دىسكا ئاتقۇچى(ئاپتۇر : مىلون)
ئېگزلىكى cm152، رىم دۆلەتلىك مۇزېيى،ۋاتىكان مۇزېيى قاتارلىق جايلاردا ساقلانماقتا ، ئەسلى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450-يىلى مىلون بىرونزا (تۇچ)دىن ياسىغان بولۇپ ،ئەسلى نۇسخىسى يوقاپ كەتكەن،ھازىرقى نۇسخىسى تەقلىدىي (كۆچۈرۈپ) ياسالغان.
ھەيكەلگە دىسكا ئېتىۋاتقان تەنھەركەتچىنىڭ قىياپىتى تاللانغان بولۇپ ،بۇ خۇددى دىسكا ئېتىشنىڭ ئالدىنقى بىر پەيتىدىكى تۈمەنلىگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتىلىىق توختىتىپ قويۇلغان ھالەتكە ئوخشايدۇ.
تەنھەركەتچىنىڭ ئوڭ قولى دىسكىنى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ،پۈتۈ بەدەننىڭ ئىغىرلىق كۈچى ئوڭ پۇتقا چۈشكەن،سول پۇت بارماقلىرى يەرگە تىرەلگەن،تىز قىسمى كەڭ بۇلۇڭ شەكىلدە ئىگىلگەن ھالەتتە بولۇپ ،پۈتۈن شەكىل بىر خىل جىددىي ئېتىلىش كۈچى ۋە ئېلاستىك تۇيغۇ بېرىدۇ، پۈتۈن بەدەن شەكلى جىددىي بولسىمۇ بۇ يۇقىرى قىسىم ۋە باش قىسىمنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ئىپادىلەنگەندىن باشقا ،پۇت تەرەپ كىشىگە مۇقۇم ،سالماق تەسىر بېرىدۇ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش