بۈگۈن كومپيۇتېردىكى ماتېرىياللارنى رەتلەۋىتىپ، Photoshop نىڭ سۇدىكى شولا ئۈنۈمىنى چىقىرىدىغان سۈزگۈچى(قىستۇرمىسى)- Flood 1.04 ئالدىمغا ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىر بولاي دەپ ئويلاپ، توردىن ئىزدەپ، خەنزۇچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى تېپىپ يوللاپ قويدۇم. بۇ قىستۇرمىنى مۇۋاپىق ئىشلەتسەك، لايىھەلىرىمىزدە ئۆزگىچە ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزدە گەپ يوق.
قىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقامسىز؟
چۈشۈرۈش
2012-03-04 04:50:14 گىلەم
بولىدىغان قىستۇرما ئىكەن جۇما…
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 4th, 2012 at 05:12
راست، ئوبدان قىستۇرما بۇ. ps يېڭى ئۈگۈنۈشنى باشلىغان چاغدا «جىسىمنىڭ ئەينەكتىكى شولىسىنى چىقىرىشنى ئۈگۈنىمەن» دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ، ئالدىمغا ئۇچراپ قالغان.
[Reply]
2012-03-04 16:59:58 كىگىز
ئاخسا قىستۇرمىكەن كاساپەت . ئاتەش بۇرادەر ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق قانداق دەيسىلەر .
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 5th, 2012 at 02:47
بولىدۇ، مەن دوستانە ئۇلىنىشقا قوشىۋەتتىم ئەمسە.
[Reply]
2012-03-07 16:41:15 3#
ئاتەشكە نىمىشقا بۇرۇنراق كىرمىگەندىمە .مۇنۇ يېڭىلىقتىن قۇرۇق قالغىلى تاس قاپتىمە جۇما.
[Reply]
2012-03-12 09:52:43 4#
بۇ قىستۇرمىنى قانداق قاچىلاپ، ئۈنىمىنى نەدىن قوشىمىز ؟
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 12th, 2012 at 12:17
photpshop cs3 تە ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. ئالدى بىلەن قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن، Flood-104.8bf دېگەن ھۆججەتنى photpshop cs3 قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى «قىستۇرما» دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە كۆچىرىمىز.
يەنى: C:\Program Files\Adobe Photoshop CS3\Plug-Ins نىڭ ئىچىگە.
2. photpshop cs3 نى قوزغۇتۇپ، ئۆزىمىز خالىغان رەسىم ھۆججىتىدىن بىرنى ئېچىپ، 滤镜 نىڭ ئىچىدىن flaming pear __ flood نى باسساقلا بولىدۇ.
ھە، راست، جەزىملەشتىن بۇرۇن، ئاچقۇش ھۆججەت ئارقىلىق تىزىملىتىۋىتىمىز. (ئاچقۇچ ھۆججەت قىستۇرما بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن، Flaming Pear_key.exe دېگەن ھۆججەت شۇ)
[Reply]
2012-03-22 00:12:53 5#
رھەمەت ساڭا، بىر ھۈنەرلىك بوپ قالىدىغان بولدۇم .
[Reply]