[كۆچۈرۈلمە] رەسىمچىلىك ھەققدە يېڭى گەپلەر (3)

2012-01-13 14:08 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 220 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

  «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە  «غەبىي دىيار ئۇسلۇبى»گالېرىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «رەسىمچىلىك ھەققىدە يېڭى گەپلەر» تېمىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى ۋە كەسىپداشلارنى خەۋەردار قىلىش مەخستىدە مەزكۇر يازما «تۇغلان تورى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

[كۆچۈرۈلمە] رەسىمچىلىك ھەققدە يېڭى گەپلەر (1)

[كۆچۈرۈلمە] رەسىمچىلىك ھەققدە يېڭى گەپلەر (2)

 

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم : رەسسامچىلىقىمىزنىڭ ئىزدىنىشتە ئاق قالغان يەرلىرى نۇرغۇن …
   مەن بۈگۈن مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتنىڭ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، پەيزىۋاتتىن كەلدىم . ھەم يۇقىرىدا ئۇستازلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ، ئىككىلەنمەي سەپەرگە ئاتلانغانلىقىمدىن يەنە بىر قېتىم خۇرسەن بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . مەن ئادەتتە ، دۇنيا ، ئېلىمىز جۈملىدىن ئۇيغۇر رەسسامچىلىقغا ئائىت بولغان كىتاب ، ماتېرىياللارنى يىغىپ ساقلاش ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلۋاتىمەن . شۇڭا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئۇچراشقان ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا ئۇستازلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلۋاتىدۇ .
 دىيارىمىز رەسسامچىلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرىدىن قىياتاش رەسىملىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن ، قىياتاش رەسىملىرىنىڭ كۆپىنىچىسى ئوۋچىلىق ھاياتى پائالىيەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان . ئېلىمىزنىڭ داڭلىق گۈزەل سەنئەت تەتقىقاتچىسى نەن فېييەن : « شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قىياتاش رەسىم سەنئىتى » دىگەن ماقالىسىدا شىنجاڭدىكى قىياتاش رەسىملىرىنىڭ بىر قىسىم قالدۇقلىرىغا قاراپ ، بۇ رەسىملەرنى ئۇيغۇرلار ، قازاقلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمالدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ سىزغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن . ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى جوڭگۇ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ نۇپۇزلۇق نەشىر ئەپكاردى « گۈزەل سەنئەت » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور تەسىر ، غۇلغۇلا قوزغىغان .
   ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ، شامان ئېتىقادى مەزمۇندىكى رەسساملىق ۋە خەتتاتلىق گەۋدىلىك ئورۇن تۇتقان . بۇ دەۋر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن ھالەتتىن يېرىم ئولتۇراقلىشىش ھالىتگە ، چارۋىچىلىقتىن سودىگەرچىلككە ئۆزگىرىش ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگلىكىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ ، قۇرۇلۇش ، بىناكارلىق ، ھۈنەر – سەنئەت ، كېيىم – كىچەك ، زىبۇ – زىننەتچىلىك قاتارلىق گۈزەل سەنئەت تۈرلىرىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن . بۇ دەۋردىكى بالبال « مەڭگۈ تاش » لار قەدىمكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدۇ .
 ئۇنىڭدىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ، كۈسەن خانلىقى دەۋرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا رەسسامچىلىقى ئىنتايىن گۈللەنگەن . مۇشۇ دەۋرنى ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى دەپ ئېيتىش مۇمكىن . چۈنكى ، بۇ دەۋرىدە سەنئەت قەسىرلىرىمىزدىن – بېزەكلىك مىڭئۆي ، قىزىل مىڭئۆي ، سىڭگىم مىڭئۆي قاتارلىق ئۇيغۇر كېمىر رەسسامچىلىقى بارلىققا كەلگەن ۋە گۈللەنگەن . ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن – ۋايسىرا ئىراساتكا ، ۋايسىرا باجىنا قاتارلىقلار بۇددا دىنى تەلىماتىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ ، رەسساملىق پائالىيتى بىلەن شۇغۇللانغان . ھازىر جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت تارىخىدا ناھايىتى ئۇلۇغلىنىدىغان يەن لىبىن ، ۋۇداۋزى ئىسىملىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رەسساملىرى ئاتا – بالا ۋايسىرا ۋە باشقا غەربىي دىيار رەسساملىرىدىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن . بۇ ھەقتىمۇ گۈزەل سەنئەت تارىخىدا ئېنىق ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن .
   ئۇيغۇر بۇددا رەسسامچىلىقىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيتى ئويما – ئويما رەسىم ئۇسلۇبى ( كۆپۈنگۈ – پېتىنغۇ ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ) دا كۆرۈلىدۇ . بۇنى بايا تۇردى ئىمىن مۇئەللىممۇ دەپ ئۆتتى . بۇ خەنزۇچىدا دەپ ئاتىلىدۇ ، تارىخىتا ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن ئاتا – بالا ۋايسىرا ، ساۋجۇڭدا ، دىھار ماچىن قاتارلىقلار دىنىي ۋە سەنئەت پائالىيەتچانلىقى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رەسىم ئۇسلۇبىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئالىقشلانغان . بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى رەسساملىققا كەلسەك ، سىزىلماقچى بولغان شەيئي ، ئادەملەرنى ئستېرېئولۇق تۇيغۇ ھالتىدە كۆرۈرمەن ئالدىدا زاھىر قىلشنى تەلەپ قىلدىغان يېڭى بىر ئۇسلۇب بۇلۇپ ، ھازىرقى زامان رەسسامچىلىقىدا تەكىتلىنىدىغان ئىستېرېئولۇق ئىپادىلەش ، ئابيوملۇق ھېسيات ھاسىل قىلش دېگەنلەر بىلەن ئوخشاش ئوقۇم . ھالبۇكى ، ھازىرقى زامان رەسسامچىلىقى ۋە گۈزەل سەنئەت مائارىپىدا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېگۈدەك تەكىتلەپ كىلنىۋاتقان بۇ خىل ئستېرېئۇلۇق تۇيغۇنى ئىپادىلەش ، ئابيوملۇق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ياۋرۇپا ئەدەبىيات – سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە داۋىنچى قاتارلىق ھەم رەسساملىقىتا ھەم ئىستېرېئونومېتىرىيە ، گېئۇمېرىىيە ، ئارختېكتورلۇق ئىلملىرىدە يېتىشكەن پېشىۋالار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىپ يەر شارىغا تارقالغان . بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى ئارسىدا كەم بولغاندا 600 يىل ، يۇقىرى بولغاندا مىڭ يىلچە ۋاقىت پەرقى مەۋجۇت . دېمەك ئۇيغۇر بۇددا رەسسامچىلىقدىكى ئويما – ئويما ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى ياۋرۇپا رەسسامچىلىقدا ئستېرېئۇلۇق ئىپادىلەش ئۇسۇلى مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتىن خېلىلا بۇرۇن . مەن ھازىرغىچە ئىگە بولغان يۇقىرىقى تەپسىلاتلاردىن شۇ نەرسە بىزگە ئايانكى ، رەسسامچىلىق تارىخىمىزدا ئۈزۈكسىز ئىزدىنىشكە ، قېزىشقا ، ئەمەلىي ، نەق ئەمگەكلەر بىلەن يورۇتۇشقا ، نۇرلاندۇرۇشقا موھتاج نۇقتىلار نۇرغۇن .
   ئەمدى رەسساملىرىمىزدىكى سەنئەت قارىشى مەسىلىسىگە كەلسەك ، بىز تارىخىتا ئەڭ كۆپ دىن ئۆزگەرتكەن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر رەسسامچىلىقى دىن ئىدېئۇلوگىيەسىنىڭ تەسىرىدە ھەر قايسى دىن ، ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان سەنئەت قاراشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، شامان دىنى ۋاقتىدا شامان دىنىغا خاس سەنئەت قاراشلىرى ، مانى دىنى ۋاقتىدا يەنە ئۇنىڭغا خاس سەنئەت خاراكېتىرى بارلىققا كەلگەن . ئارىلقتا « ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇر رەسسامچىلىقى يوقالغان » دىگەن بىر تەرەپلمە قاراشلارمۇ ئانچە – مۇنچە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسىكەن ، نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئارقلىق ، بۇنىڭغا قارىيا ئىنكار پوزىتسىيەىسدە بولۇپ ، ئىسلامىيەتتىن كېينكى تەسۋىرىي سەنئىتىمىزنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولغان ئۇيغۇر مېنياتۇرا گۈزەل سەنئىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ ، مەخسۇس ماقالىنىمۇ يېزىپ « شىنجاڭ سەنئىتى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدىم . ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيەسى بولغان « ‹ خەمسە ھادىسسى › ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابدا « ‹ خەمىسە ھادىسىسى ، ۋە ئوتتۇرا ئاسيا مېنياتۇرا سەنئىتى » دىگەن ماۋزۇدا مېنياتۇرا توغرىسىدا خېلى تەپسىلى توختالغان ، لېكىن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى بولمىغاچقا جىقلىرىمىز بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قاپتۇق ، بايام ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىممۇ مېنياتۇرا ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ ئۆتتى ، بىراق ، رەسساملار توغرىسىدا كونكرىت گەپلەرنى قىلمىدى . ئەلشىر نەۋايى بىر تەرەپتىن شئېر يازسا ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ شئېرلىرىغا قستۇرما رەسىم سىزىدىغان كامالىددىن بېھزاد ئىسملىك بىر داڭلىق رەسسام ئۆتكەن ئىكەن . لېكىن بۇ ئادەمنى بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ، ھاياتى توغرىسىدا چۇڭقۇرراق بىر نەرسىلەرنى يازمىدى . تاشكەنىتتە داڭلىق بىر ئىنىستىتۇتنىڭ نامى « كامالىددىن بېھزاد گۈزەل سەنئەت ، لايىھەلەش ئىنىستىتۇتى » دەپ ئاتىلىپ كېلۋاتىدۇ . ئىراننىڭ تەبزىز شەھىرىدە « كامالىددىن بېھزاد خاتىرە سارىيى » ھەشەمەتلىك سېلىنغان ، ھەيكەللىرى ئورنىتىلغان . ئىسلام دىنى تارىخىدىمۇ بەزى دەۋرلەرگە كەلگەن ۋاقتىدا يەنى ھاكىمىيەت تەشكىلىي ئاپپاراتىدا سىياسىي ئامىل دىنىي ئامىلىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن دەۋرلەردە جانلىقلار رەسساملىقىغا يول قويغان تەرەپلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . يول قۇيغان ۋاقتىدىمۇ بەزى پادىشاھلار ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ قوللىغۇچى ھەتتا بەزىلىرى رەسسام بولغانىكەن . مەسىلەن « سەفاۋىيلار خانلىقى » دەۋرىدىكى تەھماسىپ ، شاھ ئىسمائىل دېگەنلەر ؛ ئاندىن دېھلى تۈرك سۇلتانلىقىنىڭ شاھلىرىدىن ئەكبەر ، ئەۋرەكزىپ قاتارلىق شاھلىرى ھەممىسى مېنياتۇرا سىزىدىغان رەسساملارنى ئەتراپىغا يىغىش بىلەن بىرگە ئۆزىمۇ مېنياتۇرا رەسسامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شاھزادىلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەتكەن . يېقىندا جۇڭگۇ سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، ئاتاقلىق گۈزەل سەنئەت نەزەرىيەچىسى يى جۇاڭ خانىم « شەرق رەسساملىقىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر » نامىدىكى تەتقىقات تېما نەتىجىسىنى كىتاب شەكلىدە ئېلان قىلدى ، بۇ كىتابقا 30 پارچىدىن ئارتۇق مېنياتۇرا رەسىم كىرگۈزۈلگەن ، بۇنىڭ ئىككى پارچىسى كامالىددىن بېھزادنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ . يېقىندا « سەنئەت پىرلىرىنىڭ نەزەرىيەلىرى » ناملىق گۆھەر بىر كىتاب قولۇمغا چۈشتى ، بۇ كىتاب ئەسلىدە سابىق سوۋېت ئىتتپاقى دەۋرىدىكى سەنئەت مۇتەخەتسىسلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، 80- يىللاردا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغانكەن . بۇ كىتابقا قەيت قىلىنىشىچە تارىخىتا مېنياتۇرا رەسساملىقىنىڭ 12 نەپەر پېشۋاسى ئۆتكەنىكەن ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا كامالىددىن بېھزادنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا « شەمسىددىن قەشقىرى » ئىسىملىك بىر « مۇسەۋۋىرلەر پىرى » نىڭ نامى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ، ياشىغان جايىنىڭ بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ قەشقەر رايونى ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان . مەن بۇنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ، كېيىن بىر پۇرسەتتە جۇڭگۇ سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە « گۈزەل سەنئەت نەزەر » (美术观察) ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىرىگە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەندىم ، ئۇلار ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىشىمنى ئېيىتتى ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ جوڭگۇ گۈزەل سەنئەت نەزەرىيەسى ساھەسىدىكىمۇ بوش ساھە ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن قەشقەر مۇزېيىنىڭ قورغۇچىلىرىدىن ، قەشقەرنىڭ مەشھۇر تارىخىچىسى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندىدىن ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇستاز رەسساممىز لېكىم ئاكامدىن بۇ توغرىسىدا ياردەم سورىدىم . لېكىم ئاكام موسكۋا ، لېنىنگراد ياكى تۈركىيەدىكى مۇزېيلاردىن تېپىش مۇمكىنلىكنى ئېيىتتى ، ئۇلارمۇ ئۈزۈكىسز ئاختۇرۋاتىدۇ . بۇ ماتېرىياللارنى تېپىۋالساق ، ئۇيغۇر ئىسلامىيەت رەسسامچىلىقىنىڭ رەسىملىك تارىخى يورۇغۇسى . بايام ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم دەپ ئۆتتى ، 2006 – يىللىق « نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن تۈركىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئورخان پامۇكمۇ ئەسلىدە رەسسام ئىكەن ، شۇڭلاشقا بۇ يازغۇچى ئۆزىنىڭ « مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل » دىگەن رومانىدا ئوسمانىيلار ئېمپىرىيەسى دەۋرىدە ئورىدىغا يىغىلىپ رەسىم سىزىدىغان پۈتكۈل رەسساملارنىڭ مېنياتۇرا ئىستودىيەسىدىكى ھاياتىنى ناھايىتى ئوبدان ئىنچىكە تەسىۋىرلەپتۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ كىتابنى رەسساملارنىڭ ھاياتىنى تەسىۋىرلىگەن كىتاب دېيىشكە بولىدىكەن . شۇڭا بۇ روماندا مېنياتۇرا رەسسامچىلىقىغا دائىر كەسپىي ئاتالغۇلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ . دېمەك ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئاشۇ دەۋرلەردىكى رەسىمچىلىك تارىخىمىز ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ كۆرۈشىنىڭ ئۆزىمۇ بىز ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ ئەھىمىيەتلىك تىما .

مەيلى ئەدەبىيات – سەنئەت ياكى رەسىمچىلىكتە بولسۇن تەتقىقات ، ئوبزور بولمسا بولمايدۇ . مېنىڭ قارىشىمدا مەدەنىيەت پېشۋالىرىمىزدىن غازى ئەھمەد ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ، تۇردى ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا بىزدىمۇ ئاز بولمىغان ئوبزور – ماقالىلەر يېزىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنچە بەك دىققەت – ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇپ كېتەلمەي قالدى . بىز  تېخى بۇ پېشۋالىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا يېزىلغان ئوبزور ماقالىلىرىدىن بىخەۋەر قالدۇق خەنزۇ مەتبۇئاتلىرىدا يېزىلغان ئوبزور ماقالىلىرىدىن چالا – پۇلا خەۋەردار بولىدۇق ، مېنىڭچە بۇ ماتېرىياللارنىمۇ تولۇق ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ . بىزدىمۇ بۇ ھەقتە يېزىلغان ، ئېلان قىلىنغان ئوبزور – ماقالىلەر ئاز ئەمەس ، لېكىن مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ يازغانلىرىنى ھېسابقا ئالىمىغاندا قالغانلىرىمىزنىڭ يازغانلىرى سەۋىيە ۋە چوڭقۇرلۇق تەرەپلەردىن بەك تۆۋەن ، چولتا بولۇپ قالدى ، خەنزۇ ئوبزۇرچىلار رەسساملىرىمىز توغرىسىدا يازغان ماقالە – ئوبزورلارنى ئۆزىمىزنىڭ يازغانلىرى بىلەن سېلشتۇرۇشقا خىجىل بولىمىز . ئوبزورچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تۇردى ئىمىن مۇئەللىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى . مېنىڭچە ، گۈزەل سەنئەت ئوبزورچىلىقىنى مۇشۇ ھالەتتە قالدۇرۇۋاتقان ، كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەب پۈتۈن مىللەت مىقياسىدىن گۈزەل سەنئەتنىڭ رولىغا سەل قارىغانلىق ، جۈملىدىن زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ گۈزەل سەنئەت چۈشەنچىسىنىڭ يۈزەكى ئىكەنلىكىدىندۇر . ئوبزورچىلىق – سەنئەت تۈرىنىڭ نىشانىنى بەلگىلەيدىغان رولدۇر . ئوبزورچى بولۇش ئۈچۈن ھەم شۇ سەنئەت تۈرىدىكى كەسپي سەۋىيەگە ئىگە بولۇشى ھەم يېزىقچىلىق ، تارىخ ، مەدەنىيەت بىلملىرى تەرەپلىرىدىن يېتىشكەن بولۇشى كېرەك . ھازىر بىزدە ئەدىبلىرىمىز يېزىقچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كېلۋاتقان بىر ھالەت نىسپىي تۇراقلىىشىپ قالدى . خەلقىمىزنىڭ ، جۈملىدىن زىيالىيلىرىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەتكە دىققەت – ئېتىبارى يېتەرلىك قوزغالسا گۈزەل سەنئەت ساھەيىمىزدىمۇ چوقۇم مۇھەممەت پولات ، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزىلاردەك ئوبزورچىلار پات يېقىندا مەيدانغا چىقىدۇ ، دەپ ئىشنىمەن .
   بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ مېنى سۆيۈندۈرگەن يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتى – ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت جۈملىدىن رەسسامچىلىقىمىزنى ئۆز ئارا بىر – بىرىنى چۈشىنىشكە ، تولۇقلاشقا ، بىرلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتا كۆرۈلۈۋاتىدۇ ، دېمىسمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىنمۇ . ئەتراپىمىزدىنمۇ خېلى كۆپ مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . مەسىلەن ، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەردىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى رابىندرانات تاگور ھەم شائىر ، ھەم داڭلىق رەسسام بولغان . ئۇنىڭ بالىلىرى ، نەۋرىلىرىمۇ شەرق گۈزەل سەنئىتىدىكى داڭلىق رەسساملاردىن ئىكەن . ئۇندىن باشقا لىۋانلىق داڭلىق يازغۇچى ، نەسىرچى ، شائىر جىبران خېلىل جىبرانمۇ ئەسلىدە رەسسامكەن ، ئۇ يەنە جاھانغا مەشھۇر فىرانسيەلىك ھەيكەلتىراش رودىنغا شاگىرتلىققا كىرگەن . جىبران خېلىل جىبران ئەدەبىيات بىلەن گۈزەل سەنئەتنى تەڭ ئېلىپ ماڭغان . دىيارىمىز ئەدەبىياتى ۋە رەسسامچىلىقىغا كەلسەك پېشۋالىرىمىزدىن مەيلى غازى ئەھمەد ، ئابدۇكېرىم نەسىرددىن ، تۇردى ئىمىن ياكى يەنە باشقلار بولسۇن بۇلارنىڭ ئىجادىيتىگە بولۇپمۇ تارىخىتا ئۆتكەن مەشھۇرلىرىمىزدىن يۈسۈف خاس ھاجىپ ، مەھمۇد كاشغەريى ، ئامانىساخان قاتارلىقلارنىڭ سېماسىنى ياراتقان ئەسەرلىرىگە ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ ئەدىب ، يازغۇچى ، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي ، ئىلمي ئەسەرلىرىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرى ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن . بىلىشمچە ، تۇردى ئىمىن مۇئەللىمنىڭ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمنىڭ بىر پارچە رۇبائىيسىغا سىزغان « كۈسەن بەزمىسى » ناملىق بىر رەسىمى بار . مېنىڭ ئىگلىشىمچە ، ياش رەسساملارنىڭ ئارسىدىمۇ ئۆز ئىجادىيتىگە ئەدەبىياتتىن قان تولۇقلاۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس . مېنىڭ بىر قانچە رەسسام دوستۇم : « بىز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹ قوم باسقان شەھەر › رومانى بىلەن ئادىر تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىغا بەك قىزىقىمىز » دەپ يۈرەتتى . كېيىن مەن ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدىكى شئېرىيى مۇھىتىنى رەسىم بىلەن ئىپادىلەپ بېقىشقا تىرىشىپ باققانلىقىنى كۆردۈم . يەنە بىرى « قوم باسقان شەھەر » رومانىنى مەنزىرە يەنى رەسىم بىلەن ئىپادىلەپ باقتى . يەنە بىرەيلەن روماندىكى سۈپۈرگە ئاخۇن ئوبرازىنى سىزىپ ماڭا كۆرسەتتى ، بەكلا ياخشى چىققانكەن ، دېمەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىغا بولغان تەسىرى زامانىمىزدىمۇ خېلىلا كۆرۈنەرلىك بولماقتا .
    يەنە بىر تەرەپ رەسسامچىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇنى ئاۋام ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشتا رەسىم بازىرىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ . بىزدە غازى ئەھمەد ،ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەپەندىلەرنىڭ ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا بازار تاپتى ، نېمىشقا بىزدە بازار تاپالمايدۇ ؟ مېنىڭ ئويلىشىمدا بۇنىڭدا بىر قانچە ئامىل بولۇشى مۇمكىن . بىرنىچىسى ، بىزدىكى ئاۋامنىڭ جۈملىدىن بايلىرىمىزنىڭ رەسىمگە بولغان تونۇش – سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى – بىر تۈرلۈك مۇھىم سەۋەب . قاراپ باقىدىغان بولساق ، بايلىرىمىزنىڭ ئىچىدە يىغىپ ساقلىغۇچى بايلار ، مەدەنىيەت تۈرىگە مەبلەغ سالغان بايلار يوقنىڭ ئورنىدا . ئۇلار رەسىم بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەھمىيتىنى تېخى تونۇمايۋاتىدۇ . ئىككىنچىسى ، زىيالىيلىىرىمىز ۋە بىر قىسىم قىزىققۇچىلار گەرچە رەسىمنىڭ قىممىتىنى چۈشەنسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىرىمى رەسىم بازىرىدىكى رەسىملەرنىڭ باھاسى بىلەن ماسىلاشمىغان . يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن مەشھۇرلىرىمىزنىڭ رەسىملىرى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرەلمەيۋاتىدۇ .
   دەرۋەقە ، چەت ئەللەردە سەللا نامى چىققان سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز نامىدا قورۇلغان مۇزېيى ، رەسىم گالېرىيەلىرى بار . بىزدىمۇ يېقىن ئارىلىقتا « غازى ئەھمەد گۈزەل سەنئەت سارىيى » ، « ئابدۇكېرىم نەسىردىن مۇزېيى » ،« تۇردى ئىمىن گالېرىيەسى » قاتارلىق جايلارنىڭ بەرپا قىلىنىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشنىمىز . بۇ يولدا بۇ رەسساملىرىمىز ئەتراپلىق پىلانلارنى تۈزۈپ ، خېلى بۇرۇنلا بۇ خاسىيەتلىك ئىشلارغا پۇختا ئۇل سېلىپ بولدى .

گۈزەل سەنئەتنىڭ مىللىي مائارىپىمىزدىكى ئورنى مەسلىسىمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم تېما . مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ھازىرغىچە گۈزەل سەنئەت مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلۋاتىمەن . شۇڭلاشقا بۇ تەرەپتىن مېنىڭ ئۇچرىشىش دائىرەم سەل كۆپ بولىدىكەن . مېنىكچە ، گۈزەل سەنئىتىمىز مىللىي مائارىپىمىزدىن يېتەرلىك ئورۇن ئالالمىدى . بۇ ھەقتىكى دەرىسلىكلەر ئەتراپلىق ، ئەجىر بىلەن تۈزۈلمەي قالدى . مەسىلەن ، تولۇق ئوتتۇردىن تارتىپ تۇلۇقسىز باشلانغۇچقىچە تۈزگەن ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن ، يالقۇن روزى قاتارلىق ئىلىم ، كەسىپ ئىگىلىرى بىر يەرگە كېلىپ مەسئۇلىيەت بىلەن تۈزۈپ چىقىپتۇ . لېكىن ، بىزنىڭ گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى بىۋاستە تەرجىمە قىلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان . مېنىڭچە ، رەسىم دەرسىمۇ باشقا پەنلەردەك ئىجادىي ۋە ئۆزىمىزگە يېقىن ، خاس تۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا ئومۇملىشىشى ھەقىقي ئىشقا ئاشىدۇ ، بارا – بارا خەلقىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ساھەسىگە بولغان چۈشەنچىسى يۈكسىلىدۇ ، دەپ ئويلايمەن . يېقىنقى يىللاردا ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ تىرشچانلىقىدا « چەت ئەل گۈزەل سەنئەت تارىخى » ، « سەنئەت نەزەرىيەسى ئاساسلىرى » قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى بوشلۇقنى مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرغان بولسىمۇ ، ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ، بولۇپمۇ ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە – گۈزەل سەنئەت تارىخى ، سەنئەت نەزەرىيەسى ئوقۇتۇشىغا سەل قارالغاچقا جۈملىدىن دىيارىمىز گۈزەل سەنئەت تارىخى ۋە ئېستىتىك قاراشلىرىمىز توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەچكە ئىستۇدېتلىرىمىز ئاساسىي ماھارەتنى ھەر قانچە كۈچىنىپ ئۆگەنگەن ، مەلۇم نۇقتىغا يېتىپ بارالىغان بولسىمۇ نېمىنى ئىجاد قىلىش ، قانداق ئىجاد قىلىش مەسىلىسىدە تېڭرقاپ قېلۋاتىدۇ ، نەتىجىدە ھەر يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرستېتى ، سەنئەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 200 دىن ئارتوق رەسساممىز ئۆز كەسپىدىن سوۋۇپ باشقا كەسىپلەردە جان بېقىپ يۈرىدۇ .
   ئەمدى ، سەنئىتىمىز جۈملىدىن رەسسامچىلىقىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش تەرەپلەردە مېنىڭ ئويۇم مۇنداق : ئۆزبېكىستاندىكى مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسامىمىز لېكىم ئىبراھىم ، قازاقىستاندىكى مەشھۇر رەسساملىرىمىزدىن رۇسلان يۈسۈپ ، ئەخمەتجان ئاغات ، كۈزەش زۇلپىقارۇف ، قىرغىزسىتاندىكى تەلئەت ئەزەم ئوغلى مىررەھىم ، ئاۋستىرالىيەدىكى پەرھات جارۇپ قاتارلىقلار چەت ئەللەردىكى خەلقئاراۋى كۆرگەزمە ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيە ، نەتىجە ياراتقان بولسىمۇ ، « يالغۇز ئاتىنىڭ چېڭى چىقماس » دىگەندەك سەنئەتكارلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا كۆلەم ، ئېقىم ھاسىل قىلىپ بولالمىدى . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەشھۇر رەسساملىرىمىزدىن غازى ئەھمەد ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ، تۇردى ئىمىن ، زۆرەم ياسىن قاتارلىقلار چەت ئەللەردىكى داڭلىق سەنئەت سارايلىرىدا شەخسىي كۆرگەزمىلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، قېتىم سانى ئاز بولۇپ ، ئىزچىللىقا ئىگە بولالمىدى . شۇڭا چەت ئەللەردىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرى بىلەن ئالاقە ، ئىلىم ئالماشتۇرۇشلارنى كۈچەيتىپ ، بىرلەشمە كۆرگەزمىلەرنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ ، گۈزەل سەنئتىمىزنىڭ دۇنيا سەنئىتى بىلەن بولغان بىۋاستە دىيالوگىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىش كېرەك . بۇ جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياش رەسساملىرىمىزدىن مۇختار ياسىن ، ئەزىمەت ئابدۇكېرىم ، غەيرەت ئىبراھىمۇف ، ئېلى ياقۇپ ، نىجات ھوشۇر ، مۇھەممەت سۇلتان . نىياز ھاجى ، دىلىدار ماناپ ، ئەسقەر تۇردى قاتارلىقلارنىڭ يەنىمۇ كۈچەپ خىزمەت كۆرسىتىشلىرى زۆرۈر ، دەپ ئويلايمەن .
   ئاخىرىدا ، رەسسامچىلىقىمزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق . خېلى كۆپ ئۈمىدلىك كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمىزغا تاشلىنىدۇ . رەسسامچىلىقىمىزدا ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ، تەربىيەلەش خېلى ئوبدان كېتىۋاتىدۇ . ئابدۇكېرىم نەسىردىن مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم تىرشچانلىقى نەتىجىسىدە مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئىچكىرىدىكى داڭلىق رەسساملىق ئوچاقلىرىدا نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئاسپىرانتلىقتا ، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ ، چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقانلىرىمۇ ئاز ئەمەس . شۇڭا مۇشۇ تەپەككۇر يولى بويىچە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈمىدىلىك ياشلارنى چەت ئەللەردىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا چىقىرىش ، چەت ئەللەردىكى داڭلىق رەسساملارنى مەكتەپلىرىمىزگە تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتۈش ، لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك ، بۇ ئوسۇللار ئارقلىق سەۋىيە پەرق ئارىلىقىنى تېز پۇرسەتتە ئۈنۈملۈك قىسقارتىش مۇمكىن .
   ئۇنىڭىدىن باشقا پېشۋالىرىمىزدىن غازى ئەھمەد خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەپ كەلدى . ھازىر مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ . ھازىرغىچە جۇڭگۇدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدىن بىرەر كىشىمۇ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ باقمىغان ، بۇ بىزگە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ . ئابدۇكېرىم نەسىردىن مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، جۇڭگۇ ماي بوياق ئىلىمي جەمئىيتى ئىچىدە مۇھىم دائىمي ھەيئەتلىك ۋەزىپىسى بار ، يەنە مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ، مەملىكەتلىك ماي بوياق كۆرگەزمىلىرىنىڭ باھالىغۇچىسى ، تەشكىللىگۈچىسى ، جۇڭگۇ ماي بوياق سەنئىتىدىكى 20 مەشھۇر سەنئەتكارنىڭ بىرى . تۇردى ئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رەسىم ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى . مانا بۇلار شىنجاڭ رەسساملىقىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە خېلى زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . بولۇپمۇ ماي بوياق سەنئىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز مۇئەيييەنلەشتۈرۈلۈپ ئىچكرى ئۆلكىلەردە « غەربىي دىيار رەسىم ئۇسلۇبى » دىگەن ئاتالغۇ ئومۇملاشتى . بۇ توغرىسىدا بېيجڭدا ۋە باشقا ئۆلكە ، شەھەرلەردە كۆرگەزمە ، ئىلىمي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى . بۇ نۇقتىدىن « ئۇيغۇر رەسسامچىلىقى جۇڭگو رەسسامچىلىقىدا ئايرىم خاسىلىق يارىتالدى » دەپ ئېيتالايمىز .

ئابدۇكېرىم نەسىردىن : نەتىجە بىردىن ھامان كۆپلۈككە قاراپ يۈزلىنىدۇ …
   يۇقىرىدا تۇرسۇنجاننىڭ بايانلىرى ماڭا ئازراق ئوت يېقىپ قويدى . مەن بۇ قېتىم كامالىددىن بېھزاد نامىدىكى گۈزەل سەنئەت ، رەسىم ئىنىستىتۇتىغا پەخرىي پىروفىسورلۇققا تەكلىپ بېرىپ كەلدىم . دېمىسىمۇ بىز ئۇ تارىخىمىز ھەققىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنمىز .
يەنە بىز ئۈچۈن رەسىم بازىرى ھەقىقەتەن مۇھىم . بۇنىڭ ئۈچۈن گالېرىيە بولمىسا تىخىمۇ بولمايدۇ .نەچچە يىل ئىلگىرى بىر نەچچە ياش بالا مېنى ئۆزلىرىنىڭ گالېرىيە قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئىزدەپ كىلىپ ، ياردەم قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى . مەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ ، رەسساملىرىمىزنى بۇ ئىشقا سەپەرۋەر قىلدىم . ئۇلار چوڭ بازارىنىڭ مۇنارىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر زالنى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ تۈرنى شۇ يەردىن باشلاشنى پىلانلىغان ئىدى . « بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم دەسمايە سېلىپ قۇرغان گالېرىيەسى بولغاندىكىن » دەپ خېرىدار ، مۇخبىرلارنى چاقىردۇق ، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدۇق . ئۇلار مەن كۆرۈشكەن دەسلەپكى ۋاقىتتا مەندىن « قانچە ئايدا مۇشۇ سالغان دەسمايىنى قايتۇرۇۋالىغلى بولار؟ » دەپ سورىغاندا ، مەن ئۇلارغا : « بەش يىلغىچە بۇ خام خىيالدا بولماي ، ئالدى بىلەن تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەپ ، گالېرىيەنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىسلەر ، خېرىدارلار تورى ئىزدەيسىلەر ، يەنە چىداپ دەسمايە سېلىشىڭلار كېرەك . بۇ بىر مەدەنىيەت سودىسى ، ھەرگىزمۇ ئۇياقتىن ئېلىپ بۇياقتىن ساتىدىغان ئۇششاق مال تىجارىتى ئەمەس . بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل بېرىش بىلەن بىرگە سىلەردە مەدەنىيەتنى ، بازارىنى چۈشنىدىغان ئاڭ ، بىلىم ، شۇنداقلا بازارغا يۈزلىنىدىغان تەييارلىق بولمىسا بۇ سودىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسىلەر » دېگەن ئىدىم . كېيىن ئۇقسام ئۇلار باشقلاردىن رەسىم بەك پۇل بولىدىغانلىقى ئاڭلاپلا ئالدى – كەينى بىلەن ھېسابلاشماي بۇ سودىغا كىرگەن ئىكەن . بىراق ، ئۇلار تازا داغدۇغا بىلەن ئىشنى باشلاپ ، ئىككى ئاي ئۆتمەي تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن رەسساملار مېنى ئىزدىگىلى تۇردى . ئاخىىرى 2 – يىلى ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ ، رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى قايتۇرۇپ بەردۇق . دېمەكچى بولغىنىم بىزنىڭ رەسساملىرىمىز مانا مۇشۇنداق رەسىمىچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئېچىلدىغان يېڭى يوللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەمگىكى ئارقىلىق قوللايدۇ . ئەمما بىزدە رەسىم بازىرى ، گالېرىيە ئاچىدىغانلاردا ئالدى بىلەن بۇ سودىنىڭ مەدەنىيەتلىك خاسلىقىنى چۈشىنىش بولمسا قەتئى بولمايدۇ . ھەرقانداق ئىشتا چۈشىنىش ، مۇھەببەت ھەم بەدەل بېرىش بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭدىن نەتىجە يارىلىدۇ . ئىككىنچى بولۇپ « غەربىي دىيار ئۇسلۇبى » گالېرىيەسىنى قورغۇچى ياشلار مېنى ئىزدەپ كېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ گالېرىيە قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيىتقاندا ، مەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ، مەدەنىيەتنى ، جۈملىدىن رەسسامچىلىق كەسپىنى چۈشىنىش سەۋىيەسىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ، ئۇلارنى قوللاشنى قارار قىلدىم . ئۇلار ئىشنى خوتەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، كورلىلارغىچە بېرىپ ، رەسساملار بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ ئائىلىلەرگە بېزەك بۇيۇمى قاتارىدا كىرگۈزۈشتىن باشلاپ ، ئىككى يىل ئىچىدە خېلى كۆپ ياش رەسساملارنىڭ رەسىمىنى بازارغا ئېلىپ كىردى . يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز گالېرىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، خېلى كۆپ ياش رەسساملارنىڭ كۆرگەزمىلىرىنى ئۆتكۈزدى . بۇنىڭدىن باشقا ياش رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ژۇرناللار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېلان قىلىپ كەلدى . يەنە « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ سەھىپە ئېچىپ ، بۈگۈنكىدەك ئەھىمىيەتلىك سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش بولغان ئىكەن . نەتىجە مۇشۇنداق بىردىن ھامان كۆپلۈككە قاراپ يۈزلىنىدۇ .
   يەنە بىر تەرەپ ، بىزدە ھازىر رەسىمچىلىكىمىز ھەققىدە يازدىغانلار سانانلىق بولۇۋاتقان شارائىتتا ، تەرجىمە يولى ئارقلىق بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلساقمۇ بولىدۇ . چۈنكى ، باشقا تىللاردا يېزىلغان رەسىمچىلىكىمىز ھەققىدىكى ئەسەرلەر بىر تەرەپتىن بىزگە ئۇچۇرچانلىق ، بىلىم ، تارىخ خاراكېترى بىلەن يېقىنلاشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئوبزۇرچى ، تەتقىقاتچىلىرمىز ئۆزلىرى ئۈچۈن يېڭى سانالغان گۈزەل سەنئەت ئوبزورچىلىقى ، گۈزەل سەنئەت تارىخچىلىقىنى قانداق يېزىشنى ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئۆگىنىپ ماڭالايدۇ .
   مېنىڭچە گۈزەل سەنئەت مائارىپى ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى ، ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىغا پىيانىنو ياكى باشقا مۇزىكىنى ، شۇنداقلا رەسىم سىزىشنى « چوقۇم كەلگۈسىدە مۇشۇ كەسپنى قىلدۇ » دىگەن مەقسەتتە ئۆگەتمەيدىكەن . بۇنى بالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ۋاستىسى دەپ قارايدىكەن . مەسىلەن ، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئىككى بالا ئىچىدىن بىرىنى ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلماقچى بولغاندا ئىككى بالىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش ، شەرتى ھەممىسگە توشقان ئەھۋالدا بىرىنىڭ مۇزىكا ياكى رەسىمدىن خەۋىرى بار ، بىرى خەۋەرسىز بولسا ، ئالدى بىلەن كىچىكىدىن گۈزەل سەنئەت مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بالىنى تاللايدىكەن . شۇڭا ھەممىنى قويماي ، بوسا ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ يېتىلىشگىمۇ كۆڭۈل بۆلسە دېگەن ئۈمىدتىمەن .

 زۆرەم ياسىن : چۈشىنىش كۈچەيسە ، تەسىر تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى …
   ئەمەلىيەتتە ئەدىبلەر بىلەن رەسساملار ئورتاق قىزىقىش روھىدىكى كىشلەر ، ئۇلار دۇنيانى گۈللەندۈرۈش ، تۇرمۇشتىن ئىلھام ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىققا ئىگە ، پەقەتلا ئىپادىلەش ۋاستىسى جەھەتتىن پەقلىنىدۇ . بۇ يەردىكى پەرق تۈپەيلى ئۇلار بىر – بىرىدىن يىراقلىشىپ كەتمەي ، بولسا مانا بۈگۈنكىدەك ئورتاق بىر يولغا قەدەم باسسا رەسسامچىلىقىمىزنىڭ ئەتىسى تېخمۇ ئۈمىدكە تولىدۇ . چۈنكى ئەدىبلەرنىڭ ئوبرور ، باھالىرى بولغاندا خەلق توپى ئاندىن رەسسامچىلىقىمىزغا نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئۇنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ .
   ھازىر شىنجاڭنىڭ ماي بۇياق رەسىمچىلىكىدە خېلى كۆپ نەتىجلەر بارلىققا كەلدى ھەم تېخىمۇ ئۈمىدگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ . مەسىلەن . مۇشۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە بىزنىڭ رەسساملىرىمىز ئەسەرلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىلەرگە كىرىش ، مۇكاپاتلىنىش نىسبتى يۇقىرى بولۇپ كەلدى . ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇنداق چوڭ كۆرەكلەرگە تاللىنىش ئۇنىڭدا مۇكاپاتلىنىش ئاسان ئىش ئەمەس . ئۇندىن باشقا 2009 – يىلى « دۆلەتلىك رەسساملار ئاكادېمىيەسى » نىڭ باشلقى ياڭ شاۋياڭ دىگەن كىشى ئۆمەك تەشىكىللەپ پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىردىكى رەسىم ئەسەرلىرىنى كۆرۈش سەپىرىدە مەخسۇس شىنجاڭ رەسساملىرىنىڭ رەسسامچىلىقىغا ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى . ئۇندىن باشقا « غەربىي دىيار ئېقىمى » دىگەن شىنجاڭ رەسسامچىلىقىغا قارىتىلغان بۇ نام ئاستا – ئاستا ئومۇملىششىقا باشلىدى . يەنە بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزدىن غازى ئەھمەد ، ئابدۇكېرىم نەسىردىنلەرنىڭ ئېلىمىز ھەتتا دۇنيادىكى ماركىسى بىزنىڭ رەسسامچىلىقىمىزنىڭ گۈللىشىگە زور نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدى . ھازىر رەسىچملىك قوشۇنىمىزدا نىجات ، ئەزىمەت ، دىلمۇراتقا ئوخشاش بىر قىسىم ياشلار چەت ئەللەردە ئۆگىنىپ يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى . دېمەك ، بىزنىڭ رەسىمچىلىكىمىزدە يېڭىلىق ، تەرەققىياتلار كۆپ بولۇۋاتىدۇ .
   ئەمدى يۇقىرىقلار بىلەن بىرگە رەسسمچىلىكىمىزدە يەنە ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانغان . ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغىنىم ؛ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەسلىي مەقسەت بىر تەرەپتىن رەسسام ئەمگىكىنى ئەلگە ، كەسىپ ئىگىلىرىگە جاكارلاپ ، ئۇنىڭ كېيىنكى مۇساپسىگە يېشىل چىراغ يېقىش بولسا ، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق توپىنى مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەرگە كۆپرەك جەلىپ قىلىپ ، ئومۇمىي چۈشىنىشنى ئىلىگىرى سۈرۈش ئىدى ، بىراق ، بىزدە ھەقسىز ئېچىلغان رەسىم كۆرگەزمىلىرى بىرىنچى كۈنى ئاۋاتلىشىپ كەتكىنى بىلەن ئىككىنچى كۈندىن باشلاپلا چۆلدەرەپ قېلۋاتىدۇ . شۇڭا بۇمۇ بىزدىكى ساقلىنىۋاتقان ، ھەل قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتقان بىر مەسىلە ياكى بىر تېما . ئىككىنچىسى ، نىمە ئۈچۈن خەلقىمىز تۇرمۇشىغا ناخشا – مۇزىكا ، ئۇسسۇل شۇنچە سىڭىپ كېتىدۇ ، بىراق ، ئەزەلدىن قېنىدا سەنئەت تۇيغۇسى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان خەلىققە رەسىم مەدەنىيتى دىگەندەك سىڭىپ كىتەلمەيدۇ ؟ مېنىڭچە بۇمۇ ئەتراپلىق ، ئەمەلىي ئىزدىنىش يولى بىلەن ھەل قىلدىغان چوڭ بىر قورۇلۇش ، ئۈچىنچىدىن ، ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا رەسساملىرىمىزنى ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇقاۋىغا بېرىپ تۇنۇشتۇرۇش ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ كېلۋاتىدۇ ، ئەلۋەتتە ، بۇمۇ بىر ياخشى تەرەپ بولسا كونكرېت پارچىلاش يولى بىلەن تەھىلىل قىلىش ئېلىپ بارساق تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن ، مەسىلەن ، ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ بىر پارچە رەسىمى ، ياكى ئۇنىڭدىكى سىزىق ، ياكى رەڭ ، ياكى تۇيغۇ ، ياكى سەنئەت دىگەندەك تەرەپلەردىن تەھىلىل قىلىش يولى ھەقىقىدىمۇ ئىزدىنىدىغان چاغ كىلىپ قالدى . تۆتىنچى ، رەسسام بىلەن خەلق رەسسام بىلەن ئەدىب ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ، ئۇچرىشىش يوللىرىنى ھەرخىل شەكىللەر ئارقلىق ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇنىڭ تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق .

 سادىرجان : رەسىم كەسپىدىكى بالىلارنى يالغۇز پەلكۈچ تۇتالايدىغانلا ئەمەس ، قەلەممۇ تۇتالايدىغان قىلىپ تەربىيەلسەك بولاتتى …
   ماڭا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقىلىمۇ 17 يىل بولۇپ قالدى . بىزنىڭ مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت كەسپى ئېچىلغىلىمۇ 10 يىلدىن ئاشتى . ھازىر گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى دۆلەتمۇ ، جەمئىيەتمۇ ، خەلىقمۇ ھېس قىلۋاتىدۇ جۈملىدىن ، يېقىندا مەن قەشقەرنىڭ بەش ناھىيەسى ئارا يەسىلى مائارىپىدىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغىچە بولغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتىم . ئاساسلىقى « ئالىي مائارىپنىڭ بولۇپمۇ گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭ تەربىيەلەش پىلاننى قايتىدىن تەڭشەشكە بولامدۇ ؟ ھازىر گۈزەل سەنئەت مائارىپىمىزدا ساقلنىۋاتقان قانداق مەسىلىلەر بار …؟ » دىگەندەك نۇقتىلاردا ئىزدەندۇق . « ئىلگىرى ئوقۇتۇش پىلانىنى قانداق تۈزگەن بولسا شۇنداق ئۆلۈك ئېلىپ بېرىپ ، ئالىي مائارىپتا تېخنىكا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئەمما نەزەرىيە تەتقىقاتىغا سەل قارايدىغان تەرەپلەر » ھازىرغىچە گۈزەل سەنئەت ئالىي مائارىپدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن نەتىجىدە رەسساملار رەسىمنى ياخشى سىزسىمۇ ، ئۆزىنىڭ رەسىمىگە بىر ۋاراق بىر نەرسە يېزىپ ياخشى باھا بېرەلمەيدىغان ئەھۋال كىلىپ چىققان . جۈملىدىن ، بىزنىڭ تەربىيەلەۋاتقان بالىلىرىمىزمۇ مەيلى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلىمي ماقالىسى ياكى ئىلمي تەتقىقات ئىشلىرىدا بولسۇن قىينچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا گۈزەل سەنئەت مائارىپىمىزدا نەزەرىيە تەتقىقات كىتابلىرى ، ئوبزور ، تەتقىقات ماقالىلىرى ھەم شۇ ئارقلىق بۇ كەسىپتىكى بالىلارنى يالغۇز پەلكۇچ تۇتالايدىغانلا ئەمەس ، قەلەممۇ تۇتالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەشمۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەن . ئۇقۇغۇچىلارنى نوقۇل ھالدا ماھارەت ، تېخنىكىلىق مەشقى بىلەن تەربىيەلەشتىن ھالىقىپ رەسىمچىلىكنىڭ نەزەرىيە بىلملىرى بىلەن قوراللاندۇرلساق ئاندىن بىزدىمۇ بۇ ساھەدە ھەم كەسپتە ھەم تەتقىقات ، ئوبزورچىلقتا يېتىشكەن بىر تۈركۈم ياشلار يېتىشىپ چىققاندىلا رەسىمچىلىكىمىزگە يېڭى قان ، ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ دەپ قارايمەن . ئەلۋەتتە ئەدىبلىرىمىز ، ئەدەبىياتچىلىرىمىز باھا بەرسە ئېھتىمال يېزىق ، تىل بايلىقى جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ ، بىراق رەسىمنى كەسپى جەھەتتە چۈشەنمەيدىغان مەلۇم بىر ئەدىبنىڭ ئالدىراپ يازغان ئەسىرى باشقىلارنى قايىل قىلالماسلىقى مۇمكىن .
   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ھېىس قىلغىنىم ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇ دەرسىكە نسبەتەن ئېتىبارسىز قارىلىدىكەن . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل سەنئەت دەرسى %50 بالىغىمۇ ھەقىقىي ئۆزلەشمەيدىكەن . ھەتتا ، بەزى مەكتەپلەردە گۈزەل سەنئەت كەسپىنى ئوقۇمىغانلارمۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدىكەن . مۇشۇ ئىش بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ بۇ مائارىپ تۈرىدە ھەقىقىي تەربىيەلىنىشگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كېلۋېتىپتۇ . ھازىر بىزدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مۇتلەق كۆپ بالىلاردىمۇ چەت ئەلنىڭ داڭلىقراق رەسىملىرىنى بىلمەيدىغان ، ئۆز رايونىدىكى ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ تىپىك ۋەكىل خاراكتېرلىق بىرەر پارچە رەسىمىدىن تولۇق ھۇزۇرلانمايدىغان ياكى رەسىمنىڭ تارىخىنى بىلمەيدىغان بىر قاتار ئەھۋاللار خىلى كۆپ ئۇچرايدۇ . مېنىڭچە ، ئالىي مائارىپتا خۇددى تەنتەربىيە دەرسىگە ئوخشاش سەنئەت تەربىيەسى دەرسىمۇ باشقا كەسپتىكى بالىلارغىمۇ ئومۇميۈزلۇك ئۆتۈلۈشى كېرەك ئىكەن . شۇنداق بولغاندىلا بىزدىمۇ سەنئەت نەزەرىيە دەرسىلىك كىتابلىرى كۆپلەپ تۈزۈلۈپ ، بۇ تەرەپتىكى ئاق قېلىۋاتقان تەرەپلەر تولامدىكىن دەپ ئويلايمەن .

 ئىمىرھەسەن مەخمۇت : كېلىڭلار ، سەھىپىمىزنى بىرلىكتە گۈللەندۈرەيلى 
   ئۇستاز ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىنىڭ خالىس ياردەم بېرىشى ، نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتى ھەم زېھنىنى قوربان قىلىپ يول ، پىلان كۆرسىتىشى بىلەن قورۇلۇپ ، بۈگۈنگە ئۇلاشقان « غەربىي دىيار ئۇسلۇبى » گالېرىيەسىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار ، ھەتتا گالېرىيەنىڭ قورغۇچىسى ئۈلپەت جېلىل ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن رەسساملار بىلەن ئۇچرىشىش ، رەسىم يىغىش سەپىرىگىمۇ قاتناشتىم . بولۇپمۇ بۇ ئۆزگىچە سەپەردىن مۇنداق بىر تەرەپنى ھېس قىلدىم : مەن « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ تەشىۋىقات ، مۇشتەرى خىزمىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ئاساسەن بارغان ، شۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ قەيەرىگىلا بارماي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەلەمكەشلەرنى ئۇچرىتىپ ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغىنىمدا بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم . چۈنكى ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بازىرى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار قوشۇنى بولمىسا بولمايتتى . بۇ قېتتىمۇ شۇنداق بولىدى ، گەرچە ئەدەبىيات قوشۇنىدەك شىنجاڭنىڭ يېزا – يېزىلىرىدىن رەسسام تاپقىلى بولمىسمۇ ، يەنىلا ۋىلايەت ، ناھىيەلەردىن ئالدى نەچچە يۈزدىن كەينى نەچچە ئونغىچە رەسساملارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. دېمەك ، رەسىمچىلىكىمىزدىمۇ بۇ مەدەنىيەت قوشۇنلىرى تەييار ئىدى . ئەمدىكى گەپ قانداق قىلىپ رەسىمچىلىكنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش ، خەلقنى بۇ زېمىغا باشلاپ كىرىشتە قالغاندەك قىلاتتى …
   مېنڭچە ، ئەدىب لۇشۈننىڭ « دۇنيادا ئەسلى يول يوق ئىدى ، كىشلەر ماڭغانېسىرى يول پەيدا بولغان » دىگەن سۆزىدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسى بويىچە بىزگە ھازىر كېرىكى رەسىمچىلىكىمىزنىڭ يېڭى – يېڭى بوز يەرلىرىنى ئېچىش بولسا كېرەك . بېلىشىمچە شىنجاڭدىكى ھەر بىر ۋىلايەت ، شەھەرنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنىپ كېلۋاتقان بىردىن ئەدەبىي ژۇرنىلى بار ، بۇلار شۇ رايون جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات مەۋجۇتلۇقى ، يۈكىسىلىشى ئۈچۈن تەر تۆكىدۈ . بىراق ، رەسىمچىلىكىمىز بۇنىڭدىن تېخى يىراقتا ، ھىچ بولمىغاندا مەخسۇس كەسىپلەشكەن ژۇرنىلى بولسا ئىدى ، بۇ تەرەپتىن بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچى ، ئوبزورچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ، گۈزەل سەنئەت ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ ئىزچىللىقى ئۈچۈن ياخشى سەھنە بولاتتى .
   يەنە بىر جەھەتتىن ئويلانساق ، بىزدە ئۇچۇر دەۋرىدىن يىراقتا قالماي ئەدەبىيات تور بەتلىرى ، ناخشا – مۇزىكا تور بەتلىرى ھەم ھەرخىل ئونىۋېرىسال تور بېكەتلەرنى قورغانلار چىقىپ ، تور بەتلىرىمىزنىڭ سانى نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتتى – يۇ ، بىراق ، مەخسۇسلاشقان رەسىم تور بېتىنى خەلىققە سۇنغانلار تېخى چىقمىدى ، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىز ئۈچۈن كېرەك بولۇۋاتقان بىر يېڭى يول .
   ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىدا « نەشىرىياتلارنىڭ قىستۇرما رەسىمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەم بۇ ساھەدىكى رەسساملارنىڭ كەم ئىكەنلىكى » ھەققىدە گەپ بولىدى . نۇنى نوقۇل رەسسامغا ياكى نەشىرىياتلارغىلا ئارتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى بىلەن تەپەككۇر قىلساق ئىش تولىمۇ ئاسان بولار ئىدى ، ئەمما مەسىلنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا يول ئىزدىمەي بولمايدۇ . بىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ھېلھەم بېكىنمە تۇرمۇشتا ياشايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۇلار قەدىمىنى ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن سىرتقا ئېلىپ نەشىرىياتلارغا ، گېزىت – ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىگە يەنە ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئېلىپ باقسا بولىدۇ . بۇ جاھاندىكى ئەڭ ئەمەلىي ئىش ئىزدەش ئۇسۇلى بولسا كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئورۇنلىرىمۇ گۈزەل سەنئەت كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن « ئىش ئالاقىلىشىش » بۆلۈمى قورۇپ ، مانا مۇشۇنداق نەشىرىيات ، گېزىت – ژۇرنال ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسا تامامەن بولىدىغۇ ؟
   يۇقىرىقىلار بىر مىسال ، دېمەك ، رەسىمچىلىكىمىز ئۈچۈن قىلدىغان ئىشلار ، ئويلىنىدىغان تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ ، مۇھىمى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كويىدا تەسەۋۋۇر ، پىلانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ، ئۇ بولغاندىلا ھامان ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغانلار چىقىدۇ . بۈگۈنكى سۆھبەتمۇ مېنىڭچە بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلغان ئەدىب ، رەسساملىرىمىزغا ئالدى بىلەن يېڭى بىر ئوي ئاتا قىلىشنى مەنزىل ئەتسە كېرەك …مەن ھەر قايسى ئەدىب ۋە رەسساملىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئېيتىلغان نۇرغۇن گەپلەرنى ئۆز ئەمگىكى بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ ، « ئەدىبلەرنىڭ سەنئەت كۆزى » ناملىق بۇ سەھىپىمىزنىڭ يەنىمۇ ياىشى باشقۇرلۇشى ئۈچۈن كۈچ كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن .

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.