بۇ فىلىم 2008- يىللىرى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە، مۇنبەرلەردە قىززىق نۇقتا بولۇپ قالغان سىنلارنىڭ بىرى ئىدى، شۇ چاغلاردا كومپيۇتېرىمغا چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن، بۈگۈن كومپيۇتېرىمنى رەتلەۋىتىپ، ئالدىمغا ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن قايتا- قايتا بىر نەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، تورداشلار ۋە كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە بەھىرلىنىش مەخسىتىدە توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ، مەزكۇر فىلمگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارغا ئىگە بولدۇم.
مەزكۇر فىلىم- كىنو ئىشلىگۈچى Bruce Branit نىڭ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان، 9 مېنۇتلۇق قىسقا فىلىمى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سۈرەتكە ئېلىشقا بىر كۈن، قالغان 600 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېيىنكى كىرىشتۈرۈش ۋاقتىغا سەرپ قىلىنغان ئىكەن.
فىلىمگە ئىشلەتكەن يۇمشاق دىتاللار:
Lightwave 3D– (ئۈچ ئۆلچەملىك مودىل ياساشقا)، Digital Fusion (كېيىكى مەزگىللىك كىرىشتۈرۈشكە)، Premiere (مۇنتاژلىققا)، Photoshop،
Dell Computer (ھاسىللاشقا)
فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
2011-11-26 16:29:56 گىلەم
مەن بۇ فىلىمىنى بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن . سىنارىيسى بولسۇن ۋەياكى فىلىم ئىشلەش جەھەتتىكى تېخنىكىسى بولسۇن ھەققىقەتەن ئادەمىنى قايىل قىلىدۇ . مەن بۇ فىلىمنى ھەر قېتىم كۆرۈۋاتقان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى Maya , Max لاردا مودىل ياساۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن . تېمىڭىزغا تەشەككۈر .
[Reply]
2011-11-27 07:42:38 كىگىز
ئەسسالام دوستوم ، بۇ كىنونى كورۇۋاتىمەن ، لىكىن بىرەر ئاۋاز يوق ، بەك ياخشى كىنودەك قىلىدۇ ، داۋاملىق كۆرەي ، سىلىگە ئامەت تىلەيمەن ، ھە راسىت ، مەن تور نامىراتچىلىقىدىن قۇتۇلدۇم ، ئەمدى كۆپرەك ئالاقىلىشىپ تورايلى .
[Reply]
ئاتەش Reply:
نويابىر 27th, 2011 at 11:14
يوقاپ كەتمەي، كېلىپ تۇرۇڭلار.
[Reply]