ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار، كەسىپداشلار.
ھەر قايىسىڭلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۇ قېتىم ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى، دەۋرىم تورى، كىتابپۇرۇش بلوگى قاتارلىق تور بېكەتلەر «نورۇز» نى تەبرىكلەش مەقسىتىدە «2012- يىللىق 3D ئەسەلەر ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق، گەرچە تەسىس قىلىنغان مۇكاپات قىممىتى نىسبەتە تۆۋەن، مۇكاپات سانى ئاز بولسىمۇ ئازبولمىغان كەسىپداشلار بۇ ئىشقا قوللاش نەزىرىدە قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىگە كۆپ كۈچ چىقاردى. ئەسلى سەنئەت ئەسەرلىرىگە قارىتا باھالاشنىڭ ئۆزىمۇ تازا ئاقىلانىلىك بولمىسىمۇ، لىكىن دەسلەپتە دېيىلگەندەك ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلدى.
باھالاشتا ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى، تېخنىكىسى .. قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، باھالاندى.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەسەرلىرىنى باھالىغۇچىلار:
ئەرشىدىن رىشىت (راشىد) ئەپەندى، «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گوروپپىسى» دىن ئىسكەندەر ئىسمائىل(ئىلچىن)
3D ئەسەلەرنى باھالىغۇچىلار:
«قارلۇق مېدىئا تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» دىن ئېلى مامۇت ئەپەندى، «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گوروپپىسى» دىن ئابدۇلېتىپ ئىسلام(ئاتەش)
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەسەرلىرىدىن دەرىجىگە ئىرىشكەنلەر:
1- دەرىجە: يۇنۇس قۇددۇس (تەبرىزى)
2- دەرىجە: مۇھەممەد ئېلى يۈسۈپ
3- دەرىجە: ئۆمەر ئوسمان (سەبرى) ، ئابدۇسەمەت ئوسمان
3D ئەسەلەردىن دەرىجىگە ئىرىشكەنلەر:
1- دەرىجە: مەمەتجان ھەمدۇللا
2- دەرىجە: ئىبراھىم نىياز
3- دەرىجە: سادىقجان (يىگانە يىگىت) ، دىلمۇرات ئوسمان
مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۇسۇلى:
1- نەق پۇل:
1- دەرىجىگە ئىرىشكەن ئاپتورلارنىڭ نەق پۇل مۇكاپاتىنى «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گوروپپىسى» تەمىنلەيدۇ.
2- 3- دەرىجىگە ئىرىشكەن ئاپتورلارنىڭ نەق پۇل مۇكاپاتىنى «دەۋرىم تورى» تەمىنلەيدۇ.
2- ماددى بويۇملار:
1) بۇ قېتىملىق بىرلەشمە كۆرگەزمىنىڭ خاتىرە بويۇمىنى «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گوروپپىسى» تەمىنلەيدۇ.
2) ئاۋازلىق ئەسەلەرنىڭ ئوپتىك دېسكا نۇسخىسىنى «دەۋرىم تورى» تەمىنلەيدۇ.
3) قەشقەر ھېيتگاھ تەڭرىتاغ كىتابخانىسىنىڭ كىتاب سېتىۋىلىش ئىتبار كارتىسىنى «كىتابپۇرۇش بلوگى» تەمىنلەيدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
«ئاتەش گۈزەل سەنئەت تور گوروپپىسى» 1511919501 506206291 QQ:
«دەۋرىم تورى» ihlasman@gmail.com 745142343 : QQ
«كىتابپۇرۇش بلوگى» 191756245 : QQ
مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى:
2012- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بولىدۇ. شۇڭا ئاپتورلارنىڭ نەق پۇل ۋە ماددى بويۇملارنى نەقلەشتۈرۈشكە كېرەكلىك بولغان بانكا كارتا نۇمۇرى، ئېنىق ئادېرىس قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىشىنى سورايمىز.
ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان دەۋرىم تورى، كىتابپۇرۇش بلوگىغا، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ خاتىرە بويۇمىنى تەمىنلىگەن ئابدۇساتتارجان ۋە سابىرجانلارغا، ئېلان- تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەمكارلاشقان ئىنتىل تورى غا ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئەسەرلەرنى باھالاشقا قاتناشقان ئەرشىدىن رىشىت (راشىد) ئەپەندى، ئېلى مامۇت ئەپەندىلەرگە ، سورۇننى كىچىك كۆرمەي قىزغىنلىق بىلەن ئەسەر قاتناشتۇرغان ئاپتورلارغا «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نامىدىن چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
2012-03-26 08:27:42 گىلەم
مۇبارەك بولسۇن . بۇ پائالىيەتكە ئاكىتىپ قاتنىشىپ ئەسەر قاتناشتۇرغان ھەر بىر ئەزانى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن .
[Reply]
2012-03-31 11:51:26 كىگىز
ئاۋۇ خاتىرە بۇيۇمنى بەك ياقتۇردۇم ! بەك ئىسىل چىقىپتۇ ! تور بەتلەرنىڭ ئادىرىسى سەل چوڭ بوپ قاپتۇ ، كىچىكرەك بولغان بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل بوپ كەتكۈدەك !
[Reply]
ئاتەش Reply:
مارت 31st, 2012 at 16:38
ئەسلى تور بەت نامىنى ئۇنىڭدىن كىچىك قىلغان، لىكىن ئويىغاندىن كېيىن خەتنى پەرق ئەتكىلى بولماسمكىن دەپ مەقسەتلىك ھالدا خەت چوڭلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتتۇق.
[Reply]
2012-04-07 14:28:03 3#
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
بۇ قىتىملىق پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولسىمۇ، لىكىن كىتابخانىمىز ۋەدە قىلغان مۇكاپاتنى يەتكۈزۈپ بىرەيلى دىسەك، 3د ئەسەرلەر بويىچە 1-بولغان مەمەتجان ھەمدۇللا بۇرادىرىمىزدىن باشقىلاردىن تىخىچە خەۋەر يوق، بولسا ھەممەيلەننىڭ كىتابلىرىنى بىر قىتىمدىلا سىلىۋەتسەك ياخشى بولاتتى .
مۇكاپاتلانغان ئەزىمەتلەرنىڭ تىزراق بىز بىلەن ئالاقىلىشىنى سورايمىز .
كامالىي ئىھتىرام بىلەن: قەشقەر »ھېيتگاھ» تەڭرىتاغ كىتابخانىسى
[Reply]