مۇختەر ياسىن ئەپەندىنىڭ گۈزەل سەنئەت مەخسۇس لىكسىيىسى

2012-05-20 03:26 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 135 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

بۇ لىكسىيە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور- مۇختەر ياسىن ئەپەندىنىڭ 2011- يىلى 3- ئايدا پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىغا سۆزلىگەن مەخسۇس گۈزەل سەنئەت لىكسىيىسى بولۇپ، بۇ لىكسىينىڭ مەزمۇنىدىن  كەڭ كەسىپداشلارنىمۇ خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدۇق.

مۇشۇ يازما مۇناسىۋىتى بىلەن مۇختەر ياسىن ئەپەندىگە، بۇ لىكسىيەنى ئۇيۇشتۇرغان پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى مەدەنىيەت- مائارىپ ساھەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا، رەھبىرىي يولداشلارغا، شۇنداقلا لىكسىيىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان «كۆرەش ياقۇپ رەسىمخانىسى» غا «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

مۇختەر ياسىننىڭ تەرجىمىھالى

مۇختەر ياسىن ، ئۇيغۇر ، 1961-يىلى تۇغۇلغان . 1988-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان . 1989-يىلى مەركىزىي گۈزەل-سەنئەت ئىنستىتۇتى رەسساملىق ياردەمچى ئوقۇتۇش ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان . 1999-يىلى بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنۋېرسىتېتى چەتئەل تىلى مەركىزىدە ئىتالىيان تىلى ئۆگەنگەن . 2000-يىلى ئىتالىيە فىلورېنسىيە گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان ، 2008-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان . نۆۋەتتە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، پروفېسسور ، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى . جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى .

ئەسەرلىرى :
مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رەسىم كۆرگەزمىسى ، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ، يېڭى ئەسىرگە يۈرۈش __ جۇڭگو ياشلار ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش رەسىم كۆرگەزمىسىگە تاللانغان ؛ 2001-يىلى 7-ئايدا ئىتالىيىنىڭ فىلورېنسىيىدە ۋە شۇ يىلى 11-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ مادرىدتا شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان . ئۇندىن باشقا يەنە 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم مەنزىرە ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرەكلەرگە ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلغان . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن < ئاپتاپلىق شەھەر > 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى < نادىر ئەسەر > مۇكاپاتىغا ؛ < بازار > ، < ئاپتاپ > قاتارلىق ئەسەرلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىدە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە < گۈزەل-سەنئەت > ، < جۇڭگو ماي بوياق رەسىملىرى > قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان .

ئەسكەرتىش: ئەگەر مۇختەر ياسىن ئەپەندىنىڭ ۋە «كۆرەش ياقۇپ رەسىمخانىسى» نىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا مەزكۇر سىننى بېكىتىمىزدىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

رەسسامنىڭ تەرجىمھالى «ئىز تورى» دىن ئېلىندى. 

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.

Content Protected Using ئامانلىق قوغدىغۇچى By: PcDrome.