روزى ئىلى 1960-يىلى 4- ئايدا قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزىسىنىڭ كۆلچەك بېشى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان .1977-يىلى 10-ئايدا قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزىسىدا خەلق ئوقۇتقوچىسى بولغان .1983-يىلى قەشقەر دارىل موئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ،قەشقەر شەھەرلىك ئايرىدۇرۇم مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان .1988-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇشنى تاماملاپ مەخسۇس كۇرۇس ئوقوش تارىخىنى ھازىرلىغان .1990-يىلى قەشقەر شەھەرلىك ئايرىدۇرۇم مەكتەپتە ئىلمىي مۇدىر ،1996-يىلى مەكتەپ مۇدىرى بولغان .2004-يىلى قەشقەر شەھەرلىك 15- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى بولغان .2009-يىلى قەشقەر شەھەرلىك 17-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى بولغان .ھازىرغىچە شۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلمەكتە .
1985-يىلىدىن باشلاپ پىشقەدەم خەتتاتلاردىن تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ،ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرگەن .ئۇنىڭ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن سىرىت ،كۆپ قېتىم كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن .4-قېتىم مەكتەپ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، ئوقۇتقوچى-ئوقوغوچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .2-دەرىسخانا پائالىيىتى ئارقىلىق كۆپلىگەن ھۆسنىخەت ھەۋەسكارلىرىنى يېتىشتۈرگەن .ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .
مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە ماتىرياللار كەڭ ساي تورىدىن ئېلىندى . www.kangsay.com
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش