قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتىتى 2007-يىللىق 3- 4- سىنىپ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ سەنئەت كۆرگەزمىسى ئىچىلدى.
پائالىيەت ۋاقتى : 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۇندىن 26-كۇنگىچە (ماي بوياق كۆرگەزمسى )
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۇندىن 28-كۇنگىچە (جۇڭگۇچە رەسىم كۆرگەزمسى )
پائالىيەت ئورنى : قەشقەر مەدەنيەت سارىينىڭ 3- قەۋەت كۆرگەزمە زالى
2012-05-28 15:36:53 گىلەم
ئىلگىرى جۇڭگۇچە رەسىم ئەسەرلىرىنى خىلى كۆپ كۆرگەن بولساممۇ، بىۋاستە جۇڭگۇچە رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشمىغان ئىكەنمەن. بۇ قېتىم بۇ كۆرگەزمىنى بىۋاستە كۆرۈپ، جۇڭگۇچە رەسىمگە بولغان چۈشەنچەم يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى دەپ قارايمەن.
كۆرگەزمىدىكى ئەسەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم:
ئەسەرلەردە تېخنىكا ماھارەت ياخشى گەۋدىلىنىپتۇ، جۇڭگۇچە رەسىم تىلى بىلەن مىللى مەدەنىيەت ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. بولۇپمۇ تۇرمۇشىمىز، مەدەنىيتىمىز تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردە.
تەكلىپ- پىكىر:
مىللى ئوبرازلارنى جۇڭگۇچە رەسىم بىلەن سىزغاندا چىراي ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە.
تەۋسىيە:
تۇردى ئىمىن مۇئەللىم ۋە نۇرمۇھەممەد ئابلىز مۇئەللىمنىڭ جۇڭگۇچە رەسىم ئەسەرلىرى.
[Reply]