ئەكبەر تۇرسۇن 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۇنى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، 1998 – يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئنىستىتوتىنىڭ گۈزەل سەنئەت تولۇق كۇرۇس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ،ھەمدە ئۆز كەسپىنى سۆيۇپ جاپالىق تىرىشىش نەتىىجىسدە 2002-يىلى11 –ئاينىڭ 23-كۇنى ئۈرۈمچى شەھرىدە ‹‹ئەكبەر تۇرسۇن گۇزەل سەنئەت ئەسەرلىرى›› تېمىسىدا شەخسى كۆرگەزمە ئېچىپ ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرى ۋە كەڭ جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ھەم ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۇتتۇرگەن، 2003-يىلى ئۆز قىزىقىشى بىلەن ‹‹12 مۇقامنى سۇرەتكە ئېلىش گورۇپپىسى»نىڭ ‹‹ئەجەم مۇقامى ›› گورۇپپىسىغا قاتناشقان، 2004- يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.ئۇ بىر تەرەپتىن ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بىلەن بىرگە بوش ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ گۇزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، مەملىكەتلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنۇق ، ۋىلايەتىلىك چوڭ كۆرگەزمىلەردە،نۇرغۇن ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان ، 2003-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ‹‹پادىچى قىز››،‹‹قەدىمى شەھەر››،‹‹بالىلغم››،‹‹قەشقەر كوچىسى ››، ‹‹قوغۇنچى بوۋاي››، ‹‹كىچىك باققال›› ،‹‹ئۇيغۇر بوۋاي›› قاتارلىق 7پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك گۇزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو-سۈرەت ،ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە ئايرىم –ئايرىم ھالدا1 -2 -3- دەرىجىگە ئىرشكەن ،2005 -يىلى مەملىىكەتلىك گۇزەل سەنئەت، ھۇنەر-سەنئەت ،لاھيلەش ، مۇسابىقىسىدە ‹‹ئەتىرگۇل ھارىقى›› تېمىسىدىكى ئېلان لاھىيەسى 3-دەرىجىگە ئىرىشكەن،2007-يىلى 11-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىنچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ‹‹بازار›› ناملىق ئەسىرى 3 -دەرجىگە ئىرىشكەن ،2008-يىلى ‹‹مەرھابا باھار›› تىمىسىدا ئۆتكۇزۇلگەن رەسىم كۆرگەز مىسىدە ‹‹شاپتۇل پىشىتى›› ناملىق ماي بوياق ئەسرى 2- دەرىجىگە ئىرىشكەن، 2009-يىلى 10-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۇزۇلگەن جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، گۈزەل سەنئەت ،ھۆسنىخەت، فوتو-سۇرەت مۇسابىقىسىدە ‹‹‹پادىچى قىز›› ناملىق ماي بوياق ئەسەر1 -دەرىجىگە ئىرىشكەن.
ئۇندىن باشقا ئەكبەر تۇرسۇنىڭ ئىلمى ماقالىلىرى ،ماي بوياق رەسىملىرى ،شىئىرلىرى، ‹‹شنجاڭ سەنئىتى››،‹‹كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش››،‹‹مىراس››،‹‹شىنجاڭ مارئارىپى››،‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››،‹‹شنجاڭ گېزىتى››،‹‹قەشقەر گېزىتى›› قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 47 پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان، 2010-يىلى 7-ئايدا چاڭچۇن شەھرىدە ئۆز كەسپى بويىنچە تەربىيلىنىشكە بارغان .
2004-يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
قوشۇمچە:
يۇقارقى ماي بوياق رەسىملەرگە ئىھتىياجلىق تورداشلار ئاپتۇر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
تىلفۇن: 15099390849
2010-11-22 13:23:02 گىلەم
مەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ بۇ ماي بوياق رەسىملىرىنى بەكلا ياخشى كۆردۈم. بېرىلگەن رەڭ بەكلا جانلىق ھەم ئۆزگىچە ئىكەن . تېخىمۇ تىرىشىپ يېڭى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
[Reply]
2010-11-22 13:23:03 كىگىز
مەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ بۇ ماي بوياق رەسىملىرىنى بەكلا ياخشى كۆردۈم. بېرىلگەن رەڭ بەكلا جانلىق ھەم ئۆزگىچە ئىكەن . تېخىمۇ تىرىشىپ يېڭى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
[Reply]
2010-12-09 08:45:28 3#
بىشىدىكى 3 پارچە رەسىمىدىكى رەڭلەر بەك ئوچۇق ،شوخ رەڭلەركەن ،شۇ ئۇسلۇپ بويىچە كارتون رەسىملەرنى سىزسا بەك تاتلىق چىقاكەنتۇق.
[Reply]