مۇھەممەد ئىمىن توختاش،ئۇيغۇر ،1965-يىلى يەكەن ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ رەسىم كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلدىن 1986-يىلغىچە يەكەن ناھىيە ئىشقول ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن، 1986-يىلى يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپى(ھازىرقى يەكەن ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە) يۆتكۈلۈپ كەلگەن.1992-يىلدىن 1994-يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا،2003-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدا بىلىم ئاشۇرغان . مەخسۇس كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە.
ئۇنىڭ«خەلق سازەندىلىرى»،«ھۈنەرۋەنلەر»،«سايىۋەن»،«تارىملىقلار»،«ئانام»،«تۈگۈمەس ناخشا»،«ئۇيغۇر قىزى»،«مۇز تاغدا باھار»،«توقۇمىچى قىز» قاتارلىق ماي بوياق ئەسەرلىرى«تارىم»،«مىراس»،«بۇلاق»،«ئەدەبىي تەرجىملەر»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«شىنجاڭ مائارىپى»،«قەشقەر ئەدەبىياتى»(قەشقەر)،«شىنجاڭ گېزىتى»،«مائارىپ گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇن،ۋىلايەت،ناھىيە تەرىپىدىن 1-2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
«خەلق سازەندىلىرى»،«تارىملىقلار» دېگەن ئىككى پارچە ئەسىرى«شىياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرلەش مەملىكەتلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ۋە 3-نۆۋەتلىك ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە «ئالتۇن مېدال»،«كۈمۈش مېدال»لارغا ئېرىشىپ ،شىياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىنغان.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 25 يىلدىن بۇيان گۈزەل سەنئەت مائارىپىدا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ،نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت خادىملىرىنى ۋە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ تەكلىپلىك رەسسامى،قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش