«مۇقام بايرىمى» قۇتبەلگىسىدىكى كۆك رەڭلىك شەكىل زەرەپشان دەرياسىغا،يېشىل رەڭلىك شەكىل يەكەننىڭ ئالاھىدە يېزائىگلىك مەھسۇلاتى بادامغا،قىزىل رەڭلىك شەكىل قۇياشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
قۇتبەلگىنىڭ ئومۇمىي شەكلى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ساتتار چىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، كۆك ،يېشىل ۋە قىزىل رەڭلەر كىشىگە بىرخىل ئىكلوگىيلىك مۇھىت ئېڭىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
يىتىلۋاتقان ياش رەسسام مۇختەر جۇمە 1971- يىلى 10- ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە بىر رەسسام ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ مەرھۇم دادىسى رەسسام جۇمە يۈسۈپنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن مۇشۇ كەسسىپكە ئىشتىياق باغلىغان. 1989- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ گۈزەل – سەنئەت لاھىيىلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان 1992- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يەكەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ئىجاد قىلىپ سىزىپ چىققان 60 نەچچە پارچە گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ كەڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيىلىك گۈزەل – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتنىڭ باش كاتىپى، يەكەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كەسپى رەسسامى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
2003- يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈم، مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان « يېڭى ئەسىرنى كۈتۈۋېلىش تۇنجى نۆۋەتلىك گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى » كۆرگەزمىسىدە ئىككى پارچە ئەسىرى مىس مىدالغا ئېرىشكەن.
2004- يىلى مەملىكەتلىك گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە ئەسىرى ئىككىنجى دەرىجىگە ئېرىشكەن.
2004- يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىگى تەرىپدىىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېلى ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىرپارچە ئەسەر مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە ساقلاپ قېلىنغان.
2005- يىلى شىئەن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىئەت شەھەرلىك رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 5 ھالقا گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىرپارچە ئەسەر ئالتۇن مىدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005- يىلى مەملىكەتلىك گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە ئەسىرى بىرىنجى دەرىجىگە ئېرىشكەن.
2006- يىلى مەملىكەتلىك گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە ئەسىرى ئىككىنجى دەرىجىگە ئېرىشكەن.
2006- يىلى شەنشى ئۆلكىلىك راسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە ئەسىرى كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن.
2007- يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان ئاممىۋى سەنئەت يۇلتۈزى مۇكاپاتى كۆرگەزمىسىدە بىر پارچە ئەسىرى مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئاپتورنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 13899157075
بىرقىسىم لايىھەۋە ماي بوياق ئەسەرلىرى:
2011-07-13 14:17:30 گىلەم
ئۆزۈم سەنئەت بىلەن شوغۇللانمىساممۇ ئازراق پىكىر قىلغىم كەلدى
مۇقام بايرىمىنىڭ قۇت بەلگىسى دەپ لايىھەلەپتۇ لېكىن ئاستىدا مۇقام دىگەن ئەسكەرتىلمىسى بولمىسا بۇ قۇت بەلگىسىنىڭ مۇقام بىلەن ،سەنئەت بىلەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئالاقىسى بارلىقىنى بايقىيالمىدىم!!!
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇل 13th, 2011 at 17:41
قۇتبەلگىنىڭ ئاستىدىكى چۈشەندۈرىشىگە دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ قانداق؟
قۇتبەلگىنىڭ چۈشەندۈرلىشى:
«مۇقام بايرىمى» قۇتبەلگىسىدىكى كۆك رەڭلىك شەكىل زەرەپشان دەرياسىغا،يېشىل رەڭلىك شەكىل يەكەننىڭ ئالاھىدە يېزائىگلىك مەھسۇلاتى بادامغا،قىزىل رەڭلىك شەكىل قۇياشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
قۇتبەلگىنىڭ ئومۇمىي شەكلى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ساتتار چىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، كۆك ،يېشىل ۋە قىزىل رەڭلەر كىشىگە بىرخىل ئىكلوگىيلىك مۇھىت ئېڭىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
مېنىڭچە بولغاندا ئاشۇ چۈشەندۈرۈش بويىچە بولسا ھەم سەنئەت بىلەن ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنلىشى باردەك ھىس قىلىمەن بۇ قۇتبەلگىنى (شەخسى قارىشىم)
[Reply]