭگىلتەكلىك بىلەن چەكلەپ قويسا بولمايدۇ .

پولات ھېۋىزۇللا : ئەسلىدە يازغۇچىلارمۇ مەدەنىيەتنىڭ قازغۇچىلىرى
يۇقۇردا ئابدۇقادىر جالالىدىن تەۋسىيە قىلغاندەك خەلققە يۈزلەنگەن ئاممىباپ سەنئەت ئوقۇشلىقلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇش بۇ بىر ياخشى تەرەپ . يەنە بىر تەرەپ ھازىر نەشىرياتچىلىقتا <<سىرىتقا يۈزلەنگەن كىتاب قۇرۇلىشى >> دىن ئىبارەت يىڭى بىر يۈزلىنىش ، ياخشى پۇرسەت بارلىققا كىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئاپتونۇم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش ئاساس قىلىنسا ، يەنە بىر تەرەپتىن مەملىكىتىمىزگە يۈزلەنگەن خەنزۇچە ياخشى ئەسەرلەر ، ئاندىن كېيىن چەتئەلگە يۈزلەنگەن ئىنگىلىزچە كىتابلار بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ . مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم ۋە ماتىراللارنى كۆپ كۆردۈم . ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشاپ ، ئىجادىيەت ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يازغۇچى ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە شىن ۋىي ،لىيۋ لىياڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ، ھەتتا رەسىم ھەققىدىكى ماقالە ، ئەسەرلىرى ناھايىتى ئاشلىقلىنىۋاتىدۇ . ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن نەسىر ، ماقالىلەر چىقىۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت ، رەسىمچىلىك ھەققىدىكى گەپلەرمۇ جىق . خەنزۇ ئوبزۇرچىلارنىڭ گىپى بويىچە ئېيتقاندا <<مەدەنىيەت تەسۋىرى نەسىرچىلىكى >> ھازىر غەربى دىيار ئەدەبىيات تۈركۈمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىگە ئايلاندى . چوڭ نەشىرىيات سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ، ھەتتا ھەر مىڭ خىتىگە مىڭ يۈەندىن قەلەم ھەققى بىرىش ۋەدىسى بويىچە شىن ۋىي ،لىيۋ لىياڭچىڭلار بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدىم . دىمەك مۇشۇ ئۇچۇر ۋە نەتىجىلەردىن ئايان بولدۇكى بىز بىر تەرەپتىن ئاممىباپ ئوقۇشلۇقنى چىڭ تۇتماپتۇق ، ئىككىنچىسى ، رەسىمچلىكىمىز ، مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە يېزىلغان ياخشى ئەسەرلەرنى باشقا تىللارغا ، جۈملىدىن خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە تەرجىمە قىلىشقا دىگەندەك ئەتراپلىق ئىتىبار بىرىپ كەتمەپتۇق . ھازىر يەنە رەسىم بىلەن يىزىقنىڭ بىرلىشىشى نەشىرياتچىلىقتىكى مۇھىم بىر تۈرگە ئايلانماقتا . بىز بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت ، جۈملىدىن رەسىمچىلىكىمىزنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستىكىدە ژورنىلىمىزدا <<ئەدىپلەرنىڭ سەنئەت كۆزى >> دىگەن يىڭى بىر سەھىپىنى ئاچقان بولساق يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم بىلەن يىزىقنىڭ بىرلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ يىڭىلىقنى ژورنالچىقىمىزدا سىناپ بىقىشى ئۈچۈن <<تەڭرىتاغ>> ژورنىلىنىڭ 2010 – يىللىق 2- سانىدىن باشلاپ بۇ سەھىپىنىڭ بەتلىرىنى رەڭلىك ھەم رەسىملەر ئەسەردە خىلى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن ھالەتتە ئىشلەپ كەلدۇق . دىمەك ، بىز مۇشۇ خىل ھالەتتىكى سىرىتقا يۈزلەنگەن كىتابچىلىق ۋە ماقالىلەر قۇرۇلىشىنىمۇ ئىلىپ بىرىشىمىز كېرەك ئىكەن . مەسىلەن : ژورنالچىقىمىزنىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشقا قانچىلىك ئىتبار بىلەن قارىغانلىقىنى باشقا ژورناللار بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا رىئاللىق بىزگە يەنە نۇرغۇن ئويلىنىش ، سوئاللارنى قويىدۇ . بۇرۇن چەتئەلگە يۈزلەنگەن خەنزۇچە <<پامىر >>  دىگەن ژورنال بار ئىدى ، ھازىر <<شىنجاڭ فولىكلورى>> ، <<شىنجاڭ جۇغراپىيەسى>> دىگەندەك خەنزۇچە داڭلىق ژورناللاردا ئۇيغۇر رەسىمچىلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەر چىقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھەر بىر ئايدۇرۇمغا قويۇلىدىغان داڭلىق بىر ژورنىلى بار ، شۇنىڭدىمۇ ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىمىزدىن تارتىپ داڭلىق رەسساملىرىمىز پۈتۈن تونۇشتۇرۇلۇپ بولدى . لىكىن ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشقا قاتناشقانلار ئىچىدە بىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاپتۇرلىرىمىز ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولۇپ كەلدى . ئەمەلىيەتتە ، بىزنىڭ يازغۇچى ، تەتقىقاتچى ، ئاپتۇرلىرىمىز غازى ئەھمەد ، ئابدۇكىرىم نەسىردىن ئاكىلار رەسىملىرىدە سىزغان شۇ مۇھىتتا ياشىغان ئادەم بولغاچقا ئۇلار مەدەنىيەت ، جۈملىدىن رەسىمچىلىكىمىزنى ناھايىتى چۇڭقۇر تەھلىل قىلىش ، تەسۋىرلەش ، يېزىش كۈچىگە ئىگە . مەن ئەھمەد ئىمىن ئاكىنىڭ نەسىرلىرىنىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر رەسىم دەپ قارايمەن . دىمەكچى ، مەن مانا مۇشۇ رەسىمگە مۇكۈنگەن مەدەنىيەتنى چۈسەندۈرۈشكە بىزنىڭ قەلەم ئىگىلىرىمىزمۇ قاتنىشىشى كېرەك دەپ قارايمەن . شۇنداق بولغاندىلا نوقۇللا تار دائىرىدە تارقىلىدىغان كىتابچىقىلىمىز ، ئەسەرلىرىمىز ئۆزىدىن ھالقىيالايدۇ .

ئەخمەت ئىمىن : سەنئەت مائارىپى نوقۇل مەكتەپلەرنىڭلا ئىشى ئەمەس 
   مەن سەنئەتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆتۈشۈشى ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ھەم بىر- بىرىگە ئىلھام بېرشىدىن ئىبارەت بۇ تەرەپنى ئۆز تەجرىبەم نۇقتىسىدىن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باقاي . مەن سەنئەت ژانىرىغا نىسبەتەن سەل ئېتىبار بېرىۋاتقان بىر يازغۇچى . 1980 – يىللاردا ئىسكەندەر سەيپۇللا « لەيلىگۈل » تېمىسىدىكى بىر سىمفۇنىيەنى ئىشلىدى ، بىز دەسلەپكى قەدەمدە بۇنى تۇنجى چىققان سىمفۇنىيە دەپ قارىدۇق . شۇ ۋاقىتتا مەن بۇ سىمفۇنىيەنى ئىسكەندەركامدىن ئەكىلىپ بىرنىچى قېتىم مۇزىكا تىلىنى تىل سەنئىتى بىلەن ئىپادىلەش ھەققىدە ئۇرۇنۇپ باقتىم ، بۇنىڭدا ناھايىتى نۇرغۇن مۇرەككەپ ئىشلار بولىدىكەن ، مۇزىكا قانچە گۈزەل بولسا ، تىل شۇنىڭغا يېقنلىشالايدىغان گۈزەل بىر تىل مۇھىتىدا شۇنى ئىپادىلەپ بېرەلىسە ، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزئارا ئىچەكشىپ كېتىدىكەن . راستىنى ئېيتقاندا ، مەن بۇ سىمفۇنىيەنى 3 ئاي ئاڭلىدىم ، شۇنداق ئاڭلاش ئارقىلىق بىر قۇردىن بىر قۇردىن يېزىپ چىقتىم ، يەنى مۇزىكا تىلىنى ئەدەبىيات تىلىغا ئايلاندۇردۇم . ئەسەر پۈتكەندىن كېتىن ئىسكەندەر سەيپۇللا ئاكا ئاساسەن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى . ئەمدى بۈگۈنكى ئاساسلىق گېپىمىز رەسىم ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە بولۇۋاتقانلىقى ۋەجى سۆزۈمنى ئاساسلىق تېمىغا يۆتكەي . مەن بۇ جەھەتتىنمۇ بەزىبىر تەجرىبىلەرنى قىلىپ باقىتىم . 1980 – يىللاردا غازى ئەھمەد ئاكىنىڭ « مۇقام » ناملىق چوڭ تىپتىكى رەسىمى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن ، مەن بۇ رەسىمگە ناھايىتى ھەۋەس بىلەن دىققەت قىلدىم ، رەسىمنى يېنىش – يېنىشلاپ قانچە رەت كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن . ئاخىرى بۇ رەسىمدىن ياڭراۋاتقان بىر مۇقامنى ؛ قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تىندۇرما بولۇپ ، ئۆلمەي ساقلىنىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ ھەققىي يارقىن بىر سۈرىتىنى ھېس قىلدىم ؛ ئاۋازلار قۇلىقىمغا ئاڭلانغاندەك بولدى . شۇنىڭ بىلەن مەن « سۈرەتتىكى مۇقام » ناملىق بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ئەسەرنى يېزىپ ، رەسىمدىكى ھەربىر پېرسوناژ ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم توختالدىم ، رەسسام بىلەن تەڭ شۇ ھېسىياتقا چۆكتۈم . بۇ مېنىڭ رەسىمنى ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇش ، ياكى رەسىمدىن ئالغان ئىلھام بىلەن ئەدەبىياتتىكى يېڭى بىر شەكىل بىلەن ئەسەر يېزىشىمدىكى تۇنجى ئۇرۇنۇشۇم بولدى . مېنىڭ بۇ گەپلەرنى دېيشىمدىكى مەقسەت ، ياخشى سىزىلغان بىر پارچە رەسىم ئۆز ۋاقتىدا يازغۇچىنىمۇ ناھايىتى قاتتىق ھاياجانغا سالدىكەن ھەم يېڭىدىن – يېڭى بىر ئىجادىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولالايدىكەن . ياش ۋاقتىمدا بىر پارچە رەسىم كۆرگىنىم ھازىرغىچە ئېسىمدە . بۇ روسىيەلىك رەسسام تەرىپىدىن سىزىلغان رەڭسىز رەسىم بولۇپ ، رەسىمدە ئالدى بىلەن بىر ئايالنىڭ ياتقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى كۆزگە تاشلىنىدۇ ، ئۇنىڭ پەقەت قورساق قىسىمىنىڭ يانتۇ تەرىپىدىن بېشىغىچە بولغان بىر كۆرۈنۈشى سىزىلغان . ئىچكىرىلەپ قارىغىنىمىزدا ، رەسىمدىكى ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە يەرنىڭ چاك – چاك يېرىلىپ كەتكەن ھالىتى بار ، چېچىلىپ ياتقان چىچىنىڭ ئۇچلىرى يەرنىڭ رەڭگى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ، يەنە يىراقتىن بىر نەچچە تۈپ كۆچەت دېسە كۆچەتكە ، دەرخ دېسىمۇ دەرەخكە ئوخشىمايدىغان كۆرۈنۈش كۆزگە تاشلىنىدۇ . شۇ چاغدا رەسىم ئاسىتغا يېزىلغان خەتتىن بۇ رەسىم نامىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولساممۇ ، بىراق ، مەن رەسىمگە قاراپ : « ھە ، ‹ ئانا تۇپراق › دېگەن رەسىم مۇشۇكەن » دەپ ئۇنىڭغا ئۆز تۇيغۇمدىن ئىسىم قويغان ، ئېھتىمال ، رەسساممۇ شۇ ئىسمنى قويغان بولسا كېرەك ، دەپ ئويلىغانىدىم . چۈنكى رەسسام قۇرغاقچىلىق ، بىرخىل ئېكولۇگىيەلىك بۇلغىنىش ئىچىدە قالغان زېمىنىڭ ئاھۇ زارىنى شۇ رەسىم ئارقلىق ئىپادىلگەن ئىدى . كېينكى ۋاقىتتا مەن ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ھەققدە « سادا » ناملىق بىر قانچە پارچە ئەسەر يازدىم . يازغان ۋاقتىمدىمۇ مۇشۇ سۈرەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم . دېمەك ، بىر پارچە ياخشى سىزىلغان رەسىم ئەدەبىياتچىنى يېڭىدىن – يېڭى بىر پىكىرلەر بىلەن تۇيۇنغا ئىجادىيەتكە سۆرەپ كىرەلىگەن ۋاقىتىدا ، ئەلۋەتتە ، ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنىمۇ چوڭقۇر ھاياجانلاندۇرالايدۇ . بۇ مېنىڭ ئۆز تەجرىبەم نۇقتىسىدىن سۆزلەۋاتقان تەرەپ . كېيىنكى ۋاقتىلاردا مەن ۋېنگرىيەلىك شائىر فېتوفىنىڭ 1956 – يىلى ۋېنگرىيەدە نەشىردىن چىققان بىر شئېرلار توپلىمىنى كۆردۈم . بۇ كىتابتا ھەربىر پارچە شېئىرغا بىردىن قىستۇرما رەسىم سىزىلغان بولۇپ ، ھەتتا بۇ قىستۇرما رەسىملەرنىڭ بەزىلىرى ياغاچ ئويما ئىدى . بۇنى كۆرۈپ ، ۋېنگرىيەلىك بۇ رەسسامنىڭ ئۆز شائىرىنىڭ ھەربىر شېئىرىغا مۇشۇنداق ئۆلمەس رەسىملەرنى سىزىپ چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم . رەسىم بىلەن ئەسەر مانا مۇشۇنداق بىرلەشسە ئىلھام تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن . تەرجىمە قىلىشقىمۇ كۆپ قولايلىق بولىدىكەن . مەن چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلەنمۇ كۆپرەك شۇغۇللاندىم . بۇ جەرياندا مانا مۇشۇنداق رەسىم بىلەن ئەدەبىيات بىرىكىپ كەتكەن كىتابلارنى كۆپ ئۇچراتتىم . بىز ئەپسانە ، چۆچەك ، مەسەل ، قوشاق قاتارلىق پۈتۈن ژانىرلارنىڭ ھەممىسى بار بولغان « ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى » نى ئىشلگەن ۋاقتىمىزدا ، رەسىم مەسىلىسىدە ناھايىتى قىينالدۇق . چۈنكى بىز قامۇسىنى ھەر جەھەتتىن ياخشى ئىشلەپ ، دۇنياغا بۈگۈنكى زاماندىكى نەتىجىلىمىزنىڭ بىرى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقارماقنى پىلانلىغان ئىدۇق . شۇ ۋاقىتتا بۇ قامۇسقا قىستۇرما رەسىم سىزدۇرۇش ئۈچۈن رەسىم كەسپىدە ئۇقۇاتقان نۇرغۇن ياش بالىلارنىمۇ ، ئۇ – بۇ رەسساملارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ باقتۇق ، لېكىن كۆپلىرى قىستۇرما رەسىم سىزىشنى تۆۋەن كۆرەمدۇ ياكى جاپاسىدىن قاچامدۇ بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ ئۇلار بۇ ئىش ئۈچۈن دىققەت – ئېتىبارىنى بەرمىدى . ئەڭ ئاخىرى بولمىغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ياش بالىلاردىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم قىستۇرما رەسىملەرنى سىزغۇزدۇق . ئەمما ، بۇ رەسىملەردە نىسبىتى بۇزۇلۇپ كېتىش ، رەڭلەر تەڭشەلمەسلىك ئەھۋالىلىرى ساقلاندى . ئاخىرى ئۇمۇ بولمىغاندىن كېيىن غازى ئەھمەد ئاكا ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىلاردەك چوڭ رەسساملىرىمىزنىڭ رەسىملىرىنى ھېچبىر مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قىستۇردۇق . بايا پولات ھېۋىزۇللا ئۇچۇرىنى بەرگەن « سىرتقا يۈزلەنگەن كىتاب قورۇلۇشى » بويىچە يېقىندا بىز بۇنى بېيجىڭغا يوللاپ ، چەت ئەلگە چىقىرىدىغان نۇسىخا سۈپىتىدە سۇندۇق . يوللاشىنىڭ ئالدىدا بىز بۇ قستۇرما رەسىملەرنى قايتا ئىشلىمەكچى بولدۇق . بىراق ، ئىشلەيدىغان ۋاقتىغا كەلگەندە يەنە ئوخشاشلا رەسسام تاپالمىدۇق . ئاخىرى بولماي ئىچكىرىسىگە ئاپىرىپ سىزدۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . بىراق ، مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدىم ، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز ئۇ يەردىكى رەسساملارنى بىرەر مىليون ئوبراز بىلەن تەمىنلىسەك بولىدۇ ، ئۇ چاغدا ۋاقىت جەھەتتە يېتىشەلمەيلا قالماي ، ئىلگىرى – ئاخىر مالىماتاڭ بىر نېمە بولىدۇ . مىنىڭچە ، مانا مۇشۇنداق ئۆز مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات – سەنئەت بايلىقلىرىمىزنى جاھانغا كۆرسىتدىغان ئەمەلىي قورۇلۇشقا ئەسلىدە بىزنىڭ رەسساملىرىمىز ئۆز ئەمگىكى ئارقلىق ئەجىر كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى . ئەمدى ھەممىمىزنىڭ پۈتۈن دىققىتى باشقا نۇقتىدىلا بولۇپ ، ئۆز مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇنى ۋاللىدە پارلتىدىغان نەق ئىشقا كەلگەندە كۈچ كۆرسىتەلمىسەك ، ئۇ ۋاقىتدا بىزنىڭ رەسساملىرىمىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلمغان بولىدۇ . ئېھتىمال بۇ گېپىم سەل قوپالراق كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما مەسلىنى مۇشۇنداق قويۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن .ئىچىدە ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇدۇلۇمدا تۇرغان تۇرغان بۇ رەسىمى خېلىدىن بېرى مېنى كۆزىتىشكە چاقىرىپ ، ئويلىنىشقا سالدى . رەسىمگە قاراپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە : قىز ناھايىتى رەڭدار كۆڭلەك كىيىپتۇ ، ئۇنىڭ ئوڭ ، سول تەرىپى ناھايىتى چىرايلىق رەشلىيەنى كىم ئورۇنلاشتۇردى ؟ دىگەننى نەچچە خىل ئويلىدىم ھەم ئۆز نۆۋىتىدە قىزمۇ بىر گۈل ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رەشىليەمۇ بىر گۈلكەن . . . دەپ ئويلىدىم . 

 بىزنىڭ رەسىمچىلىكىمىز ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ . ئۆتكەندە دېھقانلارنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىر ئەسەر يېزىشقا توغرا كېلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن خوتەنگە باردىم . بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئۆيلەرگە كىرىپ قارىسام ھەممىسى دېگۈدەك گىلەم توقۇيدىكەن ، مەن گىلەملەرنىڭ سۈرەت ھەم نەقىشلىرىگە دىققەت قىلدىم . تازا زەن سالسىڭىز ، بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقاد تۈرلىرىمىزنىڭ ئىزنالىرى ، ئېستېتىك زوقلىرىمىزنى ، مايىللىقمىزنى ، ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلىك مۇھىتىمىزنىڭ ئىزنالىرى دېگەندەك نۇرغۇن – نۇرغۇن مەدەنىيەت ھالەتلىرىمىزنى تاپقىلى بولىدىكەن . مەن دەسلەپكى قەەمدە مۇشۇ تەرەپلەرنى ھېس قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن خالۋاپلار بىلەن سۆزلەشتىم . « بۇنى نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلسىلەر ؟ ئاۋۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغان ؟ … » دىگەندەك سوئاللارغا ئۇلار كەڭ دائىرىدە ، ئەتراپلىق جاۋاب بېرەلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھېس قىلغىنى بويىچە ئېيىتقان تەبئىي سۆزلىرىدىمۇ يەنە بىز ھېس قىلمىغان نۇرغۇن بىلملەر بار ئىكەن . دېمەك ، سەنئەت مائارىپىمىزنى كەڭ دائىرىدىن ئىزدەش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش بەكرەك مۇھىم بولسا كېرەك . ئۇ نوقۇل مەكتەپ ياكى كەسپىي مەكتەپلەردە توختاپ قالسا ، ئومۇمىي خەلىقنىڭ ماھىيەتلىك تونۇشى ھەم چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ . 

   تۇردى ئىمىن : رەسسامچىلىقىمىزنىڭ ئىستقبالى ئۈچۈن ھەقىقىي ئوبزورلار كۆپرەك يېزىلسا بولاتتى 
   بۈگۈن « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى يېڭىچە بىر سۆھبەت يىغىنى ئارقلىق ئەدىبلەر بىلەن رەسساملارنى ئۇچراشتۇرۇپ ، ناھايىتى ياخشى ئىش قىلدى ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش . چۈنكى ، مۇشۇ سۆھبەت ئارقلىق بىرسى ، « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇشىدىن بېشارەت بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن رەسساملارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيتى ، پائالىيتى ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئىلگىرىلىتىش رولى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .
   ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك ، قەلەم سىياھىتىن ئايرىلالمىغاندەك ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىمۇ رەسسامچىلىقتىن ئايرىلغان ئەمەس . بىزنىڭ قەدىمكى رەسسامچىلىقىمىز ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ، ئەينى ۋاقىتتىكى غەربىي دىيار رەسسامچىلىقى ، جۈملىدىن خوتەن رەسسامچىلىقى ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ، ياپونىيە ، كورىيە ، ھەتتا جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپلەردىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان . مېنىڭ بىلىشىمچە ، يايلاق مەدەنىيتىدىن بۇرۇنلا بىزنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز شەكىللىنىپ بولغان . رەسسامچىلىقىمىز ئەدەبىيات ۋە تىل – يېزىقتىن بۇرۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ، بىزنىڭ ئىنتايىن قەدىمكى رەسساملىرىمىز ، رەسساملىرىمىز بارلىققا كەلگەن ، ئويمىكارچىلىق تەرەققي قىلغان . مەيلى بىزنىڭ قەدىمكى رەسسامچىلىقىمىز بولسۇن ياكى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بولسۇن بۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى كۆرۈۋالالايمىز ، ئەلۋەتتە ، ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن رايونىمىزغا ئىسلام دىنىنىڭ كىرشى بىلەن بىزنىڭ رەسسامچىلىقىمىزدا ھەقىقەتەن ئادەم ئوبرازىنى سىزىش ئۈزۈلۈپ قالغان . ئازادلىقتىن كېيىن بۇ باشقىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى رەسسامچىلىقىمىز بولسۇن ، ياكى مودېرنىزىم ئۇسلۇبىدىكى رەسسامچىلىقىمىز ، تاشكېمىر رەسسامچىلىقىمىز ھەم ئەل ئىچى رەسسامچىلىقىمىزنى يىلتىز قىلىش ئارقلىق تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى دەۋرگە ئۇلاشقان . ئازادلىقتىن كېيىن بىزنىڭ غازى ئەھمەد ، ئابدۇكېرىم نەسىردىنىگە ئوخشاش بىر ئەۋلاد گۈزەل سەنئەت مائارىپچىلىرىمىز ۋە نۇرغۇن رەسساملار يېتىشىپ چىقتى . ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار رەسسامچىلىقىمىزنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلدى ، رەسىم تەتقىقات ئورۇنلىرى كەينى – كەينىدىن قورۇلدى ، رەسىم گاللېرىيەلىرى بارلىققا كەلدى . ئارىمىزدىن ئىچكىردىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت ئوچاقلىرىدا ئىلىم تەھىسىل قىلغانلارمۇ ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ گۈزەل سەنئەت تەتقىقات ، تەكشۈرۈش ، كۆرگەزمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ كۆپلەپ چىقىشقا باشلىدى . بۇ ، بىزنىڭ رەسىمچىلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىمىز بىلەن بىرگە ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۇنىڭدىن ئىزچىل ئايرىلىپ باقمىغانلىقىمىزنىڭ رېئال ئىسپاتى .
   ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىياتى بولغىنىدەك ، يەنە رەسسامچىلىق قوشۇنىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ئەسەرلىرىمىز بولۇشى كېرەك . ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغانلىرىمىز بىلىمىز ، بىرەر ناھىيە ، شەھەردە بىرەر رەسسام سەل – پەل تونۇلۇپلا قالسا ، ئۇلارمۇ شۇ رەسسام ئۈچۈن ئالاھىدە سەنئەتكار ئائىلىسى ، مۇزېيى ھەم خاتىرە ئۆيلىرىنى سېلىپ ، ئۇنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە ، بىزمۇ شۇنداق قىلساق ، رەسساملىرىمىز ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كەڭ ئاۋامغا تەشىۋىق قىلساق بولىدۇ . بۇ جەھەتتە ئىزدىنۋاتقانلار بار . مەسىلەن ، « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى بىلەن بىرلكىتە « ئەدىبلەرنىڭ سەنئەت كۆزى » ناملىق يېڭى سەھىپىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇۋاتقان « غەربىي دىيار ئۇسلۇبى » رەسىم گاللېرىيەسى قورۇلغاندىن باشلاپ ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىنىڭ خالىس مەسىلھەت بېرىپ ، يول كۆرسىتىشى بىلەن رەسساملارنى تەشۋىق قىلىش ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەرخىل شەكىللەر ئارقلىق ئەل ئىچىگە تارىتىش جەھەتتە خېلى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . مەن ئويلايمەن . بۇ گاللېرىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئارىمىزدىن باشقا گاللېرىيەلەرنىڭ چىقىشغىمۇ تۈرتكە بولىدۇ . شەخسەن ئۆزۈممۇ ئۆز ئالدىمغا شەخسىي بىر سەنئەت سارىيى ، ياكى بولمسا بىر رەسىم گاللېرىيەسى قورۇش توغرىسدا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزدىنىپ ھەم تەييارلىقنى قىلىپ كېلۋاتىمەن . دېمەكچى بولغىنىم ، بۇنداق سەنئەت پائالىيەت سورۇنلىرى تېخىمۇ كۆپرەك بولسا رەسسامچىلىقىمىزنىڭ سەھىنىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن بولاتتى .    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلىغىنىم ، بىزدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسىم ئىجادىيەت مەسىلىىسدە تەكرارلىق ، كۆچۈرمىكەشلىك ياكى باشقلارنىڭكىنى ئوغرىلاش ۋە ياكى ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلۋېلىشقا ئوخشاش ئىشلار خېلى ئېغىر بولۇپ كېلۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، يازغان ماقالىلىرىمىز بىر – بىرىمىزنى ماختاش ، ئۇچۇرۇش ، كۆپتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ، ئۇنىڭدا تەنقىدلەش بولمىسا ، مېنىڭچە رەسسامچىلىقىمىز بىر ئىزىدىن ھالقىيالمايدۇ . ئەگەر بىر – بىرىمىزنى يالغاندىن ئۇچۇرۇپ ، كۆتۈرسەك ، بۇ ئاقىۋەت بىر – بىرىمىزگە دۈشمەنلىك ، زىيان سالغانلىق بىلەن باراۋەر . شۇڭا بىزدە گۈزەل سەنئەت ئوبزورچىلىقى تەرەققى قىلىشقا تولىمۇ مۇھتاج بولۇپ قېلۋاتىدۇ . . .
   يەنە بىر جەھەتتىن ، سەنئەتنى ، جۈملىدىن رەسىمنى ھەقىقىي چۈشەنمەي ، ياكى تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئۇنى تەشۋىق قىلشقا ئالدىراش ، نەتىجىدە كىشلەرگە خاتا بولغان رەسىمچىلىك قارشىنى ھەدىيە قىلىش ، ئىلگىرى بىزنىڭ مەلۇم ژۇرناللىرىمىزدا كۆرۈلگەن . مەسىلەن . 1980 – يىللاردا شىنجاڭدا نەشىر قىلنىغان مەلۇم ژۇرنالىنىڭ مۇقاۋىسىدا ئاتالمىش ياۋروپانىڭ كىلاسىسىك ماي بوياق رەسىملىرى دەيدىغان رەسىملەر بېسىلىپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ، ياۋروپانىڭ كىلاسسىك ماي بوياق رەسىملىرى بىلەن يېڭى كىلاسىسكىزىم ئوخشمايدۇ ، يېڭى كىلاسسكىزمدىكى ماي بوياقچى رەسساملار خۇددى تاۋار رەسىملەرنى سىزغانغا ئوخشاش قەدىمكى كىلاسسىك ماي بوياق رەسىملىرىنى دوراپ ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلدا چوڭ – چوڭ چوتكا ، بوياقلار بىلەن رەڭلەرنى يوپۇرۇپ – يوپۇرۇپ سىزىپ ، ئىتتىك قارىسا كىلاسسىك رەسىمگە ئوخشايدىغان ، سىچىلاپ قارىسا ساختا رەسىمگە ئوخشاش رەسىملەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇ قانداقمۇ ياۋرۇپا كىلاسسىك رەسىمچىلىكىگە ۋەكلىك قىلالىسۇن ؟ بىراق ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئاشۇ ژۇرنال دەل مۇشۇنداق ساختا رەسىملەرنى ئوقۇرمەن ، كۆرۈرمەنلەرگە ياۋروپا كىلاسسىك رەسىمچىلىكىنىڭ ۋەكىلىك ئەسەرلىرى سۈپىتىدە سۇنغان ئىدى . شۇڭا ، بولسا ھەر قانداق بىر مەتبۇئات بۇ تەرەپلەردە مانا مۇشۇنداق خاتا سەنئەت قاراشلىرىنى كەڭ ئاۋامغا سۇنىدىغان يەڭگىلتەكلىكتىن ساقلىنىپ ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ھەم ماركىسىنى نامايان قىلسا دىگەن ئۈمىدتىمەن .
    ئاخىرىدا ، قستۇرما رەسىم ئىجادىيتى جەھەتتىكى ئازراق پىكىرىم ، رەسساملىرىمىز مەلۇم ژۇرنال ياكى مەتبۇئات تەرىپىدىن قىستۇرما رەسىم سىزىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساق . چۈنكى ، سۈپەتسىز قىستۇرما رەسىملەر مەتبۇئاتلار ئارقلىق خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىۋەرسە ، ئاقىۋەتتە كىشلەرنىڭ كاللىسىدا « قستۇرما رەسىم دىگەن مۇشۇنداق ئاددىي بولىدىغان ئىش ئوخشايدۇ …» دىگەندەك قاراشلار شەكللىنىپ ، ئۇنىڭ ھەققىي سەنئەتلىك قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . بولسا ژۇرناللارمۇ سەۋىيەسى تۆۋەن قىستۇرما رەسىملەرنى ئېھتىياج ئۈچۈنلا قانداقلا بولسا ، تاللىماي ئىشلىتىۋەرمىسە ، چۈنكى تەلەپ بولغاندا ئاندىن سۈپەت بارلىققا كېلىدۇ .

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.