ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار، كەسىپداشلار.
ھەممەيلەننىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى. شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېكىتىمىز، بۇقېتىملىق پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات سۈرەتلىرىنى ئىشلەپ چىقتۇق.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، يۈكسەل بلوگىغا مەرھەمەت.
1. پائالىيەتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك ئېلان لايىھىسى: (سۈرەتنى چەكسىڭىز ئەسلى چوڭلۇقتىكى سۈرەتكە ئۇلىنىدۇ)
2. ئۈچ ئۆلچەم لايىھىسىگە ئىشلەتكەن چاپلىما رەسىم:
2. مۇنبەر ۋە بلوگلارغا قىستۇرۇشقا ئىشلەنگەن ھەرىكەتلىك ئېلانلار:
2011-12-12 17:54:29 گىلەم
كارامەتلىرى باردە، ئاتەش بۇرادەر، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تۈزۈكرەك رەسىم تاپالماي يۈرەتتىم، مانا ئەمدى تېخىمۇ ئۇز چىقىپتۇ پائالىيەت رەسىملىرى
[Reply]
ئاتەش Reply:
دېكابىر 13th, 2011 at 03:15
قالغىنى شاھ ھەزرەتلىرىگە يارىغان بولسا، خىلى يامان ئەمەس بولغان ئوخشىمامدۇ؟ (چاقجاق)
[Reply]
2011-12-18 09:44:59 كىگىز
ئاتەشنىڭ لايىھەلىرى ھەقىيقەتەنمۇ ئېسىل چىقىپتۇ. ئېسىل!
[Reply]