موغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ مەشھۇر قۇرۇلىشى. ھىندىستاننىڭ شىمالىي شىتاتىدىكى ئاگرا شەھرىنىڭ ئەتراپىدا. موغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ پادىشاھى شاھ جاھان ئۆزىنىڭ بانۇسى تاج ماھال ئۈچۈن سالدۇرغان قەبرە. 1631-يىلدىن باشلاپ ياسالغان،20يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن . ئاساسىي قۇرۇلۇش سەككىز بۇرجەكلىك چوڭ زال بولۇپ،ئۇ چاسا شەكىلدىكى ئۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان،ئېگىزلىكى 58مېتىر،ئۈستىدە دىئامېتىرى 17 مېتىر كېلىدىغان دۈگىلەك گۈمبەز بار. تۆت بۇرجىكىدە ئېگىزلىكى 41مېتىر كېلىدىغان مۇنار بار. ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن مەسچىد بار، ئالدىدا گۈللۈك ۋە كۆلچەك بار، پۈتۈنلەي ئاپئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان، تاملىرىغا ھەرخىل رەڭدىكى ياقۇت ئورنىتىلغان. زالنىڭ ئىچىگە مەرمەر تاشتىن نەقىشلەر ئويۇلغان. ئىچىگە يالغان قەبرە گۈمبىزى ياسالغان، ھەقىقى قەبرە يەر ئاستىدىكى قەبرە ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ياسىلىشى گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك. ھىندىستاندىكى ئىسلام ئىمارەتلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
====================================
موغۇل ئىمپېرىيسى – ھىندىستاندىكى ئىسلام دۆلىتى. 1526-يىلى، تېمۇرنىڭ ئەۋلادى بابۇر دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن قۇرغان. «موغۇل» (Mughal ) دېگەن سۆز «موڭغۇل» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرگەن ئاھاڭى. ببۇر ئۆزىنى موڭغۇل دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر، ئانا جەمەتى موڭغۇل قېنىدىن بولىشى مۇمكىن)، تارىختا ئۇنىڭ دۆلىتى موغۇل ئېىمپېرىيسى دەپ ئاتالغان.(قىسقارتىلدى)
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار «ئوكيانۇس»(ھەقسىز) لۇغىتىدىن ئېلىندى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش