CorelDRAWGraphicsSuite _ كانادا Corel شىركىتىنىڭ تەكشىلىك لايىھىلەش يۇمشاق دىتالى بولۇپ، Corel شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ۋېكتورلۇق سۈرەت ئىشلەش قورال يۇمشاق دىتالى.
بۇ دىتال لايىھىلىگۈچىلەرگە ۋېكتورلۇق ھەرىكەت، بەت يۈزى لايىھىلەش، تور بەت ياساش، بىتلىق سۈرەت تەھرىرلەش ۋە تور بەت ھەرىكەتلىك رەسىملىرىنى ئىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، يۇمشاق دىتال ئىككى تۈرلۈك رەسىم سىزىش ئەمەلىي پروگراممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى ۋېكتورلۇق سۈرەت ۋە بەت يۈزى لايىھىلەشكە، يەنە بىرى سۈرەت تەھرىرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئەڭ يېڭى نەشىرى: CorelDRAW X6
كەمىنىمۇ بۇ دىتالنىڭ نامىنى خىلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ، بىراق ئۆگىنىشكە تازا ئىتبار بەرمەپتىكەنمەن، يېقىندا توردا CorelDRAW نىڭ بىر يۈرۈش دەرسلىكلىرى ئالدىمغا ئۇچراپ قىلىپ، چۈشۈرۋالغان ئىدىم. دەرسلىكلەرنى كۆرۈپ، يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ، بۇ دىتالغا شۇنداق ئامراق بولۇپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن كەڭ كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن مەقسەتتە بۇ يەرگىمۇ ئېلىپ كەلدىم. قىنى سىزمۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
ئالدى بىلەن CorelDRAW X4 نى چۈشۈرۈڭ.
ئەمدى بۇ يەردىن CorelDRAW X4 دەرسلىكلىرىنى تاللاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
2012-05-19 09:14:41 گىلەم
رەھمەت سىزگە جاپا تارتىپسىز . بۇ دېتالنىڭ يېشىل نەشىرىمىكەن .
[Reply]
ئاتەش Reply:
ماي 19th, 2012 at 14:24
ياق، قاچىلايدىغان نۇسخىسىكەن، مەنمۇ قاچىلاپ شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
[Reply]