ئىلاۋە: تور دۇنياسىدا ،بولۇپمۇ كومپيۇتېر گىرافىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار،قىزىقىدىغانلار ئىچىدە «پەخىردىن قارلۇق»نى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك.(شەخسىي چۈشەنچەم)
جۈملىدىن مەنمۇ پەخىردىننىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تور دۇنياسى ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلى ئارقلىق تونۇشقان ھەم مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن قايىللىقىنى قوزغايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتىلىك «ئۇستازلىرىمىز»سەھىپىسىدە پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئىش –ئىزلىرى توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.
بۇ يازمازمىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر گرافىكى سەنئىتىنىڭ باشلامچىسى،ئۇستاز – پەخىردىن قارلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا يەنىمۇ زور مۇۋاپىقيەتلارنى تىلەيمەن.
پەخىردىن قارلۇق1981-يىلى9-سېنتەبىردە تۇغۇلغان.1994-يىلى BasicۋەAssemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن.1996-يىلى7-ئايدىن1997-يىلى8-ئايغىچەئەقلى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە،1997-يىلى8-ئايدىن1998-يىلى11-ئايغىچەپەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسىي بولغان«قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان.2000-يىلى3-ئايغىچە خەنزۇچەUCDOS-7.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOSمۇھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتبەئە،جەدۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پروگراممىسىUyghur-Word، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكايۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن.2000-يىلى3-ئايدىن باشلاپ نىشاننى3D كومپيۇتېر گرافىك ساھەسىگە قارىتىپ،رايۇنىمىزنىڭ كومپيۇتېر گرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇن تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرغان. بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكاتەتقىقات مەركىزى،CG PowerۋەDays of view قاتارلىق شىركەتلەردە CCTV-4،CCTV- 9 ،CCTV-8 بېيجىڭ ۋە تىيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى،3D كۆرۈم ئېففىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يىتەكچىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
پەخىردىن قارلۇق- قارلۇق مېدىيا تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى،رايۇنىمىزنىڭ3D كومپيۇتېر گرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجىرىبىخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە3D تەقلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە تەرجىمھال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى»نىڭ2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.
2010-07-16 18:05:45 گىلەم
پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ خىرزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
[Reply]